4

نەزىرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

سوئال: 2587

شەرىئەتتە نەزىرنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئى سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! سىزگە نەزىرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان مەزمۇننى بايان قىلىپ بېرىمىز، بۇنى ياخشى ئوقۇڭ، بۇ ئاللاھ خالىسا سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش ئوقۇرمەنلەرگە مەنپەئەتلىك بولىدۇ.

ئەسپەھانى رەھىمەھۇللاھ "قۇرئان لەۋزىدىكى يەككە سۆزلەر" ناملىق ئەسىرىنىڭ 797-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "نەزىر دېگەن" بىرەر ئىش يۈز بەرگەن سەۋەبىدىن شەرىئەتتە ئۆزىڭىزگە بۇيرىمىغان بىر ئىشنى قىلىشنى لازىم تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِنِّي نَذَرْتُ لِلرَّحْمَٰنِ صَوْمًا فَلَنْ أُكَلِّمَ الْيَوْمَ إِنسِيًّا تەرجىمىسى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم» [سۈرە مەريەم 26-ئايەت]. نەزىر دېگەن ئۆزىگە ۋاجىپ بولمىغان بىر ئىشنى دەرھال بولسۇن ياكى بىرنەرسىگە ئالاقىدار بولسۇن قىلىشنى لازىم تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھنىڭ كىتابىدا "نەزىر" دېگەن سۆز ماختاش-مەدھىيلەر ئورنىدا زىكىر قىلىندى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۆمىن بەندىلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‎إِنَّ الْأَبْرَارَ يَشْرَبُونَ مِن كَأْسٍ كَانَ مِزَاجُهَا كَافُورًا، عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا عِبَادُ اللَّهِ يُفَجِّرُونَهَا تَفْجِيرًا، يُوفُونَ بِالنَّذْرِ وَيَخَافُونَ يَوْمًا كَانَ شَرُّهُ مُسْتَطِيرًا تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ياخشىلار كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان (مەي بىلەن تولدۇرۇلغان) جاملاردىن ئىچىدۇ، (ئۇ كافۇر جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خالىغان جايلىرىغا) ئېقىتىپ بارالايدۇ، ئۇلار ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقىدۇ» [سۈرە ئىنسان 5-7-ئايەتكىچە].

ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قورقىشىنى دەھشەتلىك قىيامەت كۈنىدىن قىلدى، ئۇلارنىڭ قىلغان نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلىشنى قۇرتۇلۇشنىڭ ۋە جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن قىلدى.

نەزىرنىڭ ھۆكمى: يوللۇق بولغان نەزىرگە ۋاپا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ثُمَّ لْيَقْضُوا تَفَثَهُمْ وَلْيُوفُوا نُذُورَهُمْ  تەرجىمىسى: « ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن» [سۈرە ھەج 29-ئايەت].

ئىمام شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇيرۇق ۋاجىپلىقنى بىلدۈرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەزىردىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، نەزىرنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نەزىر قىلماڭلار، نەزىر تەقدىردىن بىر نەرسىنى بىھاجەت قىلالمايدۇ، ھەقىقەتەن نەزىر بېخىللىقتىن چىقىرىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى3096-ھەدىس].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى نەزىردىن چەكلەشنى ئىرادە قىلىپ مۇنداق دېدى: «نەزىر تەقدىردىن ھېچ نەرسىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت ئۇ ئارقىلىق بېخىللىقتىن چېقىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەگەر بىرسى: ئاللاھ تائالا قىلغان نەزىرگە ۋاپا قىلغانلارنى ماختاپ ئاندىن قانداقمۇ ئۇنىڭدىن چەكلەيدۇ؟ دېسە، ئۇ كىشىگە بېرىلىدىغان جاۋاپ: ماختىلىدىغان نەزىر بولسا، ھېچ قانداق بىر ئىشقا ئالاقىسى بولمىغان خالىس قىلىنغان، ئىنسان تائەت-ئىبادەتتىن ئۆزىگە لازىم تۇتقان، سۇسلۇق ۋە ھورۇنلۇقتىن چەكلىگەن ياكى نېمەتكە شۈكۈر ئېيتقان نەزىردۇر، چەكلەنگەن نەزىر بولسا: ئۇ تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنىڭ بەدىلىگە قىلىنغان، نەزىر قىلغۇچى تائەتنى بىر ئىشنىڭ ھاسىل بولىشى ياكى بىر ئىشنىڭ دەپئى قىلىنىشىغا ئالاقىدار قىلغان نەزىر بولۇپ، ئەگەر ئۇ ئىش ھاسىل بولمىسا، تائەتنى ئادا قىلمايدۇ، بۇ چەكلىمىنىڭ ئورنىدۇر. بۇنىڭدىكى ھېكمەت: تۆۋەندىكى ئىللەتلەرگە يوشۇرىنىدۇ: نەزىر قىلغۇچى ئاللاھ تائالا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىيىن ئادا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىش نەزىر قىلغۇچىغا ئۇرۇلغان زۆرۈر تامغۇغا ئوخشاشتۇر.

نەزىر قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن نەزىر قىلغاندا، ئۆزى مەقسەت قىلغان نەرسىنىڭ ھاسىل بولىشىنى شەرت قىلىدۇ، ئۇنىڭ نەزىرى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش نىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالماشتۇرۇشقا ئوخشاپ قالدى، ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ كېسىلى شىپا تاپمىسا، ئۆزىنىڭ شىپا تېپىشىغا ئالاقىدار قىلغان نەرسىنى سەدىقە قىلمايدۇ، بۇ بېخىللىق ھالىتىدۇر، ئۇ ئادەم نەخ بىر بەدەل بولمىسا مېلىدىن ھېچ نەرسىنى چېقىم قىلمايدۇ، بەدەل بولسا بەلكىم زىيادە چېقىن قىلىشى مۇمكىن.

بەزى ئىنسانلارنىڭ جاھىل ئېتىقادى بولۇپ، ئۇلار: نەزىر دېگەن: ئۇنىڭ ئۈچۈن نەزىر قىلغان غەرەز-مەقسەتنىڭ ھاسىل بولىشىنى ۋاجىپ قىلىدۇ دەپ قارايدۇ ياكى ئاللاھ تائالا نەزىر قىلغۇچىنىڭ نەزىر قىلغاندىكى نىيەت-مەقسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ دەپ قارايدۇ، بەزى جاھىل-نادان كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىدا: نەزىر دېگەن قازا-قەدەرنى قايتۇرىدۇ ياكى نەزىر قىلغۇچىغا دەرھال بىر مەنپەئەت كەلتۈرىدۇ ياكى بىر زىياننى يوق قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، جاھىللارنىڭ بۇنداق ئېتىقاد قىلىشىدىن ئەنسىرەپ  ۋە ئېتىقادنىڭ سالامەت بولىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق يول تۇتۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇپ بۇ شەكىلدە نەزىر قىلىشتىن چەكلەيدۇ،

ۋاپا قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان نەزىرنىڭ تۈرلىرىدىن:

بىرىنچى: ۋاپا قىلىش ۋاجىپ بولغان نەزىر تائەت ئۈچۈن قىلىنغان نەزىردۇر:

ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەر قانداق نەزىر بۇ دائىرىگە كېرىدۇ، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئۆمرە-ھەج قىلىش، سىلە-رەھىم قىلىش، ئىتىكاپ قىلىش، جىھاد قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش قاتارلىق ئىشلارنى نەزىر قىلىشتۇر. بۇنىڭ شەكلى: مەن ئاللاھ ئۈچۈن مەنچە كۈن روزا تۇتىمەن، مەنچىلىك سەدىقە قىلىمەن، ئاللاھ ئۈچۈن بۇ يىل ھەج قىلىمەن، ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا ئاتا قىلغان نېمىتى ۋە كېسىلىمگە شىپالىق بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ ھەرەم مەسچىتىدە مۇنچىلىك ناماز ئوقۇيمەن دېگەنگە ئوخشاش. ياكى نەزىرنى بىر ئىشقا ئالاقىدار قىلىپ قويغان بولسا، خۇددى نەزىر قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق قىلىشقا نەزىر قىلىپ. نەزىرنى ئۆزىگە پايدىسى بولىدىغان بىر ئىشقا ئالاقىدار قىلىدۇ، ئەگەر ئۆزىگە پايدىسى بار ئىش ھاسىل بولسا نەزىرنى قىلىدۇ. مەسىلەن: مېنىڭ غايىپ بولغان نەرسەم تىپىلسا ياكى ئاللاھ تائالا دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ماڭا كۇپايە قىلسا، مەن مەنچە كۈن روزا تۇتىمەن ياكى مۇنچىلىك سەدىقە قىلىمەن دېگەندەك، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا نەزىر قىلسا، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا نەزىر قىلغان بولسا، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمىسۇن» [بۇخارى رىۋايىتى 6202 -ھەدىس].

ئەگەر ئىنسان ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشقا نەزىر قىلىپ، كېيىن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن قىلغان نەزىرگە ۋاپا قىلىشقا قادىر بولالمىسا، مەسىلەن: بىر ئاي روزا تۇتىمەن ياكى ھەج قىلىمەن ياكى ئۆمرە قىلىمەن دەپتۇ، لېكىن ئۇ كىشى كېسەل بولۇپ قىلىپ، كېسەللىك ئۇ كىشىنى  روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش ياكى ئۆمرە قىلىشتىن چەكلەپ قويغان بولسا ياكى بىر نەرسىنى سەدىقە قىلىمەن دەپ نەزىر قىلىپ كېيىن نامراتلىق ئۇ كىشى بىلەن قىلغان نەزىرىسىنى ئادا قىلىش ئارىسىغا توسانجا بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ ھالىتى قىلغان نەزىرىسىگە كاپارەت بېرىشكە يۆتكىلىدۇ، نەزىرنىڭ كاپارىتى قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشايدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىر ئىشقا نەزىر قىلىپ، كېيىن قىلغان نەزىرنى ئادا قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۇنىڭغا قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش كاپارەت بەرسۇن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

ھاپىر ئىبنى ھەجەر "بۇلۇغۇل مارامدا: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سەھىھ دېگەن. ھەدىس ئالىملىرى بۇ ھەدىسنىڭ مەۋقۇپ (يەنى ساھابىنىڭ سۆزى) ئىكەنلىكىنى كۇچلاندۇرغان.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "پەتىۋالار توپلىمى" 33-توم 49-بەتتە مۇنداق دېگەن: " ئىنسان ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنى مەقسەت قىلىپ نەزىر قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشى كېرەك، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلغان نەزىرگە ۋاپا قىلالمىسا، كۆپچىلىك سەلەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى بويىنچە قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش كاپارەت بېرىشى كېرەك.

ئىككىنچى: ۋاپا قىلىش توغرا بولمايدىغان نەزىر، ئۇنىڭغا قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش كاپارەت بېرىدۇ، بۇ تۈردىن بولغان نەزىر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

1-ئاسىيلىق نەزىرى: ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن بولغان ھەر قانداق نەزىر ئاسىيلىق نەزىرى بولىدۇ. مەسىلەن: بەزى قەبىرلەر -گۈمبەزلەر ئۈچۈن ياغ پۇرۇتۇش، شام يېقىش ياكى نەپىقە بېرىش ياكى شېرىك بولىدىغان چوڭ مازار ياكى قەبىرلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن نەزىر قىلىش، بۇ بەزى تەرەپلەردىن بۇتلارغا نەزىر قىلىشقا ئوخشايدۇ. شۇنىڭدەك زىنا قىلىش، ھاراق ئېچىش، ئوغۇرلۇق قىلىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئىنكار قىلىش، سىلە رەھىمنى ئۈزۈش، يېقىنلىرىدىن پالانىغا سىلە رەھىم قىلمايمەن ياكى شەرئى چەكلىمىسىز پالانىنىڭ ئۆيىگە كىرمەيمەن دېگەندەك گۇناھ بولىغان ئىشلارنىڭ بىرىنى نەزىر قىلغان بولسا، ھەر قانداق ھالەتتە بۇنىڭ ھېچ بىرىگە ۋاپا قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش كاپارەت بېرىش كېرەك. بۇ تۈردىكى نەزىرلەرگە ۋاپا قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا نەزىر قىلسا، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا نەزىر قىلغان بولسا، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمىسۇن» [بۇخارى رىۋايىتى].

ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاسىيلىق توغرىسىدا قىلىنغان نەزىرگە ۋاپا قىلىنمايدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 3099-ھەدىس].

2-ئايەت-ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە زىت كېلىدىغان نەزىرلەر. مۇسۇلمان بىر ئىشقا نەزىر قىلغان بولسا، بۇ نەزىر بۇيرۇق ياكى چەكلىمە بولغان قۇرئان-ھەدىستىن كەلگەن دەلىللەرگە زىت بولسا، بۇ نەزىرگە ۋاپا قىلىشتىن توختاپ ئۇنىڭغا قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش كاپارەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ دەلىلى ئىمام بۇخارى زەيياد ئىبنى جۇبەيردىن بايان قىلغان ھەدىستە: ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە ئېدىم، بىر ئادەم ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: مەن ھايات ياشىغان مۇددەتتە ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە ياكى چارشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان ئېدىم، بۇ كۈن قۇربان ھېيت كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن قانداق قىلىمەن؟ دەپ سورىغان ئېدى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ تائالا قىلغان نەزىرگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرىدى، بىز قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلەندۇق» دېدى، ئۇ كىشى سوئالنى قايتا تەكرار سورىغان ئېدى، تەكرار بۇ جاۋاپنى بەردى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆز قىلمىدى. [بۇخارى رىۋايىتى 6212-ھەدىس].

ئىمام ئەھمەد زىياد ئىبنى جۇبەيردىن بايان قىلغان ئەسەردە: ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر مىنادا كېتىۋاتقاندا، بىر كىشى ئۇنىڭدىن: مەن ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە ياكى چارشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان ئېدىم، بۇ كۈن قۇربان ھېيت كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن قانداق قىلىمەن؟ دەپ سورىغان ئېدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ تائالا قىلغان نەزىرگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىدى ياكى بىز قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلەندۇق» دېدى، ھىلىقى كىشى ئىبنى ئۆمەرنى ئاڭلىمىدى دەپ ئويلاپ يەنە: مەن ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە ياكى چارشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان ئېدىم، بۇ كۈن قۇربان ھېيت كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن قانداق قىلىمەن؟ دەپ تەكرار سورىدى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ تائالا قىلغان نەزىرگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىدى ياكى بىز قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلەندۇق» دېدى. زىياد: ئىبنى ئۆمەر  ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆز قىلمىدى ۋە تاغقا يۆلەندى دېدى".

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت كۈنلىرى نەپلە بولسۇن ياكى نەزىر بولغان روزا تۇتۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا ئالىملار بىرلىككە كەلگەن".

3-قەسەمنىڭ كاپارىتىدىن باشقا ھۆكۈم بولمىغان نەزىر: بۇ يەردە بەزى تۈردىكى نەزىرلەر بولۇپ، بۇ نەزىردە نەزىر قىلغۇچى قىلغان نەزىرىگە  قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش كاپارەت بېرىشتىن باشقا ھېچ ھۆكۈمنى لازىم تۇتمايدۇ. ئۇ تۈردىكى نەزىر:

-ھېچ نەرسىنى ئاتىمىغان مۇتلەق نەزىر. مۇسۇلمان كىشى نەزىر قىلىپ ئۇنىڭغا نەزىر قىلىنغان نەرسىنى ئاتىمىغان بولسا، بەلكى ئۇنى ئاتىماستىن ياكى تەيىن قىلماستىن مۇتلەق قويغان بولسا، مەسىلەن: ئاللاھ تائالا مېنىڭ كېسىلىمگە شىپالىق بەرسە نەزىر قىلىمەن دەپتۇ، لېكىن نېمىنى نەزىر قىلىدىغانلىقىنى دېمىگەن بولسا، ئۇ كىشىگە قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش كاپارەت بېرىش كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نەزىرنىڭ كاپارىتى قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاشتۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئىمام مالىك ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىملار: بىر كىشىنىڭ ماڭا نەزىر بولسۇن دېگەن سۆزىنىمۇ  مۇتلەق نەزىرنىڭ تۈردىن دەپ قارىغان".  [ئىمام نەۋەۋىينىڭ"مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 11-توم 104-بەت].

4-ۋاپا قىلىش بىلەن كاپارەت بىرىش ئارىسىدا ئىختىيارلىق بولغان نەزىر: بۇ يەردە بىر تۈرلۈك نەزىر بولۇپ ئۇنىڭدا نەزىر قىلغۇچىغا قىلغان نەزىرگە ۋاپا قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئوخشاش كاپارەت بېرىشنىڭ ئارىسىدا ئىختىيارلىق بولىدۇ، بۇ تۈردىكى نەزىرلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

-غەزەپلىنىپ، ئاچچىقلانغۇچىنىڭ قىلغان نەزىرى: بۇ نەزىر قىلغۇچى ھەقىقى يول بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىمۇ مەقسەت قىلماستىن، نەزىرنىمۇ مەقسەت قىلماستىن، بىر ئىشقا ئىشىنىش ياكى يالغانغا چېقىرىشنىمۇ مەقسەت قىلماستىن، بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقنى مەقسەت قىلماستىن قەسەمنىڭ ئورنىغا سۆزلەنگەن بارلىق نەزىرلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى ئاچچىغىدا: مەن مۇنداق ئىشنى قىلىپ سالسام مېنىڭ ئۈستۈمگە ھەج قىلىش بولسۇن ياكى بىر ئاي روزا تۇتۇش بولسۇن ياكى مىڭ دىنار سەدىقە قىلىش بولسۇن دېسە، ۋە ياكى مەن پالانىغا سۆز قىلسام مېنىڭ مۇشۇ قۇلۇم ئازاد بولسۇن ياكى ئايالىم تالاق بولسۇن دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان بولسا، ئاندىن مەزكۇر ئىشنى قىلسا، ئۇ كىشى يۇقىرىدا دېگەن ئىشلاردىن شۇ ئىشنى قىلماسلىقنى  تەكىتلەشتىن باشقىنى مەقسەت قىلمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ ھەقىقى مەقسىتى ئېنىق بولىدۇ، شەرتنى ئورۇندىمايدۇ، جازامۇ چۈشمەيدۇ، ئۇ كىشى مۇشۇنداق نەزىردە كاپارەت بېرىش بىلەن ۋاپا قىلىشنىڭ ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ.

-نەزىر قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالى تالاش-تارتىش ياكى بىر ئىشنى قىلىش-قىلماسلىقنىڭ زۆرۈرلىكىگە قىزىقتۇرۇشنى نامايەندە قىلىش بولسا، ئۇ كىشى قىلغان نەزىرگە ۋاپا قىلىش بىلەن قىلغان نەزىرنى ئەسلى تەرەپتىن قەسەم دەپ ئېتىبارغا ئېلىپ قەسەمنىڭ كاپارىتىنى بېرىش ئارىسىدا ئىختىيارلىقتا بولىدۇ.

ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "نەزىرنى قەسەمنىڭ يوللىرىغا ئالاقىدار قىلىپ قويغاندا، مەسىلەن: ئەگەر مەن سىلەر بىلەن سەپەر قىلسام ماڭا ھەج قىلىش بولسۇن ياكى مېلىمدىن سەدىقە قىلىش بولسۇن ياكى ماڭا قۇل ئازاد قىلىش بولسۇن دېگەندەك، بۇ ساھابىلارنىڭ ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە نەزىر بولماستىن بەلكى نەزىرنىڭ قەسىمى بولىدۇ، قىلغان  نەزىرىگە ۋاپا قىلمىسا، ئۇ كىشى قەسەمنىڭ كاپارىتى كۇپايە قىلىدۇ".

يەنە بىر ئورۇندا مۇنداق دېگەن: "ئاچچىغى كەلگەندە ۋە غەزەپلەنگەندە قىلغان قەسەمگە ۋاجىپ بولىدىغىنى بىزنىڭ  نەزىرىمىزدىكى مەشھۇر قاراشتا ئىككى ئىشنىڭ بىرىدۇر، ياكى كاپارەت بېرىش ياكى ئالاقىدار قىلغان ئىشنى قىلىش، ئالاقىدار قىلغان ئىشقا ۋاپا قىلمىسا، كاپارەتنىڭ ۋاجىپلىقى بېكىتىلىنىدۇ".

مۇباھ بولغان نەزىر: بۇ دۇرۇس ئىشلاردىن بىر ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان نەزىردىن ئىبارەت بولۇپ، نەزىر قىلغۇچى: مەلۇم بىر كىيىمنى كىيىشنى ياكى مەخسۇس بىر يىمەكلىكنى يېيىشنى، ياكى مەلۇم بىر ئۇلاققا مىنىشنى ياكى بەلگىلەنلەن بىر ئۆيگە كىرىش دېگەندەك ئىشلارنى نەزىر قىلىشتۇر، سابىت ئىبنى زەھھاك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر كىشنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى تۇغۇلغاندا، ئۆزىگە بەبۋانە دېگەن جايدا بىر تۆگە بوغۇزلاشنى نەزىر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن بەبۋابە دېگەن جايدا بىر تۆگە ئۆلتۈرۈشنى نەزىر قىلغان ئېدىم؟ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ يەردە جاھىلەتتە ئىبادەت قىلىنىدىغان بىرەر بۇت بارمىدى؟» دېگەندە، ئۇ ئادەم: ياق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلاردا جاھىلىيەتتە ھېيت-بايرام پائالىيتى قىلامتى؟» دېگەندە، ئۇ ئادەم: ياق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىلغان نەزىرىڭگە ۋاپا قىلغىن، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان نەزىرگە ۋە ئادەم بالىسى ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىنى نەزىر قىلغان بولسا بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش كېرەك بولمايدۇ»دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2881 -ھەدىس].

بۇ ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت-تەشەككۇر ئېيتىپ يەنبۇ نىڭ كەينى تەرىپىدىكى بەبۋانە دېگەن جايدا تۆگە بوغۇزلىماقچى بولغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ نەزىرسىگە ۋاپا قىلىپ شۇ جايدا تۆگە ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان.

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android