كاتاگورىيە شەجەرەسى
ئاياق ۋە پايپاقلارغا سۈرتۈش(مەسھ قىلىش)
ئىككى ئاياغقا مەسىھ قىلغاندا بۇنى نىيەت قىلىش شەرت قىلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا
ئۆتۈك-مەيسە-پايپاقلارغا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن ئۇنى نىيەت قىلىش شەرت ئەمەس، ئەگەر ئۇ ئاياغلارنى تاھارەت ئالغاندىن كېيىن (يەنى تاھارەت ئۈستىگە) كىيگەن بولسا، ئەگەر ئۇ كىشى مۇقىم بولسا بۇنىڭغا بىر كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ، مۇبادا مۇساپىر بولسا ئۈچ كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ.ساقلاشئىككى پايپاققا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن پايپاقنى چوقۇم كامىل تاھارەت ئالغاندىن كېيىن كىيگەن بولىشى كېرەك
ساقلاشتاھارەت ئالغاندا ئىككى پۇتىنى يۇيۇش ۋاجىپ بولامدۇ ياكى مەسھى قىلىشمۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا
تاھارەتتە پەرز بولغىنى ئىككى پۇتىغا مەسھى قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۇيۇشتۇر. بۇ سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا تاپىنىنىڭ بىر قىسمىنى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنى تەنبىھلەپ: «ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدىغان تاپانلارغا ۋاي!» دېگەن، مانا بۇ ھەدىس ئىككى پۇتىنى يۇماي مەسھى قىلسا توغرا بولمايدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. تاھارەتنىڭ پەرزى بايان قىلىنغان ئايەت ھەر ئىككى قىرائەت بىلەن ئىزاھلانغاندىمۇ تاھارەتتە ئىككى پۇتىنى يۇماي مەسھى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى تاھارەتتە ئىككى پۇتىنى يۇيۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە ياكى قونجۇلۇق ئاياغ كىيگەن بولسا ئاياغنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.ساقلاش