-ئىككى پۇتىنى يۇيۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ھەدىستىن بولغان دەلىل.
تاھارەتتە ئىككى پۇتىنى يۇيۇش پەرزدۇر، مەسھى قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ، ساۋاقدىشىڭىزنىڭ: ئايەت ئىككى پۇتىغا مەسھى قىلىشنى بىلدۈرىدۇ دېگەن چۈشەنچىسى توغرا ئەمەس.
تاھارەتتە ئىككى پۇتىنى يۇيۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردە بىز بىلەن بىرگە ئېدى، بىر ئىش بىلەن كېچىكىپ قالدى، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى كېچىكىپ قالغىلى تۇردى، بىز تاھارەت ئىلىپ پۇتلىرىمىزغا مەسھى قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرى ئاۋازدا: «ئوتتا ئازابلىنىدىغان تاپانلارغا ۋاي! دەپ ئۈچ قېتىم نىدا قىلغان». [بۇخارى رىۋايىتى 163-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 241-ھەدىس].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ تاپىنىنى تولۇق يۇمىغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئوتتا ئازابلىنىدىغان تاپانلارغا ۋاي!» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 242-ھەدىس].
ئىبنى خۇزەيمە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر مەسھى قىلغۇچى شۇ ھالەتتە پەرىزنى ئادا قىلسا كۇپايە قىلىدىغان بولسا ئېدى، ئۇنىڭغا ئوت بىلەن ئازابلىنىش بايان قىلىنمايتتى".
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغانلىق سۈپىتىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر شەكىلدە كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغاندا پۇتىنى يۇغان، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتتىكى بۇيرۇقىنى روشەنلەشتۈرىدۇ. ساھابىلەرنىڭ ھېچ بىرى بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمىغان. ئەلى، ئىبنى ئابباس ۋە ئەنەس -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- قاتارلىق ساھابىلار بۇ قاراشتا بىرلىككە كەلگەن. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلا مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھەممىسى تاھارەت ئالغاندا ئىككى پۇتىنى يۇيۇشقا بىرلىككە كەلگەن. بۇنى سەئىد ئىبنى مەنسۇر بايان قىلغان". [پەتھيۇل بارى 1-توم 320-بەت].
-تاھارەتنىڭ پەرزى بايان قىلىنغان ئايەت ئىككى پۇتىغا مەسھى قىلىشنى بىلدۈرىدۇ دېگەن قاراشقا رەددىيە:
بۇ توغرىدا كەلگەن ئايەت بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدۇر: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُؤُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].
بۇ ئايەت ئىككى پۇتىغا مەسھى قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇنى بايان قىلىشتا، بۇ ئايەتتە ئىككى تۈرلۈك قىرائەت بار:
بىرىنجى قىرائەتتە: پۇتۇڭلارنى دېگەن ئايەتتىكى "لام" ھەرپى پەتھە(زەبەر) ئوقۇلغان بولۇپ، بۇ قىرائەتتە پۇت دېگەن سۆز يۈز دېگەن سۆزگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ، يۈز يۇيۇلغۇچى ئەزادۇر، ئۇنداق بولغان ئىكەن يۈزمۇ يۇيۇلغۇچى ئەزا بولىدۇ، ئەسلىدە ئايەتنىڭ لەۋزى "يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار ۋە بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار» دېگەن بولىدۇ، لېكىن تاھارەت ئالغاندا باشلىنىدىغان ئەزالارنىڭ تەرتىۋىنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پۇتىنى يۇيۇش بېشىغا مەسھى قىلىشتىن كېيىن كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭغا كۆرە تاھارەتتە: يۈز يۇيۇلىدۇ، ئاندىن ئىككى قول جەينەك بىلەن قېتىپ ئاندىن بېشىغا مەسھى قېلىنىدۇ، ئاندىن ئىككى پۇت يۇيۇلىدۇ". ["ئەلمەجمۇ" 1-توم 471-بەت].
ئىككىنچى قىرائەت: پۇتۇڭلارنى دېگەن ئايەتتىكى "لام" ھەرپى كەسىر(زىر) ئوقۇلغان بولۇپ، بۇ قىرائەتتە پۇت دېگەن سۆز باش دېگەن سۆزگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ، باش مەسھى قىلىنىدىغان ئەزادۇر، ئۇنداق بولغان ئىكەن پۇتمۇ مەسھى قىلىنىدىغان ئەزا بولىدۇ.
لېكىن سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان شەرتلەر تولۇق بولغاندا ئۆتۈك، قونجۇلۇق ئاياغ ياكى قېلىن پايپاقلارغا مەسھى قىلسا بولىدۇ. ["ئەلمەجمۇ" 1-توم 450-بەت. "ئەلئىختىيارات" 13-بەت].
بۇنىڭ بىلەن تاھارەتنىڭ پەرزى بايان قىلىنغان ئايەت ھەر ئىككى قىرائەتكە كۆرە، پۇتقا مەسھى قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، ھەقىقەتتە پۇتىنى يۇيۇشنىڭ پەرزلىكىگە ياكى شەرتلەر تولۇق بولغاندا ئۆتۈك، قونجۇلۇق ئاياغ ياكى قېلىن پايپاقلارغا مەسھى قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
-ئايەتتىكى مەسھى سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ پىكىرلىرى.
بەزى ئالىم-ئۆلىمالار پۇتۇڭلارنى دېگەن ئايەتتىكى "لام" ھەرپى كەسىر(زىر) ئوقۇلغان قىرائەتنى ئاساس قىلىپ، گەرچە پۇت يۇيىلىدىغان ئەزالاردىن بولسىمۇ ئۇنىڭ ھەققىدە مەسھى قىلىشنى زىكىر قىلىشتىن بولغان ھېكمەت: ئىككى پۇتىنى يۇغاندا سۇنى ئىسراپ قىلماستىن يەڭگىل ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ دېگەننى بىلدۈرمەكچى، چۈنكى ئادەتتە ئىككى پۇتىنى يۇغاندا سۇنى بەك ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ، ئايەت مەسھى قىلىشقا بۇيرىدى، بۇ بولسىمۇ، ئىككى پۇتىنى يۇغاندا سۇنى ئىسراپ قىلماسلىق دېمەكتۇر.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇ ھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 1-توم 186-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتتىكى مەسھى قىلىش دېگەن سۆز، يەڭگىل يۇيۇش دېگەنگىمۇ ئېھتىماللىقى بار سۆزدۇر. ئەبۇ ئەلىي پارىسى مۇنداق دەيدۇ:" ئەرەبلەر ئادەتتە يەڭگىل يۇيۇشنىمۇ مەسھى دەپ ئاتايدۇ، ئۇلار "تەمەسسەھتۇ لىسسالات" دەيدۇ، بۇنىڭدىن نامازغا تاھارەت ئالدىم دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ".
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى پۇتىغا مەسھى قىلىشنى زىكىر قىلىش بولسا، ئىككى پۇتىغا سۇنى ئاز قۇيۇپ يۇيۇش دېمەكتۇر، چۈنكى ئادەتتە ئىككى پۇتىنى يۇغاندا سۇ بەك ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ". ["مىنھاجۇس سۈننە" 4-توم 174-بەت].
يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە مەلۇمات ھاسىل قىلماچى بولغانلار تۆۋەندىكى سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلسۇن. 45788-9640- 11497.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.