يېڭى جاۋابلار
ئىسلامدا ھېيتنى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
ئىسلام دىنىدا بىر-بىرىنى ھېيت بايرىمىدا تەبرىكلەش رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئالاھىدە سالام بېرىش بەلگىلەنگەن ئەمەس. بەلكى، كىشىلەر ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ قىلىپ كېلىۋاتقان سالام، تەبرىكلىرىنى قىلسا بولىدۇ. ساھابىلەرنىڭ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بىر-بىرىنى ھېيت بايرىمىدا «ئاللاھ بىزدىن ۋە سىلەردىن ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن» دەپ تەبرىكلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ھېيت نامىزىدىن كېيىن قول ئېلىشىپ ۋە قۇچاقلىشىپ تەبرىكلىشىشنىڭ ھېچقانداق خاتاسى يوق، چۈنكى كىشىلەر بۇنى ئىبادەت قىلىش ياكى ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئادەت، ھۆرمەت ۋە ئىززەتنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە قىلىدۇ. ھەرقانداق ئادەت ئىسلام پىرىنسىپىدا چەكلەنمەيدىكەن بۇ ئادەت ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇق ھالىتىدە بولىدۇ.ساقلاشئەقىقە نىيىتى قۇربانلىققا كۇپايە قىلامدۇ؟ ياكى قۇربانلىق نىيىتى ئەقىقىگە كۇپايە قىلامدۇ؟
قۇربانلىق قىلىنىدىغان بىر ئۇلاغقا ئەقىقە ۋە قۇربانلىق نىيىتىنى بىرگە قىلسا، كۇپايە قىلامدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى پەرقلىق ئىككى قاراشتا بولدى: بىرىنچى قاراش: ئۇ ئىككىسىگە كۇپايە قىلىدۇ، ئىككىنچى قاراش: ئۇ ئىككىسىگە كۇپايە قىلمايدۇ، بىزگە مەلۇم بولغىنى مۇشۇ، ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. قۇربانلىق قىلىنىدىغان بىر ئۇلاغقا ئەقىقە ۋە قۇربانلىق نىيىتىنى بىرگە قىلسا، كۇپايە قىلىدۇ دېگەن قاراشنى شەيخ مۇھەممەد بىن ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ تاللىغان.ساقلاشھېيت نامىزى ئۈچۈن جامائەتنىڭ مەلۇم ساندا بولىشى شەرت قىلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا
پىقھى ئالىملىرى: ھېيت نامىزى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان سان توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى، ھەنبەلى مەزھىبىدىكىدەك قىرىق دېگەن ۋە شائىپى مەزھىدىكىدەك يالغۇز بولسىمۇ بولىدۇ دېگەن قاراشلار بولدى. بۇنىڭدىكى كۈچلۈك قاراش: ئۈچ كىشى بولسا بولىدۇ.ساقلاشقۇربانلىق گۆشنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى پىشۇرۇپ مېھمانلارغا قويسا، بۇ ئۈنى ھەدىيە قىلغاننىڭ ئورنىدا بولامدۇ؟
ساقلاشھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا
ھەنەپى، مالىكى ۋە ھەنبەلى ئۆلىمالىرىدىن بولغان كۆپچىلىك ئالىملار، ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندىن كېيىن باشلىنىپ زاۋالنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى بولسا، ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ كۈن چىققاندىن باشلاپ كۈن ئېگىلگىچە بولىدۇ دېدى.ساقلاشچارۋىلاردىن باشقىسىنى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
ساقلاشزۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئۈچۈن بۇ كۈنلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ۋەقەلەر بولغانمۇ؟
سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى توققۇز كۈنىدە رۇزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇئەييەن ۋەقەلىكلەر ئىسپاتلانمىغان، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىدىن توقۇلغان يالغان ھەدىسلەردۇر. ئەمما ئون كۈننىڭ پەزىلىتى، ئارتۇقچىلىقى ئۇ كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش بولۇپمۇ روزا تۇتۇش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، بىر كۈننىڭ پەزىلەتلىك بولىشى ئۈچۈن ئۇ كۈندە مۇئەييەن بىر ۋەقەلىكلەرنىڭ بولىشى ياكى بۇ كۈننىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار بولىشى كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كۈننى باشقا كۈنلەردىن پەزىلەتتە ئارتۇق قىلغانلىقى كۇپايە قىلىدۇ.ساقلاشقائىدە: " ئەسلىدە يۈز بەرگەن نەرسە ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ۋاقتىغا قېتىلىدۇ " دېگەن شەرئىي قائىدە توغرىسىدا
ساقلاشجۇنۇپ ھالەتتە تاۋاپ قىلغان كىشى توغرىسىدا
ساقلاشيىلنىڭ ھەر قانداق ۋاقتىدا ئۆمرە قىلسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
ساقلاش