بىرىنچى: تاھارەت ئالغاندا ئىككى بىلەكنى يۇيۇش بولسا تاھارەتنىڭ پەرىزلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئىككى بىلەك يۇيۇلمىسا ئالغان تاھارەت توغرا بولمايدۇ، بۇ قۇرئان كەرىم، ھەدىس شىرىپ ۋە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن بېكىتىلگەن.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاھارەت ئالغاندا ئىككى بىلەكنى يۇيۇش بولسا قۇرئان، ھەدىس ۋە ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن پەرىزدۇر". [ئەل مەجمۇ 1-توم 418-بەت].
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاھارەت ئالغاندا ئىككى قولىنى بىلىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىدە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئىككى قول ئىككى جەينەك بىلەن قېتىپ يۇيۇلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ تەرجىمىسى: «ئىككى قولۇڭلارنى ئىككى بىلىكىڭلار بىلەن قېتىپ يۇيۇۇڭلار». [ئەلمۇغنى 1-توم 85-بەت].
ئىلگىرى سىزگە بۇ سۆزنى دېگەن ئادەم ياكى دىندىكى ئاددى ئىشلارنىمۇ بىلمەيدىغان بىلىمسىز جاھىل بولۇشى ياكى سىز ئۇ كىشىنىڭ سۆزىنى تولۇق چۈشىنەلمىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن.
ھازىر سىزگە ۋاجىپ بولغىنى: ئاشۇ ئىشتىن ھاياتىڭىزدا مۇھىم بولغان دەرىسلەرنى ئۆگىنىش، دىنى ئىشلارنى پەقەت دىننى بىلىدىغان دىنى ئالىم دەپ تونۇلغان كىشىلەردىن سورايسىز، ئۇچرىغانلا كىشىلەردىن سورىمايسىز ياكى ھېچ نەرسىنى بىلمىسىمۇ دىن توغرىسىدا سۆزلىگەن كىشىلەردىن سورىمايسىز، ئاندىن سىزگە دېيىلگەن گەپكە ئۇنى تولۇق چۈشەنگىچە بەك دىققەت قىلىڭ، ئۇ ۋاقىتتا تولۇق ئاساسقا ئىگە بولىسىز.
ئىككىنچى: كىمكى ئىبادەتنىڭ شەرت ياكى پەرز ياكى ۋاجىپلىرىدىن بىرەرسىدىن ئۆزىگە پەرز بولغانلىرىنى بىلمەسلىكتىن تولۇق ئادا قىلمىسا، ئۇ كىشى بىلمىگەنلىك سەۋەپتىن ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، بىلمەسلىكتىن قىلغان ئىشلىرىغا گۇناھكار بولمايدۇ، بىلمەسلىكتىن ئادا قىلغان ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى (شەرىئەت دائىرىسىدە كەمچىلىك پەيدا بولغان) ئۇنى قايتىدىن ئادا قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ.
ئۇ، كىشىگە دەيدىغىنىمىز: كىمكى تاھارەت ئالغاندا، ئىككى بىلىكىنى ياكى باشقا يۇيۇش پەرز بولغان ئەزالاردىن بىرىنى يۇمىغان بولسا، ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە ئوقۇغان نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا بۇيرىغاندەك تاھارەت ئالمىدى، لېكىن ئۇ كىشى بۇنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىبادەتلەرنى بولۇپمۇ كۈندە بەش قېتىم تەكرار ئوقۇلىدىغان نامازلارنى قايتىدىن ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن مۇسۇلمان كىشى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ دىنى ئىشلىرىدا بىلمىگەن ئىشلىرى بولسا، ئۇنى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان شەكىلدە بىلىپ، ئىشەنچ بىلەن ئادا قىلىش ئۈچۈن دىنىغا ۋە ئىلمىگە ئىشەنچ قىلىدىغان ئالىملاردىن سورىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا يەنىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 21806 - 45648 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئۈچىنچى: ئەمما تاھارەت ئالغاندا ئېغىزىنى چايقاش ۋە بۇرنىغا سۇ ئېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان كۈچلۈك ئىختىلاپ بار، كۆپچىلىك ئالىملار تاھارەت ئالغاندا ئېغىزىنى چايقاپ بۇرنىغا سۇ ئېلىشنى ۋاجىپ دەپ قارىمايدۇ.
بىزنىڭ تور بېتىمىزدىكى تايىنىدىغان پەتىۋادا: تاھارەت ئالغاندا ئېغىزىنى چايقاش ۋە بۇرنىغا سۇ ئېلىشنىڭ ھۆكمى پەرز دەپ بايان قىلىنغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 1197 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.
لېكىن بەزى ئالىملاردىن بۇ توغرىدا سورالغاندا ئۇلار بۇنى ۋاجىپ ئەمەس دەپ جاۋاپ بەرگەن، ئالىملارنىڭ بۇ پەتىۋاسىغا كۆرە، تاھارەت ئالغاندا تاسادىپى ئېغىزىنى چايقىماي ۋە بۇرنىغا سۇ ئالماي تاھارەت ئالغان بولسا، بۇ ھالەتتە ئوقۇغان نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.