1

مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسىنى ئېلىش توغرىسىدا

سوئال: 98152

(ئا)، (ب) ۋە (ج) قاتارلىق تۈرلەردىكى مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسىگە كېرىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

جازانە بانكىلىرىدىن چىقىرىلىدىغان مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسىنىڭ (ئا)، (ب) ۋە (ج) قاتارلىق ئۈچىلى تۈرى ئوخشاشلا ھارامدۇر.

بۇ گۇۋاھنامە ئۆسۈملۈك قەرز زايۇمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ تۈرلىرىنىڭ ھەرخىل بولىشى بىلەن پەرىقلىق بولىدۇ.

(ئا) تۈردىكى مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يۈزدە يۈز بولىدۇ، بۇ ئۆسۈم گۇۋاھنامىنىڭ قىممىتىنىڭ ئەسلىگە قېتىلىدۇ، بۇ مۇددىتى ئون يىلدا ئاخىرلىشىدىغان گۇۋاھنامىغا قېتىلىدۇ.

(ب) تۈردىكى مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسىگە مەلۇم ئۆسۈم نىسبىتى بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ بانكا بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە كۆرە، ئەسلى سەرمايە كېمىيىشكە دۇچ كەلمەستىن ئەسلى بويۇنچە قىلىشى بىلەن بۇ ھەر ئايدا ياكى ئۈچ ئايدا ياكى ئالتە ئايدا ئۆتكۈزىلىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ھەر ئىككى تۈرى ھارامدۇر، بۇ ئىككىسى كېپىللىك ئۆسۈم بىلەن بولغان كېپىللىك قەرز بولۇپ، ھەرگىزمۇ مۇزارىبە ئەمەس، ئەگەر مۇزارىبە بولغان بولسا ئىدى، توغرا بولمىغان مۇزارىبە بولغان بولاتتى.

شەرىئەت مال ئىگىسىنىڭ مېلىغا كېپىللىك قىلىدىغان مۇزارىبەت كېلىشىمنى دۇرۇس دېمەيدۇ ۋە بۇ كېلىشىمدە مۇزارىبە قىلغۇچى مال ئېگىسىگە بېكىتىلگەن مىقداردا مەلۇم مەبلەغ بەرمەيدۇ.

"ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى كېڭىشىنىڭ" ھىجىرىيە 1423-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، مىلادىيە 2003-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئون تۆتىنچى قۇرۇلتىيىدا مۇنداق قارار ئېلىنغان: "ئۆسۈملۈك قەرز كېلىشىمى شەرئى مۇزارىبە كېلىشىمگە ھەر گىز ئوخشىمايدۇ، قەرزدە پايدا قەرز بەرگۈچىگە، زىيان قەرز ئالغۇچىغا بولىدۇ، مۇزارىبە بولسا، ئۇنىڭدا پايدا ئورتاق بولىدۇ، ئەگەر زىيان بولۇپ قالسا، زىياننى مال ئىگىسى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چىققان مەھسۇلات ياكى پايدا كېپىللىك بىلەن بولىدۇ» ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىس ساھىپلىرى بايان قىلغان. يەنى: ئەسلىدىن زىيادە بولغان، قېتىلغان ۋە ئارتۇق بولغان نەرسىلەر جاپا-مۇشەققەت، ھېرىش-چارچاش ۋە زىياننى ئۈستىگە ئالغان كىشى ئۈچۈن بولىدۇ.

پىقھى ئالىملىرى بۇ ھەدىستىن "غەنىمەت تۆلەم بىلەن بولىدۇ" دېگەن مەشھۇر قائىدىنى چىقارغان، شۇنىڭدەك، يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كېپىل بولالمايدىغان نەرسىدىن پايدا ئىلىشتىن چەكلىگەن» بۇ ھەدىسنى سۈننەت ساھىبلىرى بايان قىلغان.

پىقھى ئالىملىرى ئەسىرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارلىق مەزھەپلەردە بىرلىككە كەلگەن قاراشتا: مۇزارىبەت كېلىشىمدە سالغان مەبلەغقە كۆرە پايدىنى بېكىتىپ بېرىش ۋە باشقا شىركەتچىلىك ئىشلىرىدا ئەسلى سەرمايىدىن مەلۇم مالنى ئايرىپ بېرىش ياكى مەلۇم نىسبەتنى بېرىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا ئەسلى سەرمايىگە كېپىللىك قىلغان بولىدۇ، بۇ توغرا بولغان شەرئى دەلىللەرگە  زىت كېلىدۇ، شۇنداقلا بۇ، شىركەتچىلىك ۋە مۇزارىبەتنىڭ تەقەززاسى بولغان پايدا-زىياندا ئورتاق بولۇشنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، بۇ ھېچ قانداق ئىتىرازسىز بېكىتىلگەن ئىجمادۇر. بۇ توغرىدا ئىبنى قۇدامە "ئەل مۇغنى" 3- توم 34-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " بىز ئىلىم ئالغان ۋە ئىلىمنى يەتكۈزگەن بارلىق ئالىملار مۇزارىبەت كېلىشىمدە ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسى ئۆزلىرى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا مالنى شەرت قىلسا، مۇزارىبەت كېلىشىمى بىكار بولىدۇ(يەنى باتىل بولىدۇ). ئالىملارنىڭ ئىجماسى بۇنىڭغا مۇستەقىل دەلىل بولىدۇ.

"ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى" بۇ مەسىلىنى ئاشۇ ئىجما بىلەن بېكىتىپ، مۇسۇلمانلارنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىتائەت قىلىپ، ھالال كەسىپ قىلىشقا، ھارام كەسىپلەردىن يىراق بولۇشقا تەۋسىيە قىلىدۇ".

(ج) تۈردىكى مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسىدا بەلگىلەنگەن ئۆسۈم بولمايدۇ، بۇنىڭ ساھىبى خالىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ قىممىتىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ، ئۇ شۇ گۇۋاھنامىنىڭ نومۇرى بويۇنچە ئېلىپ بېرىلىدىغان چەك تارتىش پائالىيەتلەرگە كېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ ۋە بۇ چەك تارتىش ئابۇنىت بىلەن كېلىشىمدە شەرت قىلىنغان بولىدۇ، ئەگەر بۇ چەك تارتىش بولمىسا، گۇۋاھلىقتىن ئىبارەت بولغان بۇ پائالىيەتكە كىرەلمەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ ھۆكمىنى ئاۋۋالقى (ئا) ۋە (ب) تۈردىكىگە ئوخشاش جازانە مۇئامىلىسى قىلىدۇ، بۇمۇ ھەم: " مەنپەئەت ئىلىپ كەلگەن قەرزنىڭ ھەممىسى جازانىدۇر" دېگەن قائىدىنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ".

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: "مىسىر خەلق بانكىسى" (ج) تۈردىكى مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسى چىقىرىدۇ، بۇ بانكىدىن بىر نەرسە سېتىۋالغانلىق گۇۋاھنامىسىدۇر، سېتىۋالغان گۇۋاھنامە بىلەن ئايلىق چەك تارتىدۇ ۋە بۇ گۇۋاھنامە بىلەن نۇرغۇن مەبلەغ قازىنىدۇ ۋە پايدا ئالىدۇ، بۇ گۇۋاھنامىنىڭ ئىگىسى بۇنى ساقلاپ قىلىپ بانكىغا قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىرگە خالىغان ۋاقىتتا بۇ گۇۋاھنامىنىڭ قىممىتىنى ئالىدۇ، گۇۋاھنامە ساھىبى ئۇتۇق قازانغان ۋە پايدا ئالغان بۇ قەدەر كۆپ مالنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:" ئىش ئەمەلىيەتتە سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، بۇ مۇئامىلە قىماردىن ئىبارەتتۇر، بۇ چوڭ گۇناھلاردىن بېرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ . إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ فَهَلْ أَنْتُمْ مُنْتَهُونَ تەرجىمىسى: « ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار، شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟». [سۈرە مائىدە 90-91-ئايەتلەر].

بۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغان كىشى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، مەغپىرەت تەلەپ قىلسۇن، بۇنداق ھارام مۇئامىلىدىن يىراق تۇرسۇن، بۇنىڭ بىلەن كەسىپ قىلغان مال-دۇنيادىن خالاس بولسۇن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ".  شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىيپى، شەيخ ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 13-توم 301-302 بەتلەر.

"ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى" مەبلەغ سېلىش گۇۋاھنامىسىنىڭ ئۈچ تۈرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بېكىتىپ قارار چىقاردى، قارارنىڭ تېكىستى:

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن،

زايۇم(سەنەد) توغرىسىدىكى (62/11/6) نومۇرلۇق قارار:

"ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى كېڭىشى" ھىجىرىيە 1410-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، مىلادىيە 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە  ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قۇرۇلتىيىدا: "ھىجىرىيە 1410-يىلى 8-ئاينىڭ 17-23-كۈنىگىچە، مىلادىيە 1989-10-ئاينىڭ 20-24-كۈنىگىچە ماراكەش دۆلىتىنىڭ رابات شەھىرىدە "ئىسلام ئىشىلىرى، ۋەخپە مىنىستىرلىكىنىڭ ساھىبخانلىقىدا: "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى"، ئىسلام تەتقىقات ۋە تەييارلىق ئىنستىتۇتى ۋە ئىسلام بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن" پۇل مۇئامىلە بازىرى" يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەتقىقات، تەۋسىيە ۋە نەتىجىلەرگە قاراپ چىققاندىن كېيىن "سەنەد" دېگەن: زايۇم تارقاتقۇچىنىڭ زايۇمنىڭ نامىدىكى قىممىتىگە ئاساسەن كېلىشكەن ئۆسۈمنى تۆلەش بىلەن بىرگە ، قەرەلى توشقاندىن كېيىن ئىگىسىگە نامىدىكى پۇلنى تۆلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى گۇۋاھنامە ياكى شەرتلىك مەنپەئەتلىنىش سالاھىيتىى بېرىلىدۇ، شەرتلىك مەنپەئەت : چەك تاشلاش ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان مۇكاپات بولسۇن ياكى مەلۇم نىسبەتتىكى مەبلەغ بولسۇن ياكى باشقا بولسۇن ئوخشاشتۇر. بۇ توغرىدىكى قارار:

1-ئاساسلىق سوممىنى ئۇنىڭغا ئۆسۈم ياكى شەرتلىك مەنپەئەت بىلەن تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولغان زايۇم، ئۇنى تارقىتىش جەھەتتىن ياكى سېتىۋېلىش جەھەتتىن ياكى سودا قىلىش جەھەتتە بولسۇن شەرىئەتتە ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ جازانە شەكىلدىكى قەرزدۇر، بۇ زايۇمنى تارقاتقان تەرەپكە خاس بولسۇن ياكى دۆلەتكە ئالاقىدار بولۇش بىلەن ئومۇمى بولسۇن ئوخشاش، ئۇنىڭ ئىسمى "گۇۋاھنامە" ياكى "مەبلەغ سېلىش تالۇنى" ياكى "ئامانەت" دەپ ئاتالسۇن ياكى ۋەدە قىلىنغان ئۆسۈم "پايدا" ياكى " ئىش ھەققى" ياكى كومىسسىيون ھەققى" ياكى "قايتقان پۇل" دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن ئاتالسىمۇ بۇنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، ئوخشاشلا ھارامدۇر.

2-نول تالۇن زايۇمىمۇ ھارامدۇر، ئۇنى قەرز دەپ ئېتىبارغا ئالغاندا، ئۇ ئەسلى قىممىتىدىن تۆۋەن باھادا سېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ئارىدىكى پەرقتىن پايدا ئالىدۇ، بۇنى مۇشۇ زايۇم ئۈچۈن بولغان دەۋانى ھەل قىلىش دەپ ئېتىبارغا ئالىدۇ.

3-مۇكاپاتلىق زايۇممۇ ئۇنىڭ قىمارغا ئوخشاپ قالغانلىقىدىن سىرت، ئۇنى مەنپەئەت شەرت قىلىنغان ياكى قەرز بېرىلگەن ئومۇمى كىشىلەرگە ياكى مۇئەييەن بولمىسىمۇ بەزىلەرگە زىيادە قايتۇرۇش شەرت قىلىنغان  قەرز دەپ ئېتىبارغا ئالغاندا ھارامدۇر.

4- چەكلەنگەن زايومنىڭ تاللىشى - مەيلى تارقىتىلغان ، سېتىۋېلىنغان ياكى سودا قىلىنغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، مەلۇم بىر تۈر ياكى مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى توغرىسىدىكى تۈرنى ئاساس قىلغان زايوم ياكى سۇكۇك بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى ھېچقانداق ئۆسۈم ياكى مۇقىم مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدۇ ، بەلكى ئۇلار ئىگە بولغان بۇ زايوم ياكى سۇكۇك سانىغا ئاساسەن بۇ تۈرنىڭ پايدا نىسبىتىدە بولىدۇ ، ئۇلار بۇ پايدىغا  پەقەت ئىش ھەقىقىي ئەمەلىيلەشكەندە ئېرىشەلەيدۇ.  بۇ كېڭەشنىڭ تۆتىنچى يىغىنىنىڭ  قەرز زايومى  توغرىسىدىكى 5-نومۇرلۇق قارارى بىلەن تەستىقلانغان پورمۇلادىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا ، بۇ مەجلىسنىڭ تۆتىنچى يىغىنىنىڭ مۇقارادە زايومى توغرىسىدىكى 5 -نومۇرلۇق قارارى بىلەن تەستىقلانغان فورمۇلانى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android