ئىسلام مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىپ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا، مەككە مۇكەررىمەگە ۋەھىيىنى ئىلىپ چۈشۈش بىلەن باشلانغان، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا كىرگەن، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئون ئۈچ يىلى بۇرۇنقى رامىزان ئىيىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېدى. (ھىجرەت قىلىنغان ۋاقىت بولسا ھىجىرىيە تارىخىنىڭ باشلىنىش ۋاقتىدۇر). مىلادىيە تارىخىغا كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى مىلادىيە تارىخىغا كۆرە، مىلادىيە 608- ياكى 609-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.
بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن سالمان پارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىلىقىدا ئالتە يۈز يىل ئۆتكەن دەيدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.