بىرىنچى: ماشىنىنى بەك تىز ھەيدەش ياخشى ئىش ئەمەس، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ھادىسىلەر ۋە خەتەر كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار بۇ توغرىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش قىلدى. بەلگىلەنگەن سۈرەتتىن تىز ھەيدەشنى شوپۇردىن بولغان ھەددىدىن ئېشىش دەپ ئېتىبارغا ئالدى، شۇ سەۋەپتىن كېلىپ چىققان ماددى ۋە مەنىۋىي زىيانلارنى تۆلەيدۇ. بۇ سەۋەپتىن كېلىپ چىققان ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىكى خاتا ھالەتتە ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭغا دىيەت ۋە كاپارەت كېلىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ماشىنىنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن تىز ھەيدىگەنلىكى سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان كىشى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ھېسابلىنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:" بۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىق ھېسابلانمايدۇ، لېكىن ئۆزىنى خاتا ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ، ھادىسىنىڭ سەۋەبى ماشىنىنى بەك تىز ھەيدەشتىن كېلىپ چىققان بولسا، بۇ كىشى ئۆزىنى خاتا ئۆلتۈرگەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىدىن: سىز ئۆلۈش ئۈچۈن تىز ماڭغانمۇ؟دەپ سورالسا، ئۇ كىشى ياق دەيدۇ، بۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىق بولمايدۇ، لېكىن: ئۇ كىشى ئۆزىنى خاتا ھالەتتە ئۆلتۈردى دېيىلىدۇ. "ئۇچرىشىش ئېشىكى ئوچۇق" 19/73.
ئىككىنچى: ئىنساننىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلارنى ۋە كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىشى ياخشى ئىش بولۇپ، ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ۋە ساۋاپ تاپىدۇ، لېكىن يۆتكەش ماشىنىسىنى بەك تىز ھەيدەپ ياكى ئىشارەتتىن توختىماي ئۆتۈپ ئۆزىگە ۋە ھادىسىگە ئۇچرىغان كىشىگە زىيان ئېلىپ كەلمەسلىك كېرەك، بەزى ۋاقىتتا بۇ ئىش ھادىسىگە ئۇچرىغانلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ.
مۇشۇ تىز سۈرەت سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە ئاللاھدىن كەچۈرۈم سورايمىز، گۈزەل نىيىتىگە ئەجىر ئاتا قىلغاي، بۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىدى، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ مەقسىتى ھادىسىگە ئۇچرىغان كىشىنى تىزدىن دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈش بىلەن ياخشىلىق قىلىش ئېدى.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.