پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتكەن زامانلاردىكى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن: دۇنيانىڭ يارىتىلىشنىڭ باشلىنىشى، ئاخىرلىشىپ قىيامەت بولىشى، جەننەت، دوزاخ، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تەرەپتىن بىلدۈرۈلگەن ئىلاھى ۋەھىيدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ : وَمَا يَنطِقُ عَنِ الْهَوَىٰ ، إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ تەرجىمىسى: «ئۇ ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» [سۈرە نەجم 2-3-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تِلْكَ مِنْ أَنبَاءِ الْغَيْبِ نُوحِيهَا إِلَيْكَ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ (قىسسە) غەيبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھىي قىلدۇق». [سۈرە ھۇد 49 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: قُل لَّا أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! سەندىن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى تەلەپ قىلغۇچى كۇففارلارغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە، مەن بولسام ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن. مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن». [سۈرە ئەنئام 50 -ئايەت.]
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر بەرگەن غەيبى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىش، سۆزىنى تەستىقلاش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا راست سۆزلىگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچى زاتتۇر. كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغان بىر خەۋەرنى بولسىمۇ ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ كىشى گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى مۇرتەدكە (يەنى دىندىن يېنىۋالغۇچىغا) ئايلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.