بىرىنچى: زىبۇ-زىننەتلەر سەكسەن بەش گىرامدىن (85 گىرامدىن) ئىبارەت بولغان زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، ئۇنىڭغا تولۇق بىر يىل توشسا، ئۇنىڭدا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ، لېكىن زاكات بېرىدىغان مالغا ئىنسان تولۇق بىر يىل ئىگە بولغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، يىل ئارىسىدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىدىن ئازلاپ كەتسە، ئۆلچەمگە يەتكەندە يىلنى يېڭىدىن باشلايدۇ.
ئىككىنچى: مۇبادا سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، زاكات بېرىش ئۆلچىمىدىن بىر قانچە گىرام كام بولۇپ قالسا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كاملاپ كەتكەن بولسا، زاكات ئۆلچىمىنى ھېسابلاشتا يىلنى يېڭىدىن باشلامدۇ ياكى ئازراق كاملاپ كەتكەنلىك ئېتىبارغا ئېلىنمامدۇ؟.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالتۇن، كۈمۈشتە زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشى ئۈچۈن ئىختىلاپسىز ئۇنىڭغا تولۇق بىر يىل ئىگە بولغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا يىگىرمە مىسقال ئالتۇنغا ئىگە بولۇپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئازراق كاملاپ كېتىپ بىرىنچى يىل ئۈزۈلۈپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يەنە تولۇق بولغان بولسا، ئۇنىڭغا ئۆلچەمگە يەتكۈدەك مىقدارغا ئىگە بولغاندىن باشلاپ تولۇق بىر يىل ئۆتمىسە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ". [ئەل مەجمۇ 5-توم 491-بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر زاكات ئۆلچىمىدىن بىر گىرام ياكى يېرىم گىرام كاملاپ كەتسە، بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ... بۇ بىزنىڭ مەزھىبىمىز(شاپىئى مەزھىبى) ۋە كۆپچىلىك ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن.
ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىككى يۈز دىرھەم تەڭگىدىن بىر-ئىككى تەڭگە كاملاپ كەتسە، ئۇ كەڭ قورساقلىق قىلىدىغان ئىش، ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ. [ئەل مەجمۇ 5-توم 490-بەت].
"ئەل كاپىيدا" مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر زاكات ئۆلچىمىدىن بىر-ئىككى تەڭگە كاملاپ كەتسە، زاكاتنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن ھەدىسلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، خەرقىينىڭ سۆزىنىڭ كۆرۈنۈشىچە: ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ".
بىزنىڭ مەزھىبىمىزدىكى خەرقىيدىن باشقا ئالىملار: ئۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ چۈنكى يىلنىڭ توشۇشىدىن مەلۇم ۋاقت كاملاپ كەتكەنلىك دېگەن بۇنىڭدىكى زاكات ۋاجىپ بولماسلىقنى بېكىتمەيدۇ دەيدۇ".
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئېنىق بولغىنى، خەرقىينىڭ سۆزى توغرىدۇر، شەرىئەت زاكاتنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىپ بەرگەندىن كېيىن، بىز شۇ ئۆلچەمگە مۇراجىئەت قىلىمىز چۈنكى بىر-ئىككى تەڭگىنىڭ كام بولىشى بەزىدە ئۇنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ، توغرىسى، بۇ يەردە بەلگىلىمە يېقىنلاشتۇرۇش ئەمەس بەلكى بېكىتىشتۇر". [كاپىينىڭ شەرھىسىدىن ئېلىندى].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: زىبۇ-زىننەتلەر زاكات ئۆلچىمىدىن ئازراق بولسىمۇ كېمىيىپ كەتسە، بۇنىڭ بىلەن يىل ئۈزۈلىدۇ، ئىككىنچى قېتىم زاكات ئۆلچىمىگە يەتكەندە يىل يېڭىدىن ھېسابلىنىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا، ئەڭ ياخشىسى، ئالىم-ئۆلىمالار ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن چېقىش ۋە ئازراق كەملىكنى ئېتىبارغا ئالمايمىز دېگەن قاراش بويۇنچە زاكاتنى بېرىۋەتسە ياخشى بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.