ھاراق ھەقىقەتەن مەست قىلىدۇ، ئۇنىڭ تەركىۋىدە ئەقىلنى يوق قىلىدىغان ماددىلاردىن بار، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق مەس قىلغۇچى نەرسە ھاراقتۇر، ھاراقنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر». ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھاراق ئېچىپ لەززەتلىنىدىغان ۋە كۆڭلىنى تەسەللى تاپقۇزىدىغان، ئەقىلنى يوق قىلىدىغان ھاراقنىڭ قاتارىغا كىرگەنلىكى ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغانلىقى ئۈچۈن ھارام دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ ۖ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَا أَكْبَرُ مِن نَّفْعِهِمَا تەرجىمىسى: « ئى مۇھەممەد ! سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ، دېگىن». [سۈرە بەقەرە 219 -ئايەت].
قۇرئان كەرىمدە ھەر قانداق نەرسىدە گۇناھ بولىدۇ دېيىلىدىكەن، ئۇ چوڭ گۇناھ بولىدۇ، بۇنى قىلىش ھارام بولىدۇ. ھەقىقەتەن بۇنىڭدىكى ئىسپىرت ئەقىلگە ۋە جىسىمغا زەرەر بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەقىل بىلەن بەدەنگە زىيانلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى كەسكىن ھارام قىلدى، كۈچلۈك چەكلىدى، ھەر قانداق نەرسە ئىنسانغا زەرەر يەتكۈزىدىكەن، ئىنساننىڭ ئۇنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار»،
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ھالاكەتكە تاشلىماڭلار». چۈنكى بۇ مال-دۇنيانى ئىسراپ قىلىشتۇر. مال-دۇنيانى بۇزۇپ-چېچىش ۋە ئىسراپ قىلىش ھارامدۇر. بۇنى قىلغۇچى بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە چۈشۈپ قالىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الْمُبَذِّرِينَ كَانُوا إِخْوَانَ الشَّيَاطِينِ تەرجىمىسى: «ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر» [سۈرە ئىسرا 27-ئايەت].
ئىسپىرتنى ئىچىشتىن باشقا ئىشلارغا ئاز مىقداردا ئىشلەتسە، ئۇنى باشقا خۇشبۇي نەرسىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كىيىم ۋە بەدەنگە سۈرىۋالسا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تەر پۇراپ قىلىشتىن ساقلايدۇ، كىيىملىرىنىڭ مىكرۇپلانماسلىقىغا سەۋەپ بولىدۇ، ئەمما ھەر قانداق ھالەتتە بولسۇن، ئاز مىقداردا بولسىمۇ ئېچىش توغرا بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.