ئېھتىياجلىق بولغاندا يازما ماتېرىياللارغا تارىخنى مىلادىيە يىل نامىسى بىلەن يازساق قانداق بولىدۇ؟

سوئال: 1552

مېنىڭ سىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغىنىم، ئىسلام مۇنبىرى ئىشخانىلىرى مىلادىيە كالېندارىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەرگە جايلاشقان، بىز ھىجىرىيە كالىندارى بويۇنچە ئىش قىلىمىز، بىزنىڭ ھىجىرىيە كالىندارى بويۇنچە ئىش قىلىشىمىز، ھىجىرىيە كالىندارى بويۇنچە ئىش قىلمايدىغان ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن بولىدىغان ئىشلىرىمىزدا قىيىنچىلىققا سەۋەپ بولدى، بولۇپمۇ يىللىق خامچوت بېكىتىش، ئايلىق ئىش ھەققى بېرىش، شۇ دۆلەتلەردىكى خاس ئورۇنلارغا مالىيە دوكلاتى سۇنۇش قاتارلىق ئىشلاردا قىيىنچىلىق يۈز بەردى. بىز ھىجىرىيە تارىخىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ شوئارى، بەلگىسى ۋە كاپىرلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئالامىتى ئىكەنلىكىگە قانائەت قىلىمىز، شۇنداقتىمۇ زۆرۈر بولغانلىقتىن بىز خامچوت بېكىتىش قاتارلىق مۇئامىلە ئىشلىرىدا مىلادىيە كالېندارىغا تايانساق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھىجىرىيە تارىخىنى باشقا ئېلىپ ئىككى تارىخنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ، يازغاندا ھىجىرىيە پالانى تارىخ مۇۋاپىق مىلادىيە پالانى تارىخ دەپ يازىدۇ. (ئەگەر ئىش يۇقىرىدا سوئالدا دېيىلگەندەك بولسا، مىلادىيە كالېندارى بويۇنچە تارىخ قوللانسا بولاۋىرىدۇ. م) بۇنداق بولىشى، ھىجىرىيە تارىخى كۆز بىلەن ئېنىق كۆرىنىدىغان، ھەممە كىشى كۆرەلەيدىغان ئايغا تايىنىدۇ، ئەمما مىلادىيە تارىخى بولسا، ئۇنى ھېساب بىلەن بىلمىسە ئايغا قاراپ بىلگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام پرىنسىپىدا ھەج، روزا ۋە ئېتىكاپ قاتارلىق ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ھىجىرىيە كالىندارى بويۇنچە ئېتىبارغا ئالىدۇ، ئىشنى ھىجىرىيە تارىخى بىلەن باشلاش بولسا ئىسلامنى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئالامىتى، شوئارى قاتارلىقلارنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈندۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى جىبرىيننىڭ «ئەللۇئلۇ ئەلمەكنۇن» ناملىق ئەسىرى 53-بەت.

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android