پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن بىرگە بولدى، ئىسپېرما چىقمىدى، بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمىدى، بۇ ئىشتىن كېيىن يۇيۇنمىدى بۇ قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

توققۇز يىل ئىلگىرى توي قىلدىم، توي قىلغان تۇنجى يىلى رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالىم بىلەن ئوينىشىپ ئولتۇرۇپ بىرگە بولدۇم لېكىن مەن بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەيتتىم، پەقەت مەنى چىقمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دەپ قارايتتىم. مەن ئۆزۈمنى شۈبھىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن بۇ ئىشنى قايتا تەكرار قىلماسلىققا تىرىشتىم.

    مەن توي قىلغاندىن بىرى ھازىرغىچە تۇنجى يىلى ئايالىم بىلەن ئوينىشىپ قىلغان ئىشىمنى تەكرار قىلىۋاتىمەن، لېكىن رامىزاننىڭ كېچىلىرىدە بولسۇن ياكى يىلنىڭ باشقا كېچە-كۈندۈزلىرىدە بولسۇن ئايالىم بىلەن بىرگە بولۇپ مەنى چىقارماي ۋە يۇيۇنماي جىما قىلىۋاتىمەن، مەن كۆڭلۈمدە مەنى چىقارماي جىما قىلسا يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ دەپ قارايتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن مىنىڭ بىلمەسلىكتىن قىلغان ئىشلىرىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋە مېنىڭ ئايالىم بىلەن نېمە قىلىشىم كېرەكلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بۇ سوئالدا ئىككى مەسىلە بار: بىرى: روزا تۇتقۇچىنىڭ جىما قىلىشى.

   ئىككىنچىسى: جىما قىلىپ يۇيۇنمىغان كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدىغانلىقى.

   بىرىنچى: روزا تۇتقۇچىنىڭ رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىما قىلىشى ئىككى تۈرلۈك ھالەتتە بولىدۇ:

    بىرىنچى: رامىزاننىڭ كۈندۈزدە مەنى چىقارماي جىما قىلسا چەكلەنمەيدۇ دەپ قاراش.

   ئىككىنچى: رامىزاننىڭ كۈندۈزدە جىمانىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ لېكىن ئۇنىڭ جازاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

    بىرىنچى ھالەت توغرىسىدا شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كۈچلۈك قاراشتا، كىمكى بىلمەسلىكتىن رامىزاندا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى ياكى ھەجدە ئېھرام كىيىپ ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلارنى ياكى نامازدا نامازنى بۇزىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلسا ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا تەرجىمىسى: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى خاتالىقىمىز ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىز سەۋەبىدىن جازالىمىسلا. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت]. ئاللاھ تائالا: شۇنداق قىلدىم دەيدۇ.

    رامىزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن بىرگە بولغان كىشى ھۆكۈمنى بىلمەي، مەنى چىقارماي جىما قىلسا ھېچ نەرسە بولمايدۇ دەپ قارىغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.

    ئىككىنچى ھالەتتە: ئۇ كىشى رامىزاننىڭ كۈندۈزدە جىما قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭغا كىلىدىغان كاپارەتنى بىلمەيدىكەن، ئۇ كىشىگە كاپارەت بېرىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە ھۆكۈمنى بىلمەسلىك بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانى بىلمەسلىكنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، كېلىدىغان جازانى بىلمەسلىك بىلەن ئىنسان ئۈزۈرلۈك ھېسابلانمايدۇ، ئەمما ھۆكۈمنى بىلمەسلىك بىلەن ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.

      شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى مەس قىلغۇچى ئىچىملىكنى مەس قىلمايدۇ ياكى ھارام ئەمەس دەپ ئويلاپ ئىچكەن بولسا، ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەس قىلغۇچى ئىچىملىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن لېكىن ئۇنىڭغا قانداق جازا كېلىدىغانلىقىنى بىلمىسە، ئۇنىڭغا جازا بېرىلىدۇ، بىلمەسلىكىدىن جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن سوئال سورىغۇچىغا ئېيتىمىزكى، سىز مەنى چىقارماي جىما قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولسىڭىز، ئايالىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاش بىلمەيدىغان بولسا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ".

ئىككىنچى: بۇ ئىشنىڭ ناماز ۋە روزىغا بولغان تەسىرى.

جۇنۇپلۇقنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى جۇنۇپلۇق بىلەنمۇ روزا دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ناماز ئۈچۈن يۇيۇنۇشنى تەرك قىلىش توغرا بولمىغان ئىشتۇر، يۇيۇنماي جۇنۇپلۇق ھالەتتە قالغان كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالار: بۇ كىشى ئۈچۈن  ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ يۇيۇنماي ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى بەلكىم كېيىن جىما قىلىپ مەنى چىققان بولسا ئۇ ۋاقىتتا يۇيىنىدۇ.

لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ يۇيۇنغان ۋاقتى بىلەن يۇيۇنمىغان ۋاقتىنىڭ ئارىسىدا قانچىلىق ۋاقىت ئۆتكەنلىكى ئېنىق بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۆلچەرلەپ ۋاقىت بېكىتىپ شۇ بويىچە نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك، ئەمما مەنى چىقارماي جىما قىلسا يۇيۇنۇش كېرەك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماي ياكى بىلمەي قىلغان بولسىڭىز سىزگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ، يەنى نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن سىز ۋاقتىدا سورىماي بۇ ئىشقا سەل قارىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تۆۋبە قىلىپ كەچۈرۈم سوراڭ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت پروگراممىسى].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 9446-نۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى