ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
221/ذو الحجة/1446 , 17/ئىيۇن/2025

ئاتا-ئانىسىغا ئەسكىلىك قىلىپ، كېيىن ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟

سوئال: 232245

بىر ئىنسان ئاتا-ئانىسىغا ناچار مۇئامىلىدە بولسا، ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقى بىلسە، قىلغان خاتالىقىغا كاپارەت بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش چوڭ گۇناھتىن ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاتىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە چوڭ گۇناھلاردىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دېگەندە، بىز:  بولىدۇ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش دەپ يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئېدى، تۈز ئولتۇرۇپ: دىققەت قىلىڭلار:  يالغان سۆز ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، يالغان سۆز ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، دەپ بۇ سۆزنى تەكرارلاشقا باشلىدى، ھەتتا مەن ئىچىمدە:  بۇ سۆزدىن توختىسىچۇ دەپ قالدىم.» [بۇخارى رىۋايىتى 5976 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى87-ھەدىس].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چوڭ گۇناھلار دېگەن: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىش».  [بۇخارى رىۋايىتى 6675-ھەدىس].

قاقشىتىش دېگەن: شەرىئەتتە دۇرۇس بولمايدىغان، پەرزەنتتىن سادىر بولغان ئاتا-ئانىغا ئەزىيەت بولىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئىبارەتتۇر.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " قاقشىتىشتىن بولغان مەقسەت: پەرزەنتىدىن سادىر بولغان ئاتا-ئانىسىغا ئەزىيەت بولىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئىبارەتتۇر. ئەمما شېرىك كەلتۈرگەن ياكى ئاسىيلىق قىلغان بولسا، ئاتىسى بۇنىڭدا چىڭ تۇرىۋالسا بۇ توغرىدا سۆز قىلىش ئەزىيەت بولمايدۇ.  ["پەتھۇل بارى"  10 -توم 406 -بەت.]

ئىككىنچى: مۇسۇلمانغا چۈشىنىش، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىش مۇھىم بولغان ئىسلام ئەقىدىسىدىن: ھەرقانداق كاتتا گۇناھ بولسىمۇ ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلىش مۇمكىن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ يَا عِبَادِيَ الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِن رَّحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى،) گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن(خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». [سۈرە زۇمەر 53 -ئايەت].

تەۋبىنىڭ قوبۇل ۋە سەمىمى بولىشى ئۈچۈن ئەمەلىيلەشتۈرۈش زۆرۈر بولغان شەرتلەر بار.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئالىم-ئۆلىمالار مۇنداق دېگەن: " ھەرقانداق گۇناھدىن تەۋبە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەگەر خاتالىق بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا بولسا، ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولمىسا بۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك شەرتى بولىدۇ:

بىرىنچى:  خاتالىقتىن تولۇق قول ئۈزۈش.

ئىككىنچى:  قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش.

ئۈچىنچى:  ئۇ خاتالىققا ئەبەدىي قايتماسلىق ئىرادىسىگە كېلىش.

ئەگەر بۇ ئۈچ تۈرلۈك شەرتنىڭ بىرى كەم بولۇپ قالسا قىلغان تەۋبىسى توغرا بولمايدۇ. [ "سالىھلار گۇلۇستانى"  14 -بەت. ]

لېكىن بۇ يەردە بىر قىيىنچىلىق بار، بۇ شەرتلەرنىڭ بەزىسىنى ئاتا-ئانا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى مۇمكىن بولمايدۇ؟ دېيىلسە بۇنىڭ جاۋابى ئىككى ئىش بىلەن بولىدۇ:

بىرىنچى ئىش: بۇنداق ھالەتتە قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىشنىڭ ئۆزى تەۋبە بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەقىل ئىبنى مۇقرىن مۇنداق دەيدۇ:  مەن ئاتام بىلەن بىرگە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېرىپ، ئۇ كىشىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پۇشايمان قىلىش تەۋبىدۇر» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 4252-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد "ئەل مۇسنەد"  6 -توم 37-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ" دەپ  ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەۋبىنىڭ ھۆكۈملىرىدىن: خاتالىق سادىر قىلغۇچى ئۆزى بىلەن خاتالىقنىڭ سەۋەبلىرى ئارىسىدا چەكلىمە قىلسا، بۇ سەۋەپتىن خاتالىق سادىر قىلشتىن ئاجىز كەلسە، ئۆزىدىن خاتالىق سادىر بولغانلىقىدىن ئۈزۈر ئېيتسا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسى توغرا بولامدۇ؟، بۇ يالغانچى، بۆھتانچىغا ئوخشاشدۇر، تىلى كېسىلگەن ۋاقىتتىكى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچىگە ئوخشاشتۇر، جازاغا ئۇچرىسا ئۇ كىشى بىلەن بىرگە بولغان خاتالىققا ئۈندەيدىغان سەۋەبلەر بىكار بولىدۇ، ئۇ كىشى خاتالىقنى قىلغان بولىدۇ، بۇ مەسىلىدە كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولدى: بىرىنچى قاراشتا تەۋبىسى توغرا ئەمەس دېيىلگەن، ئىككىنچى قاراش توغرىدۇر، يەنى ئۇ كىشىنىڭ قىلغان تەۋبىسى توغرا بولىشى مۇمكىن، بەلكى توغرا، ئۇنىڭ تەۋبىنىڭ شەرتلىرى جۇغلاشقان، ئۇ كىشىگە شەرتلەردىن پۇشايمان قىلىش تەقدىر قىلىنغان، سەھىھ ھەدىستە: «پۇشايمان قىلىش تەۋبىدۇر» دەپ كەلگەن، خاتالىققا پۇشايمان قىلغانلىقى ئەمەلىيلەشسە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە كايىسا، بۇ تەۋبىدۇر، خاتالىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە كايىغان تۇرسا، ئۇ كىشىدىن تەۋبىنى تارتىۋېلىش قانداق توغرا بولىدۇ؟. ["مەدارىجۇس سالىكىين" 1-توم 741-746 -بەت. ]

بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "خاتالىق سادىر قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىنىڭ تەۋبىسى؛ جىنسى ئەزاسى پىچىۋېتىلىپ زىنا قىلىشتىن، قولى كېسىلىپ ئوغرلىق قىلىشتىن، شۇنىڭدەك بەزى سەۋەبلەردىن بەزى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىنىڭ قىلغان تەۋبىسىگە ئوخشايدۇ. بۇ تەۋبە ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى ۋە باشقا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا توغرا بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 10 -توم 746 -بەت.]

ئىككىنچى بىر ئىش: ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا رەھىم-شەپقەت قىلىپ، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ئاتا-ئانىنىڭ ۋاپات بولىشىغا ئالاقىدار قىلىپ قويمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ھايات ۋاقتىدا خىزمىتىنى ياخشى قىلالمىغان پەرزەنت بۇ ياخشىلىقتىن ئىمكانىيىتى يەتكەننى قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك.

ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن قىلىدىغان ياخشىلىقلارنىڭ تۈرلىرى:

1- ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئانى كۆ قىلىش كېرەك.  بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقُل رَّبِّ ارْحَمْهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرًا﴾‏ تەرجىمىسى: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن، دېگىن». [سۈرە ئىسرا 24 -ئايەت.]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئەمىلىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ: باشقىلارغا مەنپەئەتى يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە، باشقىلار مەنپەئەتلىنىدىغان ئىلىم ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ پەرزەنت». [مۇسلىم  رىۋايىتى1631-ھەدىس].

بۇ دۇئا بولسا ئاتا-ئانىغا قىلىنغان ئەڭ كاتتا ياخشىلىقتۇر.  ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ جەننەتتە مەرتىۋىسى يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى:  قانداق بولۇپ مەرتىۋەم يۇقىرى بولۇپ كەتتى؟ دەيدۇ، ئۇ كىشىگە: بۇ پەرزەنتىڭنىڭ سەن ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتقانلىقى سەۋەبىدىن بولدى دېيىلىدۇ». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3660-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 4 -توم129 -بەتتە كەلتۈرگەن].

2-سەدىقە دېگەندەك ساۋابى ئاتا-ئانىسىغا قېتىلىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 218872 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئۇلار ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلىش. ھەج-ئۆمرەنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە قائىدىلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 111784 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئۇلارنىڭ زىممىسىدە قەرز ياكى ئامانەت دېگەندەك نەرسىلەر بولسا، ئاتا-ئانىغا ۋاكالىتەن ئۇنى ئادا قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىش ياكى ئۇلار باشقىلارغا زۇلۇم قىلىپ سالغان بولسا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارنى ئىزدەپ ئۇلاردىن رازىلىق ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنى ئەپۇ قىلىۋېتىشنى سوراش كېرەك.

3-ئاتا-ئانىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوست-بۇرادەرلىرىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىززەت-ئىكرام قىلىش كېرەك.

ئابدۇللاھ ئىبنى دىناردىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مەككىگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقسا تۆگىدە ئولتۇرۇپ زېرىككەندە، يولدا راھەتلىنىپ مىنىۋالىدىغان بىر ئېشىكى ۋە بېشىنى چىگىۋالىدىغان سەللىسى بار ئىدى، ئۇ بىر قېتىم ئېشىكىگە مىنىپ مەككىگە كېتىۋاتقاندا، يولدا بىر سەھرالىق كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئىبنى ئۆمەر ئۇ كىشىگە:  ھوي!  سەن پالانچىنىڭ ئوغلى پالانى ئەمەسمۇ؟ دېدى، ئۇ كىشى:  ھەئە مەن شۇ دېدى. ئىبنى ئۆمەر ئۇ كىشىگە ئېشىكىنى بېرىپ بۇنىڭغا مىنگىن دېدى، سەللىسىنى بېرىپ  بۇنى بېشىڭغا ئورىغىن دېدى.  ئەتراپتىكى يارەنلىرىنىڭ بەزىسى:  ئاللاھ تائالا سىلىنى كەچۈرسۇن! بۇ سەھرالىق كىشىگە سىلى راھەتلىنىدىغان ئېشەكنى ۋە باشلىرىغا چىگىۋالىدىغان سەللىلىرىنى بېرىۋەتلىغۇ؟ دېگەن ئېدى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:  مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ياخشىلىقىنىڭ جۈملىسىدىن:  ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىغا ياخشىلىق قىلىشتۇر، ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆمەرنىڭ دوستى ئېدى دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 2552 -ھەدىس.]

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android