ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن. "تىلاۋەت سەجدىسىنى نامازنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارىغان ئالىملار بۇنىڭ ئۈچۈن تاھارەت بولۇش، قىبلىگە يۈزلىنىش، سەجدە قىلغاندا ۋە سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە سالام بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.
يەنە بەزى ئالىملار تىلاۋەت سەجدىسىنى ئىبادەت دەپ قارىسىمۇ لېكىن نامازغا ئوخشاش ئەمەس، شۇنىڭغا كۆرە، تىلاۋەت سەجدىسى قىلغاندا تاھارەتنىڭ بولىشى، قىبلىگە يۈزلىنىش ۋە باشقا ئىشلار شەرت قىلىنمايدۇ دەيدۇ، بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر، چۈنكى بىز تىلاۋەت سەجدىسى ئۈچۈن تاھارەتنىڭ ۋە قىبلىگە يۈزلىنىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمىز. ئەگەر سەجدە قىلغاندا تاھارەت بولسا ۋە قىبلىگە يۈزلىنىش ئىمكانىيىتى بولسا ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن چېقىش ئۈچۈن شۇنداق قىلسا ياخشى بولىدۇ" .
ئاللاھ تائالا ئەڭ توغرىغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.