1

باشقىلارغا «سالامۇن ئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلىش توغرا بولامدۇ؟

سوئال: 67801

نۇرغۇن مۇسۇلمانلار قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارغا: «سالامۇن ئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلىدىكەن، بۇنداق قىلىش توغرا بولامدۇ؟. ئەگەر توغرا بولمىسا، سالام قىلغۇچىغا سالام قىلغانلىقى ئۈچۈن ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سالامنى باشلىغۇچى باشقىلارغا «سالامۇن ئەلەيكۇم ياكى سەلامۇن ئەلەيكە» دەپ سالام قىلسا بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنىڭ جەننەت ئەھلىگە قىلىدىغان سالىمىنىڭ «سالامۇن ئەلەيكۇم»دېن ئىبارەت بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَالْمَلائِكَةُ يَدْخُلُونَ عَلَيْهِمْ مِنْ كُلِّ بَابٍ سَلامٌ عَلَيْكُمْ بِمَا صَبَرْتُمْ فَنِعْمَ عُقْبَى الدَّارِ تەرجىمىسى: «پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ (پەرىشتىلەر ئۇ دۇنيادا) «سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» دەيدۇ» [رەئد سۈرىسى 23-24-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَسِيقَ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ إِلَى الْجَنَّةِ زُمَرًا حَتَّى إِذَا جَاءُوهَا وَفُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا سَلامٌ عَلَيْكُمْ طِبْتُمْ فَادْخُلُوهَا خَالِدِينَ تەرجىمىسى:«پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ ـ توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ » [سۈرە زۇمەر 73-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الَّذِينَ تَتَوَفَّاهُمُ الْمَلائِكَةُ طَيِّبِينَ يَقُولُونَ سَلامٌ عَلَيْكُمُ ادْخُلُوا الْجَنَّةَ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلار (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان شارائىتتا پەرىشتىلەر ئۇلارنى قەبزى روھ قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سالام سىلەرگە! قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن جەننەتكە كىرىڭلار» دەيدۇ » [سۈرە نەھل 32-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا سَمِعُوا اللَّغْوَ أَعْرَضُوا عَنْهُ وَقَالُوا لَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ سَلامٌ عَلَيْكُمْ لا نَبْتَغِي الْجَاهِلِينَ تەرجىمىسى: « ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ (يەنى قۇلاق سالماي): «بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز» دەيدۇ» [سۈرە قەسەس 55-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا جَاءَكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِنَا فَقُلْ سَلامٌ عَلَيْكُمْ كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَى نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ أَنَّهُ مَنْ عَمِلَ مِنْكُمْ سُوءًا بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَصْلَحَ فَأَنَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ تەرجىمىسى: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن» [سۈرە ئەنئام 54-ئايەت].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئولتۇرغان بىر سورۇننىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:«سالامۇن ئەلەيكۇم» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭغا ئون ياخشىلىق بولىدۇ» دېدى، يەنە بىر ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:«سالامۇن ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭغا يىگىرمە ياخشىلىق بولىدۇ» دېدى، ئۈچىنچى بىر ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:«سالامۇن ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ»دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭغا ئوتتۇز ياخشىلىق بولىدۇ»دېدى، سورۇندىن بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلمايلا كېتىپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ ھەمراھىڭلار سالام بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ، سىلەردىن كىمكى بىر سورۇنغا كەلسە، سالام قىلسۇن ۋە ئولتۇرماقچى بولسا ئولتۇرسۇن، ئەگەر سورۇندىن كەتمەكچى بولسا، ئورنىدىن تۇرغاندا سالام بېرىپ قايتسۇن، دەسلەپتە قىلغان سالام كېيىنكى سالامنىڭ ئورنىدا تۇرمايدۇ» دېدى.  [ئىبنى ھىببان سەھىھ كىتابىدا493 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۇرگەن.  شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تەرغىيب ۋە تەرھىيبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى"توپلىمى 2712-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر ۋە باشقا دەلىللەر باشقىلارغا: «سالامۇن ئەلەيكۇم» دەپ سالام قىلسا گۇناھ بولمايدىغانلىقى، بۇ كىشىنىڭ سالام قىلغانلىقى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى ۋە جاۋاپقىمۇ ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۆلىمالار: باشقىلارغا سالام قىلغاندا: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»  دېيىش ئەۋزەلمۇ ياكى«سالامۇن ئەلەيكۇم» دېيىش ئەۋزەلمۇ؟ ياكى ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە پەرقلىق قاراشلاردا بولدى.

ئەل مىرداۋى "ئەل ئىنساپ" ناملىق ئەسىرى 2-توم 563-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:"ھايات كىشىگە سالام قىلغاندا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»  ۋە «سالامۇن ئەلەيكۇم» دېگەن ئىككى لەۋزىنىڭ قايسىسىنى تاللىسا بولىدۇ، بۇ قاراشنى خىلى كۆپ ئۆلىمالار بايان قىلغان، "ئەل پۇرۇ" ناملىق ئەسەردىمۇ بۇ سۆزنى كەلتۈرگەن".

ئاندىن يەنە ئىمام ئەھمەتنىڭ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىش «سالامۇن ئەلەيكۇم» دېيىشتىن ئەۋزەل دېگەن قارىشىنى بايان قىلغان ۋە ئىبنى ئەقىيلنىڭ «سالامۇن ئەلەيكۇم» دېيىش«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېيىشتىن ئەۋزەل دېگەن قارىشىنى بايان قىلغان".

ئىمام نەۋەۋىي "ئەل ئەزكار ناملىق ئەسەر"  356-358 -بەتلەردە مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىش كېرەككى!  مۇسۇلمان باشقىلارغا سالام قىلغاندا: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دەپ گەرچە سالام قىلىنغۇچى بىر كىشى بولسىمۇ ئۇنىڭغا كۆپلۈكنى ئىپادىلەيدىغان ئالماش بىلەن كەلتۈرۈشى ئەۋزەل بولىدۇ، بۇنىڭغا جاۋاپ بەرگۈچى: «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دەيدۇ.

بىزنىڭ يارەنلىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:  ئەگەر سالامنى باشلىغۇچى: "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېسە، بۇنىڭ بىلەن سالام ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر"ئەسسالامۇ ئەلەيكە" دېسە ياكى "سالامۇن ئەلەيكە" دېسە بۇنىڭ بىلەنمۇ سالام ھاسىل بولىدۇ.

سالامغا جاۋاپ بەرگۈچى: "ۋە ئەلەيكەسسەلام" ياكى "ۋە ئەلەيكۇمۇسسەلام" دېسە ياكى "ۋە" دېگەن سۆزنى قاتماي: "ئەلەيكۇمۇسسەلام" دېسە، بۇنىڭ ئۆزىمۇ سالامغا جاۋاپ بولۇشقا كۇپايە قىلىدۇ.

ئەگەر سالامنى باشلىغۇچى: "سالامۇن ئەلەيكۇم" ياكى "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېسە، جاۋاپ بەرگۈچى ھەر ئىككى سۈرەتتە: "سالامۇن ئەلەيكۇم" ياكى "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېسە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : قالُوا سَلاماً قالَ سَلامٌ تەرجىمىسى: «پەرىشتىلەر ئىبراھىمغا خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلدى.  ئۇلار:  «ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز» دېدى. ئىبراھىم : «مەنمۇ سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن دېدى.» [سۈرە ھۇد 69 -ئايەت]].

بىزنىڭ يارەنلىرىمىزدىن بولغان ئەبۇ ھەسەن ۋاھىدى مۇنداق دەيدۇ: سىز سالام قىلىشتا: "سالامۇن ئەلەيكۇم"  ياكى  "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېيىش ئىختىيارلىقىدا بولىسىز.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ:  "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم"  دېيىش ياخشى دېدى".

ئىككىنچى:  سالامنى باشلىغۇچىنىڭ: "ئەلەيكەسسالام" ياكى "ئەلەيكۇمۇسسالام"  دېيىشى ياخشى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك "ئۆلۈكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سالامدۇر.

ئەبۇ جۇرەيىل ھۇجەيمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ:  مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە: "ئەلەيكەسسەلام" ئەي رەسۇلۇللاھ!  دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق دېمىگىن، "ئەلەيكەسسەلام"  دېگەن سۆز ئۆلۈكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سالامدۇر دېدى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5209-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى2722-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەلەيكەسسەلام" دېگەن ئۆلۈكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سالامدۇر» دېگەن سۆزىدىن بولغان مەقسەت: جاھىلىيەتتە نۇرغۇن شائىرلار ۋە باشقىلار بۇ سۆزنى ئۆلۈكلەرگە ئىشلىتەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى سالامدا ئىشلىتىشتىن چەكلىگەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈكلەرگە سالام قىلىشتىكى سۈننىتى خۇددى ھاياتلارغا "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دېگەندىكى سۈننىتىگە ئوخشاشتۇر.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سالامنى باشلاشتىكى سۈننىتى"ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ"دېيىش بولۇپ، سالامنى باشلىغۇچىنىڭ" ئەلەيكەسسەلام"  دېيىشىنى ياقتۇرمىدى، يۇقىرىقى ھەدىستىمۇ:  ئەبۇ جۇرەيھىل ھۇجەمىيمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە: "ئەلەيكەسسەلام" ئەي رەسۇلۇللاھ! دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق دېمىگىن، "ئەلەيكەسسەلام" دېگەن ئۆلۈكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سالامدۇر دېگەن». [ سەھىھ ھەدىس].

بەزى كىشىلەر بۇ ھەدىسنى توغرا چۈشىنەلمەي، بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆلۈكلەرگە  "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ بايان قىلىنغان ھەدىسكە زىت كېلىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان، يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەلەيكەسسەلام دېگەن ئۆلۈكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سالامدۇر»دېگەن سۆزىنى يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان ئىش دەپ ئويلاپ خاتالاشتى، بۇ خاتالىق ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىسىدا زىتلىق بارلىقىنى ئىسپاتلىدى، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەلەيكەسسەلام دېگەن ئۆلۈكلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سالامدۇر» دېگەن سۆزى يېڭىدىن يولغا قويۇلىدىغان ئىشتىن خەۋەر بېرىش ئەمەس بەلكى ئەمەلى ۋاقىئەدىن خەۋەر بېرىش ئېدى، يەنى:  نۇرغۇن شائىرلار ۋە باشقىلار بۇ سۆزنى ئۆلۈكلەرگە ئىشلىتەتتى، ئۇلار قەيس ئىبنى ئاسىم ئۈچۈن مۇنداق مەرسىيە ئوقۇغان:  ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكى، سالامى خالىغانچە رەھمىتى قەيس ئىبنى ئاسىمغا بولسۇن، قەيس ئىبنى ئاسىمنىڭ ئۆلۈمى پەقەت بىر كىشىنىڭلار ئۆلۈمى ئەمەس بەلكى بىر قەۋمنىڭ ۋەيران قىلىنغان بىناسى ئىدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاياتلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ سالامى بىلەن سالاملاشنى ياقتۇرمىغان". "زادىل مىئاد" 2-توم 383-بەت.

ئۈچىنچى:  ئەڭ مۇكەممەل سالام بولسا: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. يۇقىرىدا بۇ توغرىدا ئىبنى ھىببان كەلتۈرگەن ھەدىس بايان قىلىندى.

ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ:  بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالانىڭ يېنىغا كېلىپ:  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاپ بەردى، ئاندىن ئۇ كىشى ئولتۇردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭغا ئون ساۋاپ بېرىلدى» دېدى، ئاندىن يەنە بىرسى كېلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى» دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاپ بەردى، ئۇ كىشى ئولتۇردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭغا يىگىرمە ساۋاپ بېرىلدى»دېدى، ئاندىن يەنە بىرسى كېلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ»دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاپ بەردى، ئۇ كىشى ئولتۇردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭغا ئوتتۇز ساۋاپ بېرىلدى»دېدى،. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5195 -ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى2689 -ھەدىس.  بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

ئەمما بەزى رىۋايەتلەردە كەلگەن: "ۋە مەغپىرەتۇھۇ ياكى ۋە رىزۋانۇھۇ" دېگەن ئارتۇق سۆزلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىش توغرا بولمايدۇ، بۇنى ئىبنى قەييىم "زادىل مىئاد" 2-توم 381-بەتتە بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى"ئەبۇ داۋۇدنىڭ زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 5196 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android