مۇسۇلمانلار ئىسا ئەلەيھىسسالام كىرستقا مىخلىنىپ ئۆلمىدى، قۇربانلىق، پىداكارلىق ۋە ئۈچ ئىلاھلىق يوق دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇنىڭدەك خاتالىقنىڭ مىراس قالدۇرۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ھېچ بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى، گۇناھنىڭ مەغپىرەت بولىشى خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ تەۋبە قىلىشى بىلەن بولىدۇ. ھەممىدىن مېھرىبان ۋە ياخشىلىق ئىگىسى بولغان ئاللاھ مەغپىرەتكە لايىقتۇر، قۇربانلىق ۋە كىرىستقا مىخلىنىش يوق، قان ئېقىتىش يوق، ئىسا ئەلەيھىسسالام ياراملىق ئەمەل ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق قەۋمىنى خاتالىق، ناچار ئىشلاردىن خالاس قىلىدىغان ئىش سادىر بولمىدى.
خىرىستىيانلار نەزىرىدىكى پىداكارلىق تەلىماتى توغرىسىدا مۇلاھىزە
سوئال: 42573
مەسىھ ئىسا ئەلەيھىسسالام سەمىيمىلىك بىلەن بىزنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەن تۇرسا، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بۇنى ئىنكار قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
قىسقىچە جاۋاپ
جاۋاپنىڭ تېكىستى
مۈندەرىجە
- -پىدا قىلىشنىڭ مەنىسى.
- -ئۆزىنى پىدا قىلىش بارلىق ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟.
- -بۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپكى خاتالىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ؟.
- -بۇيەردە مىراس قالدۇرۇلغان خاتالىق بارمۇ؟.
- -ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلامدۇ؟.
- - ئىسا ئەلەيھىسسالام ياراملىق ئەمەل ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنمۇ؟.
-پىدا قىلىشنىڭ مەنىسى.
خىرىتىيانلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنى پىدا قىلىش ئېتىقادى ئاساسى قۇرۇلما بولۇپ، بۇ خرىستىيانلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى كىرستقا مىخلاش دېگەن سۆزدىن ئىبارەتتۇر، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ ئېتىقادى توغرا بولمىسىمۇ ئۇلار پۈتۈن دىيانىتىنى بۇنىڭغا ئامانەت قىلدى.
ئىنگىلىس كاردىينال مىننىڭ ئۆزىنىڭ "ئەبەدى كىھنۇت" ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ تەتقىقاتنىڭ مۇھىملىقى ھەيرانلىقنى يوشۇرمايدۇ، ھەقىقەتەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى كىرستقا ھەقىقى مىخلىنىش بىلەن بولمىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا چىركاۋلارنىڭ ئېتىقادى تۈپ-يىلتىزىدىن يېمىرىلگەن بولىدۇ، چۈنكى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆلمىگەن بولسا، قۇربانلىق، قۇتۇلۇش ۋە ئۈچ ئىلاھلىق يوق بولىدۇ، بولىس، ھەۋارىيۇنلار ۋە بارلىق چېركاۋلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنى دەۋا قىلىدۇ، يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆلمىسە قىيامەت بولمايدۇ دېگەننى دەۋا قىلىدۇ".
بولىسنىڭ بېكىتكىنىمۇ: ئەگەر ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇرمىسا، بىزنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىمىز بىكاردۇر شۇنداقلا ئىمانىمىزمۇ بىكاردۇر". [كورنسۇس 1-توم 14-15-بەت].
شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇلار ئۈچ ئىلاھلىق ھەققىدىكى سۆزلىرىدە پۇتلىشىپ قالمىدى، ئۇنىڭ مەنىسىدىمۇ شۇنداق بولدى، ئۇلار بۇ قاراش بىلەن "ئەھدى قەدىم" دېگەن كىتابىدا بېكىتىلگەن تەۋھىد قارىشىنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرىدۇ؟. بۇنىڭ ئۈچۈن 12628-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كىرستقا مىخلىنىشقا ئالاقىدار بولغان تەپسىلى ۋەقەلىكتىمۇ قالايمىقانچىلىق، ئادىشىپ قىلىش بار، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىش دېگەن سۆزىنىڭ ئەسلى-ئاساسى بولۇپ، ئۇلار بۇنى كىرستقا مىخلىنىشنىڭ سەۋەبى دەپ ئېتىبارغا ئالىدۇ.
بىز دەيمىزكى: ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھىنىڭ نۇرىدىن چەتنەپ كەتكەن ھەر قانداق بىر ئىنسانغا مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىق كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ قالايمىقانچىلىقى پىدا ئەقىدىسىدە بولغان.
-ئۆزىنى پىدا قىلىش بارلىق ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟.
ئۆزىنى پىدا قىلىش بارلىق ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلىدە، يوھەننا ئېيتقاندەك: ھەممىگە ياخشىلىق قىلغۇچى يەسۇئ مەسىھ ئاتىنىڭ يېنىدا شاپائەت قىلىدۇ، بۇ يالغۇز ئۇنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئەمەس بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنىڭ كاپارىتى بولىدۇ، بەلكى پۈتۈن ئالەمنىڭ خاتالىقىنىڭ كاپارىتى بولىدۇ. [بىرىنچى يوھەننانىڭ مەكتۇبى 2-توم 2-بەت].
ياكى ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە تايانغان كىشىگە خاس بولىدۇ. يەنى ئۆزىگە ئىشەنگەن ۋە تايانغان كىشى قۇتۇلىدۇ، ئۆزىگە ئىشەنمىگەن كىشى قۇتۇلالمايدۇ، جازالىنىدۇ. [مىرقىس 16-توم 16-بەت].
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەتلىرى ۋە سۆزلىرىنى ئويلانغاندا، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئۈچۈن بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەۋەت يوللىرىدا شاگىرتلىرىنى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ غەيرىنى دەۋەت قىلىشتىن چەكلىگەن، شۇنىڭغا كۆرە قۇتۇلۇشمۇ ئۇلارغا خاس بولىدىغانلىقى زۆرۈر بولىدۇ، شۇنىڭدەك، كەنئانلىق ئايالنىڭ ۋەقىلىكىمۇ بۇنى كۈچلاندۇرىدۇ، ئۇ ئايال ئىسا ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئۇلۇغ زات، ئى داۋۇدنىڭ ئوغلى! ماڭا شەپقەت قىلسىلا، قىزىم بەك ئەقلىدىن ئېزىپ كەتتى دېگەندە، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمايدۇ، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: بۇ ئايال ئارقىمىزدىن بەك توۋلاپ كەتتى، ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەن بولسىلىرى دېگەندە، ئىسا ئەلەيھىسسالام: مەن پەقەت خاراپ بولغان، ئازغۇن ئىسرائىل ئائىلىسىگە ئەۋەتىلدىم دەپ جاۋاپ بەرگەن، ئۇ ئايال كېلىپ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىپ: ئى ئۇلۇغ زات! ماڭا ياردەم قىلسىلا دېگەندە، ئىسا ئەلەيھىسسالام: ئەۋلادلارنىڭ نېنىنى ئىتقا تاشلاپ بېرىش ياخشى ئىش ئەمەس دېگەن». [ئىنجىل مەتتە 15-توم 22-26-بەت].
ئىسا ئەلەيھىسسالام كەنئانلىق ئايالنىڭ قىزىغا شىپالىق ئاتا قىلىشقا قادىر تۇرۇپ ئۇنىڭغا شىپالىق ئاتا قىلمىغان تۇرسا، قانداقمۇ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشقا تۇرىدۇ؟!.
-بۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپكى خاتالىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ؟.
بۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپكى خاتالىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خاسمۇ ياكى بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن ئومۇممۇ؟.
ھېچ بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَلا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى وَإِنْ تَدْعُ مُثْقَلَةٌ إِلَى حِمْلِهَا لا يُحْمَلْ مِنْهُ شَيْءٌ وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَى إِنَّمَا تُنْذِرُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ وَأَقَامُوا الصَّلاةَ وَمَنْ تَزَكَّى فَإِنَّمَا يَتَزَكَّى لِنَفْسِهِ وَإِلَى اللَّهِ الْمَصِيرُ تەرجىمىسى: «ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى (گۇناھلاردىن) پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر» [سۈرە پاتىر 18-ئايەت].
سىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىڭلارنىڭ تېكىستىمۇ بۇنى بېكىتىدۇ: "خاتالىق سادىر قىلىپ ئۆلگەن جان، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئوغۇل ئاتىسىنىڭ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئاتا ئوغلىنىڭ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقى ئۆزىگە بولىدۇ، يامانلىق قىلغۇچىنىڭ يامانلىقىمۇ ئۆزىگە بولىدۇ ". [ھىزقىيال 18-توم 20-21-بەت].
-بۇيەردە مىراس قالدۇرۇلغان خاتالىق بارمۇ؟.
بۇ يەردە مىراس قالدۇرۇلغان خاتالىق يوق: "ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلار بىلەن سۆزلەشمىگەن بولسام ئۇلار گۇناھ قىلمىغان بولاتتى، ھازىر ئۇلارنىڭ خاتالىقىنىڭ ھېچ ئۈزۈرسى يوق، ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچكىم قىلمىغاندەك ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، ئۇلار گۇناھ قىلمىغان بولاتتى، لېكىن ئۇلار مېنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىمنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مېنى ئۆچ كۆردى ۋە ئاتامنى ئۆچ كۆردى". [يۇھەننا 15-توم 22-24-بەت].
بۇ يەردە خاتالىق بولغان ۋاقىتتا، مەيلى ئۇ خاتالىق ئىنسان ئۆزى قىلغان خاتالىق بولسۇن ياكى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مىراس قالغان خاتالىق بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئاتىلىرىدىن قالغان خاتالىق بولسۇن، نېمە ئۈچۈن بۇ خاتالىقلار تەۋبە بىلەن ئۆچۈرۈلگۈچى بولمايدۇ؟!.
خاتالىقتىن تەۋبە قىلغۇچى تەۋبە قىلغان ۋاقىتتىكى ئاسمان ئەھلى، پادىچى ئۆزىنىڭ يوقۇتۇپ قويغان قوچقىرىنى تىپىۋالغاندا خۇرسەن بولغاندىنمۇ، تىللاسىنى يوقۇتۇپ قويغان ئايال تىللاسىنى تىپىۋالغاندا خۇرسەن بولغاندىنمۇ ۋە ئاتا ئۆزىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغلى قايتىپ كەلگەندە خۇرسەن بولغاندىنمۇ بەكرەك خۇرسەن بولىدۇ، پەقەت خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ بىرىنىڭ قىلغان تەۋبىسى بىلەن ئاسمان ئەھلى بۇ قەدەر خۇرسەن بولىدىغان بولسا، تەۋبىگە ئېھتىياجى بولمىغان توقسەن توققۇز كىشىنىڭ تەۋبىسى بىلەن قانچىلىك خۇرسەن بولۇپ كېتەر!. [ئىنجىل لوقا 15-توم 1-31-بەت].
-ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلامدۇ؟.
ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى، يامانلىق قىلغۇچى ئۆزىنىڭ قىلغان بارلىق خاتالىقلىرىدىن قايتسا، بارلىق پەرز ئەمەللەرنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆز لايىقىدا ئەمەل قىلسا، ئادىل بولسا ئەبەدىي گۈزەل ھاياتتا ياشايدۇ، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان خاتالىقلىرى تىلغا ئېلىنمايدۇ، ھايات ۋاقتىدا قىلغان ياخشى ئەمەللىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. [ھىزقىيال 18-توم 21-23-بەت].
يەنە [ئىشئىيا 7-توم 55-بەتكە قارالسۇن].
خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلماستىن، يارام ئەمەللەرنى قىلماستىن ئۆز نەسىبىگە تايىنىۋېلىش ئەقىلسىزلىكنىڭ بىر تۈرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەمىلى كېچىكتۈرۈپ قويغان ئادەمنى نەسىبى ئېلگىرى قىلالمايدۇ» يەنى نەسىبى ئېسىل بولسىمۇ ياراملىق ئەمەل قىلمايدىكەن، ئېسىل نەسەبنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. [سەھىھ مۇسلىم 2699-ھەدىس]. بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى بولسۇن.
سىلەرگىمۇ يوھەننا مەئمەدان شۇنداق تەلىم بەرگەن: "ئى يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى! بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن قېچىپ كىتەلمەيسىلەر! كۆڭلۈڭلاردا: بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ئويلاپ قالماڭلار، سىلەرگە دېسەم: ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مۇشۇ تاشلاردىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنى قىلىشقا ئەلۋەتتە قادىردۇر، ھە مانا دەرەخ يىلتىزىغا پالتا چۈشتى، ھەر قانداق دەرەخ كېسىۋېتىلسە، ئۇ ھېچ مىۋە بەرمەيدۇ، بەلكى ئوتۇن بولۇپ ئوتقا تاشلىنىدۇ". [مەتتا 3-توم 7-11-بەت].
گۇناھنىڭ مەغپىرەت بولىشى خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ تەۋبە قىلىشى بىلەن بولىدۇ، ھەممىدىن مېھرىبان، ياخشىلىق ئىگىسى بولغان ئاللاھ مەغپىرەتكە لايىقتۇر، قۇربانلىق ۋە كىرىستقا مىخلىنىش يوق، قان ئېقىتىش يوق، بۇ قاراشنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتاپلىرىدا بېكىتكەن: مەن قۇربانلىقنى مەقسەت قىلمايمەن بەلكى رەھمەتنى مەقسەت قىلىمەن، مەن ياخشىلارغا دۇئا قىلىش ئۈچۈن كەلمىدىم، بەلكى خاتالىق سادىر قىلغۇچىلارنى تەۋبە قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن كەلدىم. [ماتتا 9-توم 13-بەت].
شۇنىڭ ئۈچۈن بولىس مۇنداق دەيدۇ: "گۇناھى مەغپىرەت قىلىنغان، خاتالىقى يوشۇرۇلغان كىشىلەرگە خوش-مۇبارەك بولسۇن. رەببى تەرىپىدىن خاتالىقى ئۈچۈن ھېساپ ئېلىنمايدىغان كىشىگە خوش-مۇبارەك بولسۇن". [ئىنجىل رۇمىيە 4-توم 7-8-بەت].
بىزنىڭ ئاللاھ تائالاغا شەكسىز ئىمانىمىز بىلەن ئەگەر ئاللاھ تائالا بەزى بەندىلىرىنى خاتالىقتىن تەۋبە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىسا ئېدى، بۇ ئۇلارغا ئېغىر كەلمەيتتى ۋە ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە قىلغان ياخشىلىقى ۋە رەھمىتىگىمۇ زىت كەلمەيتتى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئاللاھ تائالانى ئوچۇق كۆرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى، بۇ ئىش ئۇ ۋاقتىدا بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىشى بولماستىن بەلكى ئىنسان ئۆزىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىشى ئېدى، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ خاتالىقى بىلەن ئۆلتۈرىشى ئەمەس ئېدى. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە رەھمەت قىلىپ ئۇلاردىن بۇنداق ئېغىرچىلىقلارنى بىكار قىلىۋەتتى.
ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ مەسئۇلىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دېگەن دەلىل، گۇناھنى مىراس قالدۇرۇش نەزىريىسىنى بىكار قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: مَنْ عَمِلَ صَالِحاً فَلِنَفْسِهِ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا وَمَا رَبُّكَ بِظَلامٍ لِلْعَبِيدِ تەرجىمىسى: «كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر» [سۈرە پۇسسىلەت 46-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ رَهِينَةٌ تەرجىمىسى: «ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر» [سۈرە مۇددەسسىر 38-ئايەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَأَنْتَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ، إِنْ تُعَذِّبْهُمْ فَإِنَّهُمْ عِبَادُكَ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُمْ فَإِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ ، قَالَ اللَّهُ هَذَا يَوْمُ يَنفَعُ الصَّادِقِينَ صِدْقُهُمْ لَهُمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الأَنهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ذَلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ ، لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَا فِيهِنَّ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ تەرجىمىسى: «سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن، ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن). ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن»، ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»، ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلاردىكى پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» [مائىدە سۈرىسى 116-120-ئايەتكىچە].
سىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابىڭلاردا مۇنداق كەلگەن: "جازالانماسلىق ئۈچۈن جىنايەت سادىر قىلماڭ، ئۆزىىڭىزگە ھۆكۈم قىلىنماسلىق ئۈچۈن باشقىلارغا ھۆكۈم قىلماڭ" [مەتتا 7-توم 1-2-بەت].
"ئىنساننىڭ ئوغلى ئاتىسىنىڭ ئۇلۇغلىقى بىلەن پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە كېلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ھەر بىرى ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا كۆرە جازا-مۇكاپاتلىنىدۇ".[مەتتا 16-توم 27-بەت].
- ئىسا ئەلەيھىسسالام ياراملىق ئەمەل ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنمۇ؟.
ئىسا ئەلەيھىسسالام ياراملىق ئەمەل ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئەسھابلىرىغا مۇنداق دېگەن: "ماڭا ئى رەببىم! ماڭا ئى رەببىم! دېگەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەرىشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرمەيدۇ، بەلكى ئەرىشتىكى ئاتىنىڭ ئىرادىسى بويىنچە ئىش قىلغان ئىنسان كىرىدۇ، ئاشۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: ئى رەببىم! ئى رەببىم! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن خەۋەر بەرمىدۇقمۇ، سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن شەيتانلارنى چىقارمىدۇقمۇ؟، سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن نۇرغۇن كۈچ-قۇۋۋەتلەرنى قىلمىدىقمۇ؟دەيدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارغا ۋاقىراپ: مەن سىلەرنى قەتئى بىلمەيمەن، ئى گۇناھ-مەسىيەت قىلغۇچىلار مەندىن يىراق بولۇڭلار دەيمەن". [مەتتا 7-توم 20-21-بەت].
يۇقىردىكى سۆزىگە ئوخشاش: ئىنسان ئوغلىنى پەرىشتىلەرگە ئەۋەتىدۇ، تەختى ئاستىدا گۇناھ-مەسىيەت قىلغان، پۇتلىكاشاڭ پەيدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى جۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ دوزاخنىڭ ئوچىقىغا تاشلايدۇ". [مەتتا 13-توم 41-42-بەت.
ئۇلارغا گۇناھتىن ئۇلارنى خالاس قىلىدىغان پىديە توغرىسىدا سۆزلىمىدى.
قىيامەت كۈنى نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلار بولسا ئۇلار پەقەت ياخشى ئەمەل قىلغانلاردۇر، يامان ئىش قىلغۇچىلار بولسا جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارنى مەسىھ ياكى باشقا بىرى بىلەن جەھەننەمدىن قۇتقۇزۇش بولمايدۇ.
قىيامەت كەلگەندە ياخشى ئەمەل قىلغانلار ھاياتنىڭ تىرېلىشىگە چېقىدۇ، يامان ئەمەل قىلغانلار گۇناھنىڭ تېرىلىشىگە چېقىدۇ". [يوھەننا 5-توم 28-28-بەت].
ئىنساننىڭ ئوغلى كاتتىلىقتا، بارلىق پەرىشتىلەر بىلەن كەلگەندە، ئەۋلىيالار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقى بىلەن كۇرسىدا ئولتۇرىدۇ... ئاندىن كېيىن سول تەرەپتىكىلەر: ئى لەنەت قىلىنغۇچىلار! مەندىن يىراق كېتىڭلار، ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە تەييار قىلغان ئەبەدىيلىك دوزاخقا كېتىڭلار دەيدۇ". [مەتتا 25-توم 31-42-بەت].
مەسىھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: "ئى چاياننىڭ ئەۋلادى بولغان يىلانلار! جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن قانداق قاچىسىلەر؟". [مەتتا 23-33-بەت].
ئودىلىپ ھىرنىك ئۆزىنى پىدا قىلىپ قۇتقۇزۇش ئىددولوگىيسىدىن خالى بولغان شاگىرتنىڭ رىسالىسىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ، بەلكى ئۇنى يەقۇپنىڭ رىسالىسىدە كەلگەندەك: قۇتۇلۇشنى ئەمەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىدۇ. قېرىنداشلىرىم: بىر كىشى: ئۇنىڭ ئىمانى بار دېسە لېكىن ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلى يوق دېسە، قۇرۇق ئىمان ئۇنى قۇتقۇزۇشقا قادىر بولالامدۇ؟، ئەمەل بولمىغان ئىمان ئۆز زاتىدا ئۆلۈك ھېساپلىنىدۇ، يەنى ئەمەلسىز ئىمان ئۆلۈكتۇر". [يەقۇپ 2-توم 14-20-بەت. يەنە 1-توم 22-بەت، 1-توم 27-بەتكە قارالسۇن].
بىترىس مۇنداق دەيدۇ: " مېنىڭ قارىشىمچە ئاللاھ تائالا ھەقىقەتتە بىر ئادەمنى يەنە بىر ئادەمدىن ئارتۇق قىلمايدۇ، كىمكى قايسى ئۈممەتتىن بولسۇن ئاللاھدىن قورقسا، ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇ ئەمەل ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل قېلىنىدۇ". [رىسالە ئەمەللىرى 10-توم 34-35-بەت].
مەسىھنىڭ ۋە ھەۋارىيۇنلارنىڭ سۆزلىرىدە بۇنداق مىساللار بەك كۆپ كېلىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن راست ئېيتقۇچىدۇر: يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوباً وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].
ھەيران قالارلىق ئىش: بولىسنىڭ ئۆزى قانۇننى بۇزدى، ئەمەلنىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى، قۇتۇلۇشنىڭ پەقەت ئىمان بىلەن بولىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى، ئۇنىڭ ئۆزى باشقا بىر مۇناسىۋەتتە ياخشى ئەمەلنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ئۆزىنىڭ تېرىغان نەرسىسىنى ئۆزى ئورايدۇ، ياخشى ئىش قىلغان ئادەم زىيان تارتمايدۇ، بىز ئۇنىڭ مەھسۇلىنى ۋاقتى كەلگەندە يېغىۋالىمىز". [غەلاتىيە 6-توم 7-بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ھېرىپ-چارچىشىنىڭ ھېساۋىغا كۆرە ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ئالىدۇ". [كورنىتۇس (1) 3-توم 8-بەت].
مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن د. مۇىنزىر سەققارنىڭ: "مەسىھ كىرستقا مىخلىنىپ بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلدىمۇ؟"ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.
شۇنداق سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بۇ زىديەت ھەققىدە پەقەت چۈشەنچىڭىزنى، ئەقلىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىزنى يالغان ئۈمىدلەر بىلەن كېسەل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بار، خۇددى ئۈچلۈك ئېتىقادى ۋە تەۋھىد ئېتىقادىدا قىلغىنىڭىزغا ئوخشاش قىلىشتۇر، "ج. ر. سىتۇت" ئۆزىنىڭ" ئەسلى خىرىستىيانلىق" ناملىق سىزگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئەسلى تېمىغا ئۆتمەيمەن، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئىشلار يوشۇرۇن سىر ھالەتتە قالىدۇ، ۋاي ئېسىت! بىزنىڭ ئاجىز ئەقلىمىز قانداق قىلىپ ئۇنى تولۇق ئىدراك قىلالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم پەردە ئېچىلىدىغان، بارلىق تىپىشماقلار يېشىلىدىغان، مەسىھ ئەينەن كۆرۈنىدىغان بىر كۈن كېلىدۇ!!.
مەسىھنى بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ مەسىھنىڭ شەكلىگە چۈشىشى قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟، بۇ مەن جاۋاپ بېرەلمەيدىغان بىر ئىش، لېكىن ئەلچىنىڭ ئۆزى بۇ ئىككى ھەقىقەتنى بىر-بىرىنىڭ يېنىدا قويىدۇ، مەن بۇ پىكىرنى يەسۇئ ناسىرى قوبۇل قىلغاندەك تامامەن قوبۇل قىلىمەن، ئۇ بىر شەخستە ئىنسان ۋە ئىلاھتۇر، بىز بىر زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا ياكى بۇ سىرلىق شېپىرنى ئاجرىتىشقا قادىر بولالمىساقمۇ، بىزگە لايىق بولىدىغىنى: مەسىھ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىلان قىلغاندەك، ئۇ بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى دېگەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ. [مەسىھىيەتنىڭ ئەسلى 110- 121-بەت، د. سەئۇد خەلەپتىن "يەھۇدى ۋە خىرىتىيان" 238-بەتتىن نەقل قىلىندى].
شۇنداق يېقىندا بىزمۇ ۋە سىلەرمۇ كۆرىسىلەر، مەسىھ بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولغان بەندىلەردىن بىرىدۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبىرىدۇر، شۇ كۈندە پەردە ئېچىلىدۇ، مەسىھ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىنى ئىلاھ قىلىۋالغانلاردىن ياكى ئۆزى دېگەنمىگەن سۆزنى ئۆزىگە نىسبەت بەرگەنلەردىن ئادا -جۇدا بولىدۇ. سىلەر ئۇ ۋاقتىنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر، ئۇ يەردە تىپىشماق ياكى سىر-ئەسرارلار بولمايدۇ: بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ أَأَنتَ قُلْتَ لِلنَّاسِ اتَّخِذُونِي وَأُمِّي إِلَهَيْنِ مِنْ دُونِ اللَّهِ قَالَ سُبْحَانَكَ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أَقُولَ مَا لَيْسَ لِي بِحَقٍّ إِنْ كُنتُ قُلْتُهُ فَقَدْ عَلِمْتَهُ تَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِي وَلا أَعْلَمُ مَا فِي نَفْسِكَ إِنَّكَ أَنْتَ عَلامُ الْغُيُوبِ ، مَا قُلْتُ لَهُمْ إِلا مَا أَمَرْتَنِي بِهِ أَنْ اعْبُدُوا اللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمْ وَكُنتُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا مَا دُمْتُ فِيهِمْ فَلَمَّا تَوَفَّيْتَنِي كُنتَ أَنْتَ الرَّقِيبَ تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتتى: (رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن. ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن، مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن، ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن). ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» [سۈرە مائىدە 116-120-ئايەتكىچە].
ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى بۇنىڭدىن توختاپ تىپىشماقمۇ بولمىغان ۋە پەردە بولمىغان ئوچۇق بولغان ئورتاق سۆزگە قايتىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ يا أهل الْكِتَابِ تَعَالَوْا إِلَى كَلِمَةٍ سَوَاءٍ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ أَلا نَعْبُدَ إِلا اللَّهَ وَلا نُشْرِكَ بِهِ شَيْئًا وَلا يَتَّخِذَ بَعْضُنَا بَعْضًا أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُولُوا اشْهَدُوا بِأَنَّا مُسْلِمُونَ تەرجىمىسى: «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر ـ بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى تەۋھىدئەقىدىسىگە) كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): «(ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار» [سۈرە ئال ئىمران 64-ئايەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى