قۇرئان كەرىم تۇرغان جايدا ئۇنىڭغا قانائەت قىلماي، تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق باشقا ساماۋى كىتابلارغا قانائەت قىلىش ئىككى تەرەپتىن توغرا بولمايدۇ:
بىرىنچى: ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان ھەر قانداق نەرسىنى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلدى.
ئىككىنچى: قۇرئان كەرىمىدىكى ھۆكۈم، ۋەز-نەسىھەت ۋە باشقا تۈردىكى پايدا-مەنپەئەتلەر ئىنساننى ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىشتىن تولۇق بىھاجەت قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: نَزَّلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْه تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەق بىلەن نازىل قىلدى». [سۈرە ئال ئىمران 3 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنْ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ تەرجىمىسى: « ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان ئەھكامى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ساڭا كەلگەن ھەقتىن بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن». [سۈرە مائىدە 48 -ئايەت].
ئىلگىرىكى ساماۋى كىتاپلاردا بايان قىلىنغان ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمدە بار.
ئەمما سوئال سورىغۇچىنىڭ: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى بولغان ئىسا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان سۆزلىرىنى بىلىش ئۈچۈن دېگەن سۆزىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئىنجىلدا بىزگە پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇرئان كەرىمدە سۆزلەپ بەردى، ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنى قۇرئان كەرىمنىڭ غەيرىدىن ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھازىر بار بولغان ئىنجىللار ئۆزگەرتىلگەن، بۇنىڭ دەلىلى: بۇ ھەممە ئىتتىپاق كەلگەن بىر ئىنجىل بولماستىن، بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى، زىت بولغان تۆت ئىنجىلدىن ئىبارەتتۇر، ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋە تايىنىشقا بولمايدۇ.
ھەقتىن باتىلنى، توغرىدىن خاتانى ئايرىغۇدەك سەۋىيسى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ ئىتىقاد قىلغان ئېتىقادىنىڭ توغرا بولمىغان، باتىل نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ ئۇلارغا رەددىيە بېرىشى كېرەك.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.