
كاتاگورىيە شەجەرەسى
نىكاھ

غەيرى مۇسۇلمانلارغا دەۋەت قىلىش
كۆرۈش›


ساغلام ئەقىيدە
كۆرۈش›


ئىبادەتلەرقانۇنشۇناسلىقى(فىقھىسى)

تاھارەت

ناماز

زاكات
كۆرۈش›


روزا

ھەج

ھازىرقى زامان مۇئامىلىلىرى
كۆرۈش›


مۇسۇلمان ئايال

مەسلەھەتلەر
كۆرۈش›


مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەرقانۇنشۇناسلىقى(فىقھىسى)
كۆرۈش›


رامزان Q&A
كۆرۈش›


نىجاسەتنى يوقۇتۇش
كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا قانداق قىلىشى كېرەك؟
1-مۇسۇلماننىڭ نىجاسەتلەردىن يىراق بولۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشچە نىجاسەتتىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. 2-ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ يۇيۇنىشى كېرەك بولمايدۇ. 3-نىجاسەتنى يوق قىلىش دېگەن نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇننى نىجاسەتنىڭ ئەسىرى يوقالغانغا قەدەر يۇيۇش بىلەن بولىدۇ. 4-نامازنىڭ سەھىھ بولىشى ئۈچۈن نىجاسەتتىن پاك بولۇش شەرتتۇر. ئەگەر نىجاسەتتىن پاك بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ. 5-ئىنساننىڭ كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ، سۈيدۈك تېمىپ كەتكەن بولسا، نىجاسەت يۇقۇپ قالغان ئورۇننى نىجاسەت يوقالغانغا قەدەر يۇيۇش كېرەك، يۇيۇلماي قالغانلىرى بولسا ئەپۇ قىلىنىدىغان ئاز نىجاسەتنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. 6-ئىنسان نىجاسەتنى تازىلىدىمۇ ياكى تازىلىمىدىمۇ بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالسا، ھۆكۈم ئىشەنچىگە ئاساسەن بولىدۇ، نىجاسەت بار دېگەن ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولسا نىجاسەت بولىدۇ، پاكىزلىدىم دېگەنگە ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولسا پاكىزلىغان بولىدۇ، ئۆزىنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىپ، ئاندىن كىيىمگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغاندىمۇ دەپ شەكلىنىپ قالسا، ئۇ كىشىگە دېيىلىدۇكى: پاكلىق ئەسلى بولغاندىكىن پاكلىق ئىشەنچلىك بولىدۇ. 7-ئىنسان كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغانلىقىنى نامازدىن بىكار بولغاندىن كېيىن بىلگەن بولسا، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ. 8-كىيىمىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالغان كىشىنىڭ ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەمما قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ.ساقلاشتوڭگۇزنىڭ نىجاسىتىدىن قانداق پاكلىنىش توغرىسىدا
ساقلاش