تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ، تازىلاش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىسپاتلانغان، ھەمدە بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاھارەت ئالغان كىشى بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىسۇن». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ : «تاھارەت ئالغان كىشى بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىسۇن» دېگەن سۆزىدىن تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىمىسا، ئۇ كىشىنىڭ ئالغان تاھارىتى توغرا بولمايدۇ دېگەنلىك ئىپادىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزنىڭ تاھارەتنى قايتىدىن ئېلىپ، نامازنى قايتىدىن ئوقۇشىڭىز كېرەك بولىدۇ.