بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى:
ئەگەر ئىنساننىڭ ئۈستىدىكى قەرز ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە ئوخشىشى بار نەرسىلەردىن بولسا ئۆلچىلىنىدىغان ۋە ۋەزنىگە سېلىنىدىغان نەرسىلەرگە ئوخشاش، ئالتۇن ۋە كۈمۈش بولسا: بارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىغا كۆرە: قەرزدار كىشى شۇ نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇشى كېرەك بۇنىڭدا قىممەتنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى قەرز ئالغان كۈندىكى بىلەن قەرزنى ئادا قىلغان كۈندىكى باھا پەرقىگە قارىمايدۇ.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەرز ئالغۇچى ئوخشىشى بولغان نەرسىلەردە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتسۇن ياكى چۈشۈپ كەتسۇن ھەرقانداق ھالەتتە ئوخشىشىنى قايتۇرىدۇ". [ "ئەلمۇغنى" 6 -توم 441 -بەت. ]
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلچىلىنىدىغان ۋە ۋەزنىگە سالىدىغان نەرسىلەردىمۇ ئوخشاش ئۆلچەم ۋە ۋەزنىدە قايتۇرىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراش بارلىقىنى بىلمەيمىز". [ "ئەلمۇغنى" 6 -توم 434- بەت.]
شۇنىڭدەك، ئوغۇتلانغان ۋە بۇلانغان نەرسىلەرنىڭ ئۆزىدىمۇ ھۆكۈم شۇنداق بولىدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىماستىن شۇ نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرىدۇ.
ئىمام ئەبۇ سۈر ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بولغان بىر رىۋايەتتە، ئۇلارمۇ يۇقىرىدىكى قاراشتا بولغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ بۇ قاراشنى تاللاپ: "باشقىلارنىڭ مېلىنى بولىۋالغۇچى بۇلىغان مالنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، مالنى قايتۇرۇش بىلەن بىرگە باھانىڭ چۈشكەن قىسمىنى تۆلەيدۇ، دېگەن".
"پىقھى توپلاملىرى" 10 -توم 25 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، باشقىلارنىڭ مېلىنى بولىۋالغۇچى مالنى ئىگىسىگە قايتۇرغاندا باھانىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن مالنىڭ قىممىتىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلىمەيدۇ".
ئەبۇ سۈردىن: "مالنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن مىقدارىنى تۆلەيدۇ، چۈنكى بۇلانغان مالنىڭ ئۆزى ھالاك بولۇپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭ كېمىيىپ كەتكەن قىممىتىنى تۆلەيدۇ، شۇنىڭدەك، مالنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتۇرغان بولسىمۇ بۇنى تۆلەيدۇ دەپ كەلگەن".
مىرداۋى مۇنداق دەيدۇ: "باھانىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن مالنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتسە، ئۇ مالنى بۇلىۋالغان ئادەم چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىنى تۆلىمەيدۇ، بۇ مەزھەپنىڭ ۋە مەزھەپ ساھىپلىرىنىڭ قارىشىدۇر.
ئىمام ئەھمەدتىن :تۆلەيدۇ دەپ كەلگەن، ئىبنى ئەبۇ مۇسا ۋە تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ بۇ قاراشنى تاللىغان". [ "ئەلئىنساپ" 6 -توم 155 -بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " مالنىڭ چۈشۈپ كەتكەن قىممىتىنى تۆلىشى ئەڭ توغرا قاراشتۇر، چۈنكى بۇ مالنىڭ ئەسلىدىكى قىممىتى ئەللىك مىڭ بولسا، ھازىر پەقەت قىرىق مىڭغا باراۋەر بولسا، ئۇ كىشى مالنىڭ ئىگىسى بىلەن مال قىممىتىنىڭ زىيادە بولىشىغا توسانجا بولدى، شۇڭا ئۇ كىشىگە مالنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن قىسمىنى تۆلەش كېرەك بولىدۇ، ئىشنىڭ توغرىسى: مالنىڭ ئۆزى ياكى سۈپىتى چۈشۈپ كەتسە تۆلىگەندەك، قىممىتى چۈشۈپ كەتسىمۇ تۆلەيدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ تاللىغان قارىشىدۇر". ["ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ كاپىغا قىلغان ئىلاۋىسى" 5 -توم 343 -بەت.]
ئىككىنچى: ئەگەر قەرز مۇشۇ زاماندا ئېقىۋاتقان قەغەز پۇللارنىڭ بىرى بىلەن بولۇپ، قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئەگەر پۇلنىڭ قىممىتى ئازراق چۈشۈپ كېتىپ قەرز قىممىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يەتمەيدىغان بولسا، قەرز ئالغان كىشى كېمەيتمەستىن ۋە زىيادە قىلماستىن ئالغان پۇلنى سانى بويۇنچە قايتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ.
بۇ ھالەت "ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ"(42) ۋە (4/5) بۇ نومۇردىكى: "پۇل بىلەن بولغان قەرزنى شۇ پۇلنىڭ ئوخشىشى بىلەن قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى بىلەن قايتۇرمايدۇ، چۈنكى قەرز دېگەن ئۆزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن قايتۇرۇلىدۇ، زىممىسىدە بېكىگەن قەرزنى ئۇنىڭ مەنبىيى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنى باھا دەرىجىسىگە ئالاقىدار قىلىپ قويۇش توغرا بولمايدۇ" دېگەن قارارنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.
ئۈچىنچى: ئەمما پۇلنىڭ قىممىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولسا، قەرزدار پۇلنىڭ قىممىتى بەك چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرامدۇ ياكى قىممىتىنى قايتۇرۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە يېڭى زامان ئالىملىرى ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار.
ئىختىلاپنىڭ سەۋەبى: مۇشۇ زاماندا ئىجرا بولۇۋاتقان قەغەز پۇل ۋە مېتال پۇللارنىڭ ئۆز زاتىدا ھېچ قىممىتى يوق، بۇنىڭ قىممىتى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇئامىلە قىلىشى، دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشنى لازىم تۇتۇشى بىلەن قىممەت قازىنىدۇ.
"ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ" مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا (ئۈچىنچى، بەشىنچى، سەككىزىنچى، ئون ئىككىنچى قېتىملىق) كۆپ قېتىم تەتقىقات ئېلىپ باردى، بۇ مەسىلە ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر تۆۋەندىكى ئۈچ قاراشقا قايتىدۇ:
بىرىنچى: بۇ پۇل كىشىلەر ئارىسىدا ئىجرا بولىۋاتقان مۇئامىلە بولۇپ داۋاملىشىۋاتقان بولسا، پۇلنىڭ قىممىتى ھەر قانچە چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئوخشىشىنى قايتۇرۇش ۋاجىپ بولغانلىقتىن ئىبارەت ئەسلىنى تۇتۇش كېرەك.
يېڭى دەۋرىدىكى نۇرغۇن ئۆلىمالار بۇ قاراشنى تاللىدى، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: شەيخ ئىبنى باز، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن، شەيخ سىددىق مۇھەممەد ئەمىن زەرىرىي، شەيخ ئەلى سالۇس ۋە دائىمىي كومىتېت پەتىۋا ھەيئىتى ئۆلىمالىرى.
ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى تەشۋىقات پەتىۋا ھەيئىتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: قەرز ئالغۇچى قەرز ئىگىسىگە قەرزنى تەلەپ قىلغان دەسلەپتە قەرز ئالغان پۇلنىڭ جىنسىنىڭ ئۆزىنى قايتۇرىدۇ، پۇلنىڭ قىممىتى زىيادە بولسۇن ياكى چۈشۈپ كەتسۇن بۇ ئوخشىماسلىقنىڭ ھېچ تەسىرى بولمايدۇ". "دائىمىي كومىتېت پەتىۋا ھەيئىتى" 14 -توم 146 -بەت.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر پۇل ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ باشقا بىر پۇلغا ئالماشتۇرۇلغان بولسا، قەرز ئىگىسى قەرزنى شۇ ۋاقتىدىكى قىممىتى بويۇنچە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ياكى پۇلنىڭ ئەمەلدىن قالغان ۋاقىتتىكى قىممىتى بويۇنچە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما پۇل ئەمەلدىن قالدۇرۇلماي، ئەسلى ھالىتىدە بولغان بولسا، قەرز ئالغۇچى ئۇ پۇلنىڭ قىممىتى زىيادە بولۇپ كەتسۇن ياكى چۈشۈپ كەتسۇن ئەسلى قەرز ئالغان سانى بويۇنچە قايتۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەگەر بىر كىشى بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئۈچ كىلو بۇغداي قەرز ئاپتۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۈچ كىلو بۇغداينىڭ قىممىتى بەش رىيال ئىكەن، كېيىن ئۈچ كىلو بۇغداينىڭ باھاسى ئىككى رىيالغا چۈشۈپ قالغان بولسا، قەرز ئالغان كىشىگە: سىز ئۈچ كىلو بۇغداي بىلەن بىرگە ئۈچ رىيال قايتۇرىسىز دېيەلەمدۇ؟ ئۇ كىشى ئۈچۈن پەقەت ئۈچ كىلو بۇغداينى قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ، ئوخشىشى بولغان نەرسىلەردە پەقەت ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، پۇللارمۇ، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان بولسا ئالغاننىڭ ئۆزىنى قايتۇرىدۇ." ["ئوچۇق سۆھبەت" (72/9) ].
ئىككىنچى: پۇلنىڭ قەرز ئالغان ۋاقىتتىكى قىممىتى بويۇنچە قايتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئويلىنىش ئارقىلىق، ياكى پۇلنىڭ قىممىتىدە قەرز ئالغان ۋاقىتتىكى ئالتۇننىڭ قىممىتىگە رىئايە قىلىدۇ.
يېڭى دەۋرىدىكى نۇرغۇن تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ كۆپچىلىك مۇشۇ سۆزنى قىلغان، ئۇلاردىن: شەيخ ئەلبانى، شەيخ مۇستەپا زەرقا، شەيخ ئابدۇللاھ بەسسام، شەيخ مۇھەممەد سۇلايمان ئەشقەرى، شەيخ ئابدۇرەھمان باراك، شەيخ مۇھەممەد مۇختار شەنقىتى، شەيخ ئەلى قۇررە داغى ۋە شەيخ ۋەھبەتىز زۈھەيلى قاتارلىقلار. "ئىسلام پىقھى ئاكادېميىسى ژورنىلى" 3-5- 8- 9- 12- سانلىرىغا قارالسۇن.
شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر مەن سىزدىن بىر يىل بۇرۇن يۈز دىنار قەرز ئالغان بولسام، بۈگۈن ئۇ يۈز دىنار ئەللىك دىنارغا باراۋەر بولۇپ قالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە يۈز دىنارغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان: بۇغداي، ئارپا، سۇت قاتارلىق نەرسىلەر ۋە ھاياتتا زۆرۈر بولغان كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئەللىك دىنارغا سېتىۋالغىلى بولمىسا، باشقا نەرسىلەرنى بولمايدۇ، مېنىڭ يۈزەكى بولۇۋېلىشىم توغرا بولمايدۇ، مەن سىزگە يۈز دىنارنى تولۇق بېرىپ :ھەي قېرىندىشىم!بۇ مەن سىزدىن قەرز ئالغان پۇل، بۇ پۇلنىڭ ئۆزىنى سىزگە نەخ بەردىم دەيمەن.
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشىگە قەرز ئالغان دىنار قەرز ئالغان كۈندىكى پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بىلەن قايتۇرۇلىدۇ". [ "سىلسىلەتىل ھۇدا ۋە نۇر" 285 - لىنتا، 57مىنۇتتىن كېيىنكى سۆز.]
ئۈچىنچى: مۇشۇنداق ھالەتتە ئىككى تەرەپنىڭ (قەرز بەرگۈچى ۋە قەرز ئالغۇچى) زىيىنىنى مۆلچەرلىگەندىن كېيىن ۋاجىپ بولغان سۈلھى پىرىنسىپىنى تۇتۇش كېرەك، قەرزدارنىڭ قەرز ئىگىسىگە بېرىدىغان پۇلى ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقىغا كۆرە تامام بولىدۇ".
ئىسلام پىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ ھىجىرىيە 1420 -يىلى، مىلادىيە 1999 -يىلى بەھرەيندىكى پايسال ئىسلام بانكىسى بىلەن جىددە شەھىرىدىكى ئىسلام پىقھى ئاكادېميىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن" پۇل-مۇئامىلە مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەۋسىيەلىرىدىن: ئەگەر توختام تۈزۈلگەن ۋاقىتتا پۇل پاخاللىقى يۈز بەرمىگەن بولۇپ، كېيىن يۈز بەرگەن بولسا، ئەمما قەرزنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا پۇل پاخاللىقى بەك كۆپ بولسا ياكى ئاز بولسا، پۇل پاخاللىقى كۆپ بولغاندىكى ئۆلچەم ئۆتەيدىغان قەرزنىڭ مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېتىشىدۇ:
1-ئەگەر پۇل پاخاللىقى ئاز بولسا، ئۇ مۇددەتلىك قەرزنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى ئەسلىدە قەرزگە ۋاپا قىلىش شۇنىڭ ئوخشىشى بىلەن بولىدۇ، ئاز نەرسە ۋە بىلمەسلىكتىن ياكى ئالدىنىپ كېتىشتىن ياكى قويۇلۇپ كېتىش دېگەندەك ئۇنىڭ ئوخشاشلىرى شەرىئەتتە ئەپۇ قىلىنىدۇ.
2-ئەگەر پۇل پاخاللىقى كۆپ بولسا، ئۇ ۋاقىتتا مۇددەتلىك قەرزنى ئوخشىشى بىلەن ئادا قىلغاندا، قەرز بەرگۈچىگە كۆپ زىيان قېتىلىدۇ، "زىيان يوق قىلىنىدۇ" دېگەن ئومۇمى قائىدىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قەرز بەرگۈچىنىڭ زىيىنىنى كۆتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۈلھىگە كېلىش كېرەك، سۈلھىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاققا كېلىشى بىلەن پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان زىيان پەرقىنى ئىككى تەرەپ(قەرزدار بىلەن قەرز بەرگۈچى) رازى بولىدىغان نىسبەتتە بۆلۈپ قويۇش بىلەن بولىدۇ". [ "ئىسلام پىقھى ئاكادېميىسى ژورنىلى" (12/4/286) ].
بۇ مەسىلىدە قاراشلاردىن ئېنىقراق بولغىنى-ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر-قەرزنىڭ قىممىتىنى قايتۇرۇش ياكى پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن زىيان قەرزنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يېتىدىغان بولسا سۈلھى قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتۇر.
پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئايرىش ئۈچتىن بىرىگە تايىنىش بىلەن تامام بولدى، چۈنكى شەرىئەت ئۈچتىن بىرىنى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئاز بىلەن كۆپنىڭ پەرقىنى ئايرىشنىڭ بەلگىلىمىسى قىلدى.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىز شەرىئەتنىڭ ئۈچتىن بىرىنى كۆپ ئورۇنلاردا ئېتىبارغا ئالغانلىقىنى كۆردۇق، ئۇ ئورۇنلاردىن: ۋەسىيەت، كېسەلگە بېرىدىغان ئاتا-ئېھسان، ئايال جاراھىتىنىڭ ئۈچتىن بىرىغىچە ئەرنىڭ جاراھىتىگە باراۋەر بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار.
ئەسرەم مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: "ئۇلار ئۈچتىن بىرىنى ئون يەتتە مەسىلىدە ئىشلەتكەن، چۈنكى ئۈچتىن بىرى دېگەن كۆپلۈكنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى، ئۈچتىن بىرىدىن ئاز بولغىنى بولسا ئازلىقنىڭ چېكىدۇر. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋەسىيەت توغرىسىدا دېگەن سۆزى ئىسپاتلايدۇ: «ئۈچتىن بىرى، ئۈچتىن بىرىمۇ كۆپ». بۇ ھەدىس ئۈچتىن بىرىنىڭ كۆپلۈكنىڭ ئاخىرىقى چېكى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ". ["ئەلمۇغنى" 6- توم 179-بەت.]
تۆتىنچى: قىممىتىنى قايتۇرۇش ياكى بولغان زىياننى تەقسىم قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۈلھى قىلىش بولسا: ئادىل بولۇش، ئىنساپلىق بولۇشقا بۇيرۇش، زىياننى كۆتۈرۈۋېتىش ۋە زۇلۇم قىلىشتىن چەكلەشتىن ئىبارەت بولغان شەرىئەتنىڭ ئومۇمى دەلىللەر بىلەن مۇۋاپىق كېلىدۇ.
ئەمما پۇلنىڭ قىممىتىگە زور ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇپ ئوخشىشىنى قايتۇرىدۇ دېگەن سۆزدىن مۇنداق قىيىنچىلىقلار كېلىپ چىقىدۇ:
1-بۇنىڭدا قەرز ئىگىسىگە زىيان يەتكۈزۈش بولىدۇ، بۇ شەرىئەت يولغا قويغان زىياندىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت ئادالەت تەقەززاسىغا زىت كېلىدۇ.
2-بۇنىڭدا پۇلنىڭ يۈزەكى شەكلىگە رىئايە قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلىق بولىدۇ، ھەقىقى ئوخشاشلىق دېگەن ئۇ پۇلنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىگە ئوخشاش بولغان پۇلنى قايتۇرۇش بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ، پۇلنىڭ قىممىتىگە بەك ئۆزگىرىش بولغاندا بۇنداق قىلىش تەس بولىدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "مۇھەررەرنىڭ شەرھىسىدە"مۇنداق دەيدۇ: "بىرەر يېمەكلىكنى قەرز ئالغان ياكى بۇلاپ ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئىگىسى ناقىس ھالەتتە ئېلىشقا مەجبۇرلانمايدۇ، بۇنىڭ ئەسلى قىممىتىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ، بۇ ئادالەتتۇر، بۇ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە قىممىتى باراۋەر بولغان ئىككى مالدا بولىدۇ، ئەمما قىممىتى ئوخشىمىغاندا بۇنىڭدا ئوخشاشلىق بولمايدۇ". [بۇنى بەھۇتى "ئەل مىنھى شاپىئىيات" 443 -بەتتە نەقىل قىلغان.]
ئۆز دەۋرىدىكى نەجدى دىيارىنىڭ مۇپتىسى شەيخ ئەبا بۇتەين ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرەھمان مۇنداق دېگەن: "ئەمما باھاسى چۈشۈپ كەتكەندە، بۇ مەسىلىدە شەيخنىڭ قارارى ئېنىق: قىممىتىنى قايتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ ئەڭ كۈچلۈك قاراشتۇر. ئىش بىزگە كۆتۈرۈلسە، ئىمكانىتىمىز بويۇنچە ئوتتۇرىدا سۈلھى قىلىمىز". "دۇرۇس سەنىيە" 6 -توم 206 -بەت].
شۇنىڭغا ئوخشاش ھەسەن ئىبنى ھۈسەين ئال شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ سۆزىدىن: بۇ بىز پەتىۋادا تايىنىدىغان سۆز دېدى" . ["دۇرۇس سەنىيە" 6 -توم 212 -بەت].
شەيخ ئابدۇسالام بەسسام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەيخ تەقىيددىن ۋە شەمسىددىن ئىبنى قەييىم، نەجدىدىكى ئىلگىرىكى دەۋەت ئۆلىمالارنىڭ بەزىسىنىڭ تاللىغىنى: پۇلنىڭ قىممىتى ئۆرلەپ كەتسە ياكى چۈشۈپ كەتسە ياكى ئۆتمەس بولۇپ قالسا، گەرچە بۇنى ئىش ئىگىلىرى ھارام قىلغان بولسىمۇ، قەرز بەرگۈچى پۇلنىڭ ئەسلى قىممىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، شەيخ تەقىيددىن بۇ قەرزگە باشقا قەرزلەرنىمۇ قاتتى، نۇرغۇن ئالىملار بۇ قاراشقا ئەگەشتى". ["ئىسلام پىقھى ئاكادېميىسى ژورنىلى" (443/2/9)].
شەيخ ئابدۇرەھمان باراك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما پۇل ئۆتمەس بولۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆتمەس بولۇپ قىلىشى قەرز بەرگۈچىنىڭ مېلىغا زۇلۇم قىلىشقا سەۋەپ بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنى شۇنىڭ بىلەن ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى قەرز ئالغان كۈندىكى قىممىتى بويۇنچە ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، قەرز ئالغان كۈندىكى جۇنەيھنى دوللارغا تەڭلەشتۈرۈپ، قەرزنى مۇشۇ ئاساستا ياكى ئىككى تەرەپ ئارىسىنى سۈلھى قىلىش ئاساسىدا ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ".
3-قەغەز پۇللارنى ئۆلىمالار ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە ئوخشىشىنى قايتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ دېگەن مەسىلىگە سېلىشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئالتۇندىن سوقۇلغان دىنار ۋە كۈمۈشتىن سوقۇلغان دىرھەم پۇللارنىڭ ھېچ قاچان قىممىتى يوقالمايدۇ، گەرچە مەلۇم نىسبەتتە قىممىتى چۈشۈپ كەتسىمۇ ئومۇمى تەرەپتىن قىممىتىنى يوقاتمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئوخشىشىنى قايتۇرسا زەرەر بولمايدۇ، قەغەز پۇللار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پەقەت بىر قەغەز بولۇپ ئەگەر دۆلەت ئېتىراپ قىلمىسا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھېچ بىر قىممىتى بولمايدۇ.
بەشىنچى: ئەگەر بۇلاڭچىلىق، ئوغۇرلۇق ياكى قەرزنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي سوزىۋېتىش سەۋەبىدىن زىممىسىدە بېكىتىلگەن ھەق بولسا، بۇنىڭدا ۋاجىپ بولغان سۆز قىممىتىنى قايتۇرۇشتۇر، چۈنكى بۇلاڭچى، ئوغرى ۋە قەستەن قەرزنى سوزىۋەتكۈچى ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇزچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ ھەممىسىنى ئۇستىگە ئالىدۇ.
پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقىپ پۇلنىڭ قىممىتى بەك چۈشۈپ كەتسە، ئادەتتە كىشىلەر بۇنداق ئالدىنىشنى ئەپۇ قىلمايدىغان دەرىجىدە قەغەز پۇلغا پۇل پاخاللىقى قېتىلسا، باشقىلارنىڭ پۇلىنى بولىۋالغۇچى بۇلىۋالغان قەغەز پۇللارنىڭ ئەسلىدىكى قىممىتىنى تۆلەيدۇ". شەيخ خالىد مۇسلىھنىڭ" پۇل پاخاللىقى" ناملىق ئەسىرى 222 -بەت.
ئەمما زىممىسىدە سابىت بولغان ھەق، گۈزەل شەكىلدە قەرز بېرىش، سېتىۋالغان مالنىڭ پۇلى، كېچىكتۈرۈلگەن تويلۇق مېھرى دېگەندەك، ئىككى تەرەپ رازىلىقى بىلەن بولغان مۇئامىلە سەۋەبىدىن بولغان بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن كېلىپ چىققان زىياننى تەقسىم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىنى سۈلھى قىلىش ۋاجىپ دېگەن سۆز تەكىتلىنىدۇ، چۈنكى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن پۇلنىڭ قىممىتىدە بۇ قەدەر ئۆزگىرىشنىڭ پەيدا بولىشىدا قەرزدارنىڭ ھېچ گۇناھى يوق.
ئالغان قەرزنىڭ ئوخشىشىنى قاتۇرۇشنى بۇيرۇغاندا قەرز بەرگۈچىگە زىيان بولىدىغانلىقى ئېنىق، ئەگەر قەرز ئالغان كۈنىدىكى قىممىتى بىلەن قايتۇرۇشقا بۇيرۇغاندا قەرزدارغا زىيان بولىشى ئېنىق، ئادالەت ئىككىسىنىڭ بىرىگە زىياننى خاس قىلماسلىقنى بەلكى سۈلھى ئارقىلىق زىياننىڭ ئىككەيلەنگە تەقسىم قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
سۈلھى ئەسلى ۋاجىپ بولماستىن مۇستەھەپ بولسىمۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتتا ئۇنى ھەر ئىككى تەرەپكە كەسكىن ۋاجىپ قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالىدۇ.
ئىبنى ئەرەپە مۇنداق دەيدۇ: " سۈلھى دېگەن ئەسلىدە مۇستەھەپ بولۇپ، مەلۇم مەنپەئەت تەيىن بولىدىغان ۋاقىتتا ۋاجىپلىققا ئۆزگىرىدۇ". ئۇنىڭدىن "مەۋاھىبۇل جەلىيل" 5 -توم 80 -بەتتە نەقىل قىلغان.
ئالتىنچى: قەرزنى قەرز زىممىسىدە بېكىگەن كۈندىكى قىممىتى بىلەن ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ دېيىلگەن ھالەتتە، قەرزنى ئۆز جىنسىدىن ئالغاندىن كۆپرەك ئۆتەش بىلەن جازانىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى باشقا بىر پۇل بىرلىكى بىلەن ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
مىرداۋى مۇنداق دەيدۇ: " ئۇ كىشى ئۈچۈن قىممىتىنى ئادا قىلىش كېرەك، دېگەن سۆزى، ئۇنىڭدا ئارتۇق بېرىش جازانىسى ئىجرا بولىدىغان نەرسە بولۇپ قالسا، جازانە ئىجرا بولمايدىغان نەرسىدىن بەرسە بولىدۇ، ئەگەر كۈمۈش دىرھەم قەرز بەرگەن بولۇپ، ھاكىم ئۇنى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەن بولسا، قەرز ئىگىسىگە ئۇنىڭ قىممىتىدە ئالتۇن بەرسە بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ قاراشنى "ئەلئىرشاد" ۋە "ئەلمۇبھىق" قاتارلىق ئەسەردە ئوچۇق بايان قىلغان ، بۇ ئېنىقتۇر.
"ئەلپۇرۇدا" مۇنداق دېگەن: "ئۆز جىنسىنىڭ غەيرىدىن قىممىتىنى ئادا قىلىدۇ". [ "ئەلئىنساپ" 5 -توم 127 -بەت.]
بەھۇتى مۇنداق دەيدۇ: "قەرز بەرگۈچى قەرز بەرگەن كۈندىكى قىممىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ئارتۇق ئېلىش جازانىسىغا ئىلىپ بارماسلىقى ئۈچۈن بەرگەن پۇلنىڭ جىنسىنىڭ غەيرىدىن بولىدۇ، دىرھەم بەرگەن بولسا دىنار ئالىدۇ، دىنار بەرگەن بولسا دىرھەم ئالىدۇ". [ "مەنھى شاپىئىيات بىشەرھى مۇپرىدات ئىمام ئەھمەد" 1 -توم 439 -بەت].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: بۇلاڭچىغا، ئوغرىغا ئەگەر بۇلىغان ياكى ئوغرىلىغان مال نەخ ماللاردىن بولسا، ئۇنىڭدا قىممىتى چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنى ئوغرىلىغان ياكى بۇلىغان كۈندىكى قىممىتى بويىچە قايتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمما باشقا قەرزلەر بولسا، پۇلنىڭ قىممىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە كۆرە بىر نەرسە دېيىلىدۇ، ئەگەر پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ ئۈچتىن بىرىگە يەتمىسە، ئۇنىڭدا ئوخشىشىنى قايتۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتىگە قارالمايدۇ. ئەمما پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشىشى كۆپ بولۇپ ئۈچتىن بىرىگە يەتسە ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، زىياننى ئىككى تەرەپكە مۇۋاپىق تەقسىم قىلىش ئۈچۈن ئۇلار ئارىسىدا سۈلھى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
قىممىتىگە قايتىدىغان ھالەتتە: ئۇنى قەرز ئالغان كۈندىكى ئالتۇننىڭ قىممىتى بىلەن بېكىتىش ياكى پۇلنىڭ شۇ كۈندىكى سېتىۋېلىش كۈچىنى ئېتىبار ئىلىش بىلەن بولىدۇ، قەرزنى قەرز ئالغان پۇلنىڭ غەيرى بىلەن ئادا قىلىش كېرەك. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 99642 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.