بىرىنچى: ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامى دېگەن: شەرت ۋە ئاساسلىرى تولۇق بولغان ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان مال ۋە خىزمەتكە قىلىنغان توختامدىن ئىبارەتتۇر.
ئىككىنچى: ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامىدا تۆۋەندىكى ئىشلار شەرت قىلىنىدۇ:
ئا-ياسىتىدىغان نەرسىنىڭ قانداقلىقى، تۈرى، مىقدارى ۋە ئۇنىڭدا تەلەپ قىلىنىدىغان سۈپەتلەرنى تولۇق بايان قىلىش.
ب-ياساپ تاپشۇرىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىش.
ئۈچىنچى: ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامىدا ياساتقان نەرسىنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسىنى كېيىن ئىش پۈتكەندە بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە باسقۇچقا بۆلۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ. (ئىككى تەرەپنىڭ كىلىشكىنىگە باغلىق).
تۆتىنچى: ياسىتىشنى تەلەپ قىلىش توختامى، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق كەلگەن توختامنىڭ تەقەززاسىغا كۆرە بېسىم بولمىغان ئەھۋالدا، شەرتنىڭ جازاسىنى ئۆز ئېچىگە ئالسا توغرا بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.