پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ قائىدىلىرى توغرىسىدا

سۇئال

مەن يېڭىدىن ئىلىم يولىغا قەدەم قويغان بىر ئوقۇغۇچى، نۇرغۇن پىرقە-گۇرۇھلار چۈشكەن بىدئەتلەرگە چۈشۈپ قالماسلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن مەلۇم بىر كىشىنى كاپىر ياكى مۇناپىق دەپ ھۆكۈم بېرىش مۇمكىن بولىدىغان قائىدە-پرىنسىپلارنى بىلىۋىلىشنى ئۈمىت قىلىمەن ياكى شۇ توغرىدا قايسى كىتابلارنى ئوقۇشۇمنى تەۋسىيە قىلىسىلەر؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:

    بىر ئادەمنى كاپىر ياكى پاسىق دەپ ھۆكۈم قىلىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئىشىدۇر، بۇ ئىش قۇرئان-ھەدىسكە مۇراجىئەت قىلىنىدىغان شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ توغرىدا تولۇق ئىسپاتلاش زۆرۈر، بىر ئادەمنى كاپىر ياكى پاسىق دەپ ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چوقۇم قۇرئان-ھەدىستە شۇ سۈپەتتىكى كىشىنىڭ كاپىر ياكى پاسىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل بولىشى كېرەك.

     ئەسلى ئادالىتى ئاشكارا مۇسۇلماندا ئۇنىڭ ئىسلامى ۋە ئادالىتى بار بولىدۇ، ھەتتا شەرئى دەلىلنىڭ تەقەززاسى بويىچە مۇشۇ ئىشلارنىڭ يوق بولغانلىقى روياپقا چىققانغا قەدەر ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىق نامى يوقالمايدۇ، بىر ئىنسانغا كاپىر ياكى پاسىق ھۆكۈم بېرىشتە سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ھەزەر قىلىشقا تېگىشلىك بولغان زور ئىككى ئىش بار:

    بىرى: ئاللاھقا ھۆكۈمدە يالغاننى توقۇش ، ھۆكۈم قىلىنغۇچىغا كاپىر دېگەن لەقەم بىلەن سۈپەتلەشتە يالغاننى توقۇش.

    ئىككىنچىسى: ئەگەر قېرىندىشى كۇپۇرلۇقتىن سالامەت بولسا، ئۇنى كاپىردەپ قويغان لەقەمگە ئۆزى چۈشۈپ قىلىشتىن ئىبارەت.

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«بىر كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى كاپىر دىسە، بۇ سۆز ئىككىسىنىڭ بىرىگە قايتىدۇ»، يەنە بىر رىۋايەتتە:«ئەگەر قېرىندىشى دېگىنىدەك بولسا مەيلى، بولمىسا ئۇ سۆز شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 6104-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى60-ھەدىس].

   ئىككىنچى:

   مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن مۇسۇلمانغا كاپىر ياكى پاسىق دەپ ھۆكۈم بېرىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى ئىككى ئىشقا قاراش كېرەك:

   بىرى: بۇ سۆز ياكى ھەرىكەت كاپىرلىق ياكى پاسىقلىقنى لازىم تۇتىدۇ دەيدىغانغا قۇرئان دىن ياكى ھەدىستىن دەلىل بولىشى كېرەك.

    ئىككىنچىسى: ئۇ كىشىدە كاپىر ياكى پاسىق قىلىدىغان شەرتلەر تولۇق بولۇپ، چەكلىمىلەر بولماي، بۇ ھۆكۈم مۇئەييەن دېگۈچى ياكى قىلغۇچىغا ماس كىلىشى كېرەك.

    ئۇ شەرتلەرنىڭ مۇھىملىرى:

   1- ئۇ كىشىنىڭ كاپىر ياكى پاسىق بولىشىغا سەۋەپ بولغان مۇخالىپ ئىشنى قىلغانلىقىنى بىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَمَنْ يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَى وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّى وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ وَسَاءَتْ مَصِيراً تەرجىمىسى: «كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!». [سۈرە نىسا 115-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِلَّ قَوْماً بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّى يُبَيِّنَ لَهُمْ مَا يَتَّقُونَ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» تەۋبە سۈرىسى 115- ئايەت.

   شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار: "ئەگەر يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشى پەرىز ئەمەللەرنى ئىنكار قىلغان بولسا، ئۇنى كاپىرغا چىقارماي، ئۇنىڭغا بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بېرىلىدۇ" دېگەن.

   2- كۇپرى ياكى پاسىقلىققا سەۋەپ بولىدىغان ئىش ئۇ كىشىنىڭ ئىرادىسىسىز يۈز بەرسە، بۇ ئۇ كىشىنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىشتىن چەكلەيدۇ، بۇنىڭ شەكىللىرى:

   ئا: شۇ ئىشقا مەجبۇرلىنىپ، چىن قەلبىدىن ئەمەس بەلكى مەجبۇرلىنىش بىلەن قىلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا كاپىر بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: مَنْ كَفَرَ بِاللَّهِ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِهِ إِلَّا مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالْأِيمَانِ وَلَكِنْ مَنْ شَرَحَ بِالْكُفْرِ صَدْراً فَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ مِنَ اللَّهِ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ تەرجىمىسى:«كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، ـ قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا ـ كۇفرى بىلەن كۆڭلى ئازادە بولسا (يەنى ئىختىيارىي يوسۇندا مۇرتەد بولغان بولسا)، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىدۇ ۋە چوڭ ئازابقا قالىدۇ». نەھل سۈرىسى 106- ئايەت.

   ب: بەك خۇرسەن بولۇپ كەتكەنلىك ياكى بەك قايغۇرغانلىق ياكى بەك قورقۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن پىكرى تۇتۇلۇپ، نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان بولسا كاپىر بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ تەۋبىسىدىن مۇنداق بىر ئادەمنىڭ خوشاللىقىدىنمۇ بەكرەك خوشال بولىدۇ، سىلەردىن بىرىڭلار چۆل-باياۋاندا سەپەر قىلىۋېتىپ، يۈك-تاقا ۋە ئوزۇق-تۈلۈكى ئارتىلغان ئۇلۇغىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ، ئۇ ئادەم ئۇلۇغىنى تېپىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بىر دەرەخنىڭ قىشىغا كېلىپ ئۇنىڭ سايىسىدە يېنىچە ياتىدۇ، ئۇ ئۇلىغىنىڭ تېپىلىشىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ تۇرغان بىر پەيتتە ئۇلۇغى تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ، ئۇ ئۇلاغنىڭ نۇقتىسىدىن تۇتقان ھالدا قاتتىق خوشال بولۇپ كەتكەنلىكىدىن "ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ بەندەم، مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ" دەپ تاشلايدۇ، ئۇ ئادەم قاتتىق خوشال بولۇپ كەتكەنلىكتىن سۆزدە خاتالىشىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2744 -ھەدىس].

  3-كاپىر قىلىشنى چەكلەيدىغان ئامىللاردىن: مەسىلىنى باشقا ئۇسۇلدا چۈشەنگەن بولسا، يەنى: ئۇ كىشى ئۆزى بىلىدىغان بەزى شۈبھىلەرنى ھەقىقى دەلىل دەپ ئويلاپ قالغان بولسا ياكى شەرئى ھۆججەتنى توغرا شەكىلدە چۈشىنىشكە قادىر بولالمىغان بولسا. كاپىر قىلىش ئۇنىڭ قەستەن خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە بىلىمسىز ئەمەسلىكى ئەمەلىيلەشكەندە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ولَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِ وَلَكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَّحِيماً تەرجىمىسى: «سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

   ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 23-توم 349-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ  جۇھەمىلەرنىڭ "قۇرئان مەخلۇق" دېگەن خاتا سۆزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇلارغا ياردەم بەرگەن خەلىپىلەرگە ئاللاھدىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلىدى، چۈنكى ئىمام ئەھمەد ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلمىغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىگىمۇ تانمىغانلىقىنى بىلەتتى. لېكىن ئۇلار باشقا شەكىلدە چۈشىنىپ خاتالاشتى ۋە شۇ سۆزنى قىلغانلارغا ئەگىشىپ كەتتى". 

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 12- توم 180- بەتتە يەنە مۇنداق دېگەن: "كاپىر قىلىش مەسىلىسىدە توغرىسى: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن بىر كىشى ھەقنى مەقسەت قىلىپ خاتالاشقان بولسا كاپىر بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قېلىنىدۇ، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەت ۋە توغرا يول ئاشكارا بولغاندىن كېيىن خىلاپلىق قىلىپ، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگەشكەن كىشى كاپىر بولىدۇ، ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىلىمسىز سۆز قىلىدىكەن ئۇ ئاسى، گۇناھكار بولىدۇ، ئاندىن پاسىق بولىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭ خاتالىقلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ياخشىلىقلىرىمۇ بولىدۇ".

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 3-توم 229-بەتتە يەنە مۇنداق دېگەن: "مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ-قوپقانلار مىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا مەلۇم بىر شەخسنى كۇپۇرغا، پاسىقلىققا ۋە ئاسىيلىققا چىقىرىشتىن ئەك بەك چەكلەيدىغىنىمنى ياخشى بىلىدۇ، خىلاپلىق قىلغان كىشىنىڭ بىر قىتىم كاپىر، يەنە بىر قىتىم پاسىق، يەنە بىر قىتىم ئاسىي بولىدىغانلىقىغا پەقەت شەرىئەت دەلىلى بارلىقى بىلىنسە بۇ ئۇنىڭ سىرتىدا. مەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۇممەتنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىمەن، بۇ كەچۈرۈم قىلىش سۆز ھەرىكەتلەردىكى ئومۇمى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئىلگىرىكى ئۆلىمالار دائىم مۇشۇ مەسىلىلەرنىڭ كۆپىدە تالاش-تارتىش قىلىشاتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچ بىرى مەلۇم شەخسنىڭ كاپىر ياكى پاسىق ياكى ئاسى بولىدىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرمىدى.

ئاندىن ئۇ بۇنىڭغا مىساللارنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەن سەلەپ ئالىملىرى ۋە مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ "مۇنداق سۆزنى قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ" دېگەندەك مۇتلەق نەقىل قېلىنغان سۆزلىرىنى بايان قىلاتتىم، بۇمۇ توغرا سۆز، لېكىن مۇتلەق بايان قىلىنغان سۆز بىلەن مۇئەييەن بايان قىلىنغان سۆزنىڭ ئارىسىنى ئايرىش زۆرۈر.

يەنە مۇنداق دېگەن: كاپىر قىلماق قورقۇتماق بولۇپ، سۆز گەرچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىش بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە بۇنداق كىشىلەر يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ياكى يىراق سەھرادا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولغانلىقتىن ئىنكار قىلغانلىق بىلەن كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بولىشى كېرەك، بەزى ۋاقىتتا ئۇ ئاشۇ دەلىللەرنى ئاڭلىمىغان بولىشى ياكى ئاڭلىغان بولسىمۇ ئېنىق ئىسپاتلىيالمىغان بولىشى مۇمكىن، ياكى ئۇنىڭ قارىشىدا گەرچە خاتا بولسىمۇ، بۇنىڭغا زىت بولغان، باشقا شەكىلدە چۈشىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان يەنە بىر دەلىل بولىشىمۇ مومكىن.

    مەن دائىم بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى دېگەن بىر كىشى توغرىسىدىكى ھەدىسىنى ئەسلەپ تۇرىمەن، ئۇ: «مەن ۋاپات بولسام، جەسىدىمنى كۆيدۈرۈڭلار، جەسەت كۈلۈمنى توپلاپ ئۇنى دېڭىزغا چېچىۋىتىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى ھېچ كىشى ئازابلىمايدىغان بىر ئازاب بىلەن مېنى ئازابلاشنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا شۇنى قىلىدۇ دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن: سېنى شۇنداق قىلىشقا نېمە تۈرتكە بولدى؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: سەندىن قورقۇش،- دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ».

   بۇ كىشى ئۆزى كۈلگە ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى توغرىسىدىكى قۇدرىتى توغرىسىدا شەك قىلىپ، ئاللاھ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ،- دەپ قارىدى، بۇ قاراش مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن كۇپۇر ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئۇ بىلمەسلىكتىن شۇنداق قىلدى، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان مۇئمىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى كەچۈرۈم قىلدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە ھېرىس، ئىجتىھاد ئەھلى بولغان باشقا شەكىلدە چۈشەنگۈچى كەچۈرۈم قىلىنىشقا ئۇ كىشىدىن بەكرەك لايىقتۇر. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "قەۋائىدۇل مۇسلا" ناملىق كىتابىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىرگە، بەزى سۆزلەرنى زىيادە قىلدۇق].

    كاپىر قىلىش ئىشىدا بۇ دەرىجىدە خەتەر ۋە خاتالىق قاتتىق بولسا، دىن ئوقۇغۇچى، بولۇپمۇ يېڭىدىن ئىلىم يولىغا قەدەم قويغان ئوقۇغۇچى بۇ مەسىلىگە چوڭقۇرلاپ كېرىشتىن ساقلىنىپ، تۇرمۇشىغا ۋە ئاخىرىتىگە پايدىلىق ئىلىمنى ھاسىل قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم.

   ئۈچىنچى:

    سىزگە پايدىلىنىدىغان كىتابلارنى كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئىلگىرى سىزنى ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالىرىدىن تەلىم ئېلىشقا نەسىھەت قىلىمىز، بۇ ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئاسان يول، لىكىن سىز ئىلىمنى بىدئەت، ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن يىراق بولغان، سۈننەتكە ئەگىشىدىغان، دىنى ۋە ئىلمىدە ئىشەنچىلىك بولغان ئۆلىمالاردىن ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.

    مۇھەممەد ئىبنى سېيرىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بۇ ئىلىم دىندۇر، دىنىڭلارنى كىمدىن ئالىدىغانلىقىڭلارغا قاراڭلار". بۇ ئەسەرنى ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە رىۋايەت قىلغان.

   سىز ئۈچۈن تۇرىۋاتقان يېرىڭىزدە ئىلىم ئەھلىنىڭ دەرىسلىرىگە قاتنىشىش قولاي بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئاۋازلىق دەرسلىرىدىن پايدىلىنىڭ، بۇنىڭغا ئىسلامى تور بەتلىرى ياكى ۋى.سى.دى پىلاستىنكىلىرى ئارقىلىق ئېرىشىش ئاسان بولۇپ كەتتى، ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن. سىز يەنە سۈننەتكە ئەگىشىدىغان، شەرئى ئىلىملەرگە ھېرىسمەن بولغان دىنى ئوقۇغۇچىلاردىن پايدىلىنىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەر قايسى يۇرتلاردا تېپىلىدۇ.

   تۆتىنچى:

   تۆۋەندە سىزگە تاللاش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە  دەرسلىك قىلىش زۆرۈر بولغان بەزى  كىتابلارنى بايان قىلىپ بېرىمىز:

   -تەپسىر كىتابىدىن: تەپسىر ئىبنى كەسىر ۋە تەپسىر سەئدى قاتارلىق كىتابلار.

   ھەدىستىن: نەۋەۋىينىڭ "قىرىق ھەدىس" دېگەن كىتابىنى بىرەر شەرھىسى بىلەن، ئىبنى رەجەبنىڭ "جامىئۇل ئۇلۇم ۋەل ھىكەم"، ئاندىن "ياخشىلار باغچىسى"، بۇ كىتابغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ كىتابقا يازغان شەرھىسىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

   ئەقىدە كىتابىدىن: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب رەھىمەھۇللاھنىڭ تەۋھىد كىتابى ۋە ئۇنىڭ ئاسانلىتىلغان شەرھىسى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەقىدەتۇل ۋاسىتىيە" ناملىق ئەسىرى. مۇشۇ بابتا پايدىلىق يازمىلار بىلەن بىرگە، مەسىلەن: ئىبنى رەجەبنىڭ "ئىخلاس كەلىمىسىنى تەھقىقلەش"، ئىبنى تەيمىيەنىڭ: "قەلب ئەمەللىرى توغرىسىدا ئىراق تۆھپىسى" قاتارلىقلار.

  • ئىبنۇل قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ "زادۇلمەئاد" ناملىق ئەسىرىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ كىتابلىرى كۆپ، مەسىلەن: "ۋابىل سەيب"، "ئەددائ ۋە دەۋائ" قاتارلىق كىتابلىرى بار.

   بۇ باشتا ئوقۇشقا تىگىشلىك بىر تۈركۈم كىتاپلار بولۇپ، سىزگە ئوقۇپ، چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان بىرەر ئۇستاز تاپسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزنىڭ مۇھىم، پايدىلىق كىتابلارنى تونۇشىڭىز تەدرىجى ئاشىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى