مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلار، جىنلار ۋە ئۇلاردىن باشقا بارلىق مەخلۇقاتلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنمۇ؟

سوئال: 223528

مەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىمانىي تەكلىپ بىرىلگەن ھاياتلىقتىكى بارلىق ئىنسان ۋە جىنلارغا ئۆزىنىڭ ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتتى دەپ بىلىمەن، شۇنداقتىمۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بارلىق مەخلۇقاتلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى دەپ ئېتىقاد قىلىش زۆرۈر بولامدۇ؟، چۈنكى مەخلۇقات دېگەن ئىنسان ۋە جىنلاردىن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئىككىنچى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ئىنسانلار ۋە جىنلار بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن، بەلكى ئۇنىڭ ئەلچىلىكى ئۆز زاماندىكى ۋە كېيىنكى زاماندىكى بارلىق ئىنسانلار ۋە جىنلارغا ئومۇمدۇر، لېكىن بۇ قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ؟، قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ تۈنجىسى ئاشكارا بولغانغا قەدەرمۇ ياكى قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەرمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان مۇتەۋاتىر خەۋەرلەرگە كۆرە، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  4 -توم 204 -بەت ۋە 11 -توم 303 -بەتكە قارالسۇن.

پەرىشتىلەرگە كەلسەك، كۆپچىلىك ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا كۆرە، مۇھەممەد  ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلمىگەن.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (سەقەلەينگە) ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى، پەرىشتىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلمىدى". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  12 -توم 221 -بەت.]

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ  "نۇبۇۋات"  ناملىق ئەسىرى 2 -توم 232 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەت چوقۇم ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئادىتىدىن تاشقىرى بولغان بىر مۆجىزە بولۇشى كېرەك، ئۇ مۆجىزىنىڭ پەرىشتىلەر قادىر بولالمايدىغان نەرسىدىن بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلار يەنى پەيغەمبەرلەر پەرىشتىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلمىدى".

بۇنىڭغا ئاساسەن:  ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بارلىق مەخلۇقاتلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى دېگەن سۆز توغرا ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلمىدى، شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەقلى بولمىغان باشقا مەخلۇقاتلارغىمۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلمىدى، چۈنكى ئەقىلسىز مەخلۇقاتلار دېگەن رەببانى شەرىئەتكە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلمىغان، ھەتتا ئاللاھ تائالا ئەقىلسىز مەخلۇقاتلارغا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ياكى باشقا مەخلۇقاتلاردىن بىرنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتسىمۇ بەرىبىر ئۇلارنىڭ ئەقلى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكلىپكە بۇيرۇلمايدۇ. ئاللاھ تائالا تەكلىپكە سالاھىيەتلىك بولغان پەقەتلا ئىنسانلار ۋە جىنلاردۇر.  بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارلىق ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن.

ئىككىنچى: ئىنسان ۋە جىننىڭ كاپىرلىرىدىن باشقا بارلىق مەخلۇقاتلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئېشىنىدۇ ۋە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بۇ توغرىدا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  «ئىنسان ۋە جىننىڭ ئاسىيلىرىدىن باشقا، ئاسمان ۋە زېمىن ئارىسىدىكى ھەر قانداق نەرسە مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى14333 -ھەدىس].

مۇسنەدنى تەھقىق قىلغۇچىلار بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. تەبرانىدا: «ئىنسان ۋە جىننىڭ كاپىرلىىرىدىن باشقا... » دەپ كەلگەن.

ئۈچىنچى:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ۋە جىنلارغا بولغان ئەلچىلىكى، ئاللاھ تائالا زېمىن ۋە زېمىن ئۈستىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى  يوق قىلىپ تاكى قىيامەت بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە ياشىغان بارلىق ئىنسان ۋە جىنلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىشكە ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان.

لېكىن كۈن مەغرىپتىن چىققاندا ئەمەل دەپتىرى يېپىلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا قىلغان ئەمەلنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىپ ياخشى ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ، كۈن مەغرىپتىن چىققان ۋاقىتتا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمُ الْمَلَائِكَةُ أَوْ يَأْتِيَ رَبُّكَ أَوْ يَأْتِيَ بَعْضُ آيَاتِ رَبِّكَ يَوْمَ يَأْتِي بَعْضُ آيَاتِ رَبِّكَ لَا يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا تەرجىمىسى: «ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ.  پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ». [سۈرە ئەنئام158 -ئايەت].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇياش مەغرىپتىن چىقمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، كۈننىڭ مەغرىپتىن چىققانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر ئىمان ئېيىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android