پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدىن چېقىدىغان نەملىك ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

تۇيۇقسىز ئىچ كىيىملىرىمدە يەڭگىل سۇيۇقلۇقنى تاپىمەن لېكىن ئۇنىڭ قانداق چۈشكەنلىكىنى تۇيىمايمەن، بۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسام توغرا بولامدۇ؟ ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمىسا، تەرەتنى قايتىدىن ئېلىش ۋە ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ سۇيۇقلۇق توغرىسىدا ئىككى مەسىلىنى سۆزلەيمىز: بىرىنچىسى: بۇ پاكىزمۇ ياكى پاكىز ئەمەسمۇ؟.

ئەبۇ ھەنىپە، ئەھمەد ۋە ئىمام نەۋەۋىي سەھىھ دەپ قارىغان ئىمام شاپىئىدىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە بۇ پاكىزە دېيىلگەن. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەممەيلەنگە بولسۇن.

ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ: "شەرھى مۇمتىئ"1-توم 457-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: مۇشۇ سۇيۇقلۇق جىنسى يولدىن كەلگەن بولسا، ئۇ پاكىزە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ، يىمەك-ئىچمەكنىڭ قالدۇقى ئەمەس ۋە كىچىك تەرەتمۇ ئەمەس، ئەسلى قائىدىدە دەلىل بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە نىجىس بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىسى بىلەن بىرگە بولسا ئەۋرىتىنى ۋە ياكى يۇقۇپ قالغان كىيىمىنى يۇيۇۋېتىش كېرەك بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ نىجىس بولغان بولسا، مەنىيمۇ نىجىس بولىدۇ، چۇنكى ئۇ مەنىيگە ئارىلىشىپ كېتىدۇ". ["ئەلمەجمۇئ" 1-توم 406-بەت، "ئەل مۇغنى"2-توم 88-بەتكە قارالسۇن].

مۇشۇ قاراشلارغا ئاساسەن، ئاشۇ نەملىك يۇقۇپ قالغان كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇش ياكى يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ.

ئىككىنچى مەسىلە: مۇشۇ نەملىكنىڭ چېقىشى بىلەن تاھارەت سۇنامدۇ ياكى سۇنمامدۇ؟.

كۆپچىلىك ئۆلىمالار تاھارەتنى سۇنىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلايدۇ.

ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللاپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇ قاراشنىڭ غەيرىنى ماڭا نىسبەت بەرگەنلەر راست سۆزلىگۈچىلەر ئەمەس، ئۇلارنىڭ مېنىڭ سۆزۈمنى بۇ سۇيۇقلۇق پاكىزە، تەرەتنى سۇندۇرمايدۇ دەپ چۈشۈنۈپ قالغان". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى"11-توم 287-بەت].

يەنە 11-توم 285-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئاياللارنىڭ بۇ سۇيۇقلۇق تەرەتنى سۇندۇرمايدۇ دېگەن قارىشىنىڭ ئاساسى يوق، بو پەقەت ئىبنى ھەزمىنىڭ سۆزىدۇر.

لېكىن بۇ نەملىك ئاياللاردىن ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن بولسا، ئۇ ئايال نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ھەر ناماز ئۈچۈن ئايرىم تاھارەت ئالىدۇ، تاھارەت ئالغاندىن كىيىن كەلسە ھەتتا ناماز ئوقۇۋاتقاندا كەلسىمۇ بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەملىك كۆپ ۋاقىتلاردا داۋاملىشىدىكەن، مۇشۇ نەملىكنى تاپقان ھەر بىر ئايال ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، بۇ خۇددى خۇن كېسىلى ۋە سۈيدۈك توختىمايدىغان كىشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولىدۇ، ئەمما بۇ نەملىك بەزى ۋاقىتلاردا كېلىپ بەزى ۋاقىتلاردا كەلمىسە-داۋاملاشمىسا-ئۇنىڭ ھۆكمى سۈيدۈكنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، قايسى ۋاقىتتا تىپىلسا ھەتتا نامازنىڭ ۋاقىتىدا تېپىلسىمۇ تەرەت سۇنىدۇ". ["ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى"10-توم 130-بەت].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 37752-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى