بۇ ھەقىقەتەن ۋاپات بولغانلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغان، قەبىھ، ناچار ئىشتۇر. مېيىتنىڭ قەبرىسى ھاياتلىقتىكى ئۆيىگە ئوخشاشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلمىشنىڭ بەك ناچار ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: « كۆيۈۋاتقان چوغ ياكى قىلىچ ئۈستىدە مېڭىش، مەن ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ قەبرىسى ئۈستىدە مېڭىشتىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر. قەبرىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھاجەت قىلساممۇ، پەرۋا قىلمايمەن». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى"زەۋائىد" تا ئىسنادى سەھىھ دېگەن. "ئىرۋائۇل غەلىيل"دە سەھىھ دەپ63 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.]
ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئايىغىمنى پۇتۇمدا تۇرغۇزۇپ تىكىمەن-ئوڭشايمەن- » دېگىنىمۇ گەرچە مۇمكىن بولسىمۇ بەك قىيىن ئىش، بۇنىڭدا قاتتىق چارچاش بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئىش ماڭا مۇسۇلماننىڭ قەبرىسى ئۈستىدىن مېڭىشتىنمۇ بەك ياخشى كۆرەلگۈچى دەيدۇ «. «قەبرىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياكى بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھاجەت قىلساممۇ، پەرۋا قىلمايمەن» دېگەن سۆزى بولسا، بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ناچار، قەبىھ ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنى قىلغان كىشى ئۇنىڭ ئىككىلىسىنى قىلىشتىنمۇ پەرۋا قىلمايدۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.