كەبىنى تاۋاپ قىلىش جەريانىدا مەزى چىقىپ كەتكەن كىشىنىڭ ئۆمرە ئىبادىتى قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال 21270

بىر كىشى توي قىلغاندىن كېيىن ئۆمرە قىلدى، ئۇ كىشىدىن مەزىي كۆپ چىقىدىغان بولۇپ، تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن تاھارەت ئالدى، تاھارەتتىن كېيىن يەنە مەزىي چىقتى، ئاندىن يەنە تاھارەت ئالدى، تاھارەتتىن كېيىن يەنە مەزىي چىقتى، زۆرۈرەت ئېتىبارى بىلەن ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە تاۋاپ ۋە ساپا-مەرۋە قىلىپ ئۆمرە ئىبادىتىنى تامام قىلدى، شۇنىڭ بىلەن يۇرتىغا قايتىپ ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولدى. بۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى توغرا بولامدۇ؟. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، مەزىى نىجىس(پاسكىنا) بولۇپ، ئۇ، تاھارەتنى بۇزىدۇ،  لېكىن توختىماي چېقىۋەرسە بۇنىڭ ھۆكمىمۇ ئىزچىل سۈيدۈك تېمىش كېسىلىگە ۋە خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللارغا بېرىلىدىغان ھۆكۈمگە ئوخشاشتۇر. مۇسۇلمان كىشى مۇشۇنداق ھالەتتە كەبىنى تاۋاپ قىلماقچى بولسا، مەزىي چىقىپ بەدىنى ۋە كىيىمىگە تاراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەۋرىتىگە مەزىينىڭ سىرتقا تارىشىنى توسىدىغان قېلىن بىر نەرسىلەرنى قويىۋالىدۇ، شۇ ھالەتتە تاۋاپ قىلىدۇ ۋە نامازنى ئادا قىلىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان تاۋاپى توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمى بولسا، كىيىمى ياكى بەدىنىگە نىجاسەت يۇقۇپ قىلىپ، ئېسىدە يوق شۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇنداق ھالەتتە ئوقۇغان نامازمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنتۇپ قالغۇچى ھۆكۈمدە بىلمىگەن كىشىگە ئوخشاشتۇر.  [شەيخ ئابدۇل كەرىم خۇزەير].

مەزىينىڭ تەكرار چىقىشىنىڭ سەۋەبى بولسا چوقۇم بىر كېسەللىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ھۆكمى ئېنىق بولدى، بەزى ۋاقىتتا ئايال بىلەن سۈركىلىشىپ تۇرغاندا، شەھۋىتى قوزغالغاندا ۋە ياكى جىنسى مۇناسىۋەتنى خىيال قىلغاندىمۇ مەزىي چىقىپ كېتىدۇ.

مۇسۇلمان بۇنداق ئوي-پىكىرلەردىن بەك ھەزەر قىلىشى لازىم، بولۇپمۇ ئاللاھنىڭ بەيتىنى تاۋاپ قىلىۋاتقاندا، ئاللاھدىن قورقۇپ، تەقۋا بولۇپ، مەزىي چىقىپ كېتىشكە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

نىجاسەتنى يوق قىلىش
ھەج-ئۆمرەنىڭ سۈپەتلىرى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android