ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
1,09401/جمادى الأولى/1445 , 15/نويابىر/2023

تاماقنى تېتىپ بېقىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئېسىدە يوق يۇتىۋەتكەنلىكى توغرىسىدا

سوئال: 26837

ئايالىم ئىپتارلىق ئۈچۈن يېمەك ھازىرلاۋاتقاندا مېنىڭ ياردەم قىلىشىمنى تەلەپ قىلدى، ئايالىمغا ياردەملىشىۋاتقاندا، ئىپتارغا تەييارلىغان تاماقنىڭ تۇزىنى تېتىپ ئۇنتۇپ قىلىپ يۇتىۋېتىپتىمەن، بۇنىڭ بىلەن روزام بۇزۇلامدۇ؟ چۈنكى مەن شەرئىي جەھەتتىنمۇ ۋە ئۆرپ ئادەتتىمۇ ئۆزۈمگە ۋاجىپ بولمىغان بىر ئىشنى قىلىپ شۇنداق بولدى. جاۋاپ بېرىشىڭلارنى كۈتىمەن؟. ئاللاھ سىلەرنى مۇھاپىزەت قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. روزىدار كىشى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ھاجەت بولغاندا تاماقنىڭ تۇزىنى تېتىپ باقسا بولىدۇ، ئۇنى تىلىنىڭ بىر تەرىپى بىلەن تېتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئېغىزىدىن چىقىرىۋېتىدۇ، يۇتىۋەتمەيدۇ.

    ئەگەر روزىدار كىشى تاماقنىڭ تۇزىنى تېتىپ ئېسىدە يوق يۇتۇپ سالغان بولسا، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ، يەنى روزىسى تولۇق بولىدۇ. چۈنكى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشنى قەستەن سادىر قىلمىسا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ئۈزۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزىدار كىشى ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يېسە ياكى ئىچسە ئۇ كىشى روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇ كىشىگە ئاللاھ تائالا يېمەك بەردى ۋە ئىچىملىك بەردى» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇخارى رىۋايىتى 1399-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1155-ھەدىس].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android