ئىككى ئاياغقا مەسىھ قىلغاندا بۇنى نىيەت قىلىش شەرت قىلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سوئال 112323

ئاياغقا مەسىھ قىلغاندا بۇنى نىيەت قىلىش شەرتمۇ؟ بۇنىڭ مەنىسى:  مۇبادا مەن تاھارەت ئىلىپ ھوشۇقنى ياپىدىغان ئاياغنى كىيدىم، ئەمما يەنە بىر قېتىم تاھارەت ئالغاندا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشنى نىيەت قىلمىدىم-ئويلىمىدىم، مەن دەسلەپتە قونچلۇق ئاياقنى ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشنى نىيەت قىلماستىن پەقەت سىرتقا چىقىش ئۈچۈنلا كىيگەن بولسام، كېيىن تاھارەت ئالغاندا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلسام توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئۆتۈك-مەيسە-پايپاقلارغا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن ئۇنى نىيەت قىلىش شەرت ئەمەس، ئەگەر ئۇ ئاياغلارنى تاھارەت ئالغاندىن كېيىن (يەنى تاھارەت ئۈستىگە) كىيگەن بولسا، ئەگەر ئۇ كىشى مۇقىم بولسا بۇنىڭغا بىر كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ، مۇبادا مۇساپىر بولسا ئۈچ كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئۆتۈك-مەيسە-پايپاقلارغا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن ئۇنى نىيەت قىلىش شەرت ئەمەس، ئەگەر ئۇ ئاياغلارنى تاھارەت ئالغاندىن كېيىن كىيگەن بولسا، ئەگەر ئۇ كىشى مۇقىم بولسا بۇنىڭغا بىر كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ، مۇبادا مۇساپىر بولسا ئۈچ كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ.

ئۆتۈك-مەيسە-پايپاقلارغا مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 9640 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:  ئىككى ئاياغقا مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن مەسىھ قىلغاندا بۇنى نىيەت قىلىش شەرت قىلىنامدۇ؟، شۇنىڭدەك مەسىھ قىلىدىغان مۇددەتنىمۇ نىيەت قىلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " بۇيەردە نىيەت قىلىش ۋاجىپ ئەمەس، چۈنكى بۇ ھۆكۈم شۇ ئىشنىڭ تىپىلىشىغا ئالاقىدار بولغان ئىشتۇر، بۇنىڭ نىيەتكە ئېھتىياجى بولمايدۇ، قانداقكى، ئىنسان كىيىم كىيسە بۇنىڭ بىلەن نامازدا شۇنىڭدەك ئەۋرىتىنى يىپىشنى نىيەت قىلىش شەرت قىلىنمىغاندەك، ئۆتۈك-مەيسە-پايپاقلارنى كىيگەندىمۇ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشنى ۋە مەسىھ قىلىش مۇددىتىنى نىيەت قىلىش شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى، مۇساپىر بولسا نىيەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ئۈچ كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ، مۇقىم بولسا نىيەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن بىر كېچە-كۈندۈز مەسىھ قىلىدۇ".  ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى:  11 -توم 117 -بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئاياغ كىيىمگە مەسھى قىلىش

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android