سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇنۇشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ھەيىزدىن كىيىن يۇيۇندۇم، لېكىن بۇرنۇمغا سۇ ئالماپتىمەن، بەدىنىم قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، تولۇق تاھارەت ئالدىم، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن ئالغان تاھارىتىم يۇيۇنۇشتا چالا قالغان كەمچىللىكنى تولۇقلامدۇ؟ ئارىلىقتا بەدىنىم قۇرۇغىدەك ۋاقىت ئۆتتى بۇ خاتامۇ؟مۇشۇ ۋاقىتتا يەنە چېشلىرىمغا ئاقارتىش ماددىسى بىكىتىۋالغان ئىدىم، تاھارەتنىڭ كامىل بولىشى ئۈچۈن بۇنى ئىلىۋېتىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، ئېغىزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ ئىلىش تاھارەتتە ۋە يۇيۇنۇشتا پەرىز ھېسابلىنىدۇ. 

    ئىككىنچى: ئەر ياكى ئايال جۇنابەتتىن ۋە ھەيىزدىن يۇيۇنغاندا، بۇ يۇيۇنۇش تاھارەتكە كۇپايە قىلىدۇ، يەنى يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن تاھارەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

    جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش توغرىسىدا گەپ بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن بېشىمغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيىمەن» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 327-ھەدىس].

     بۇ توغرىدا ئىمام بەيھەقى ئۆزىنىڭ كىتابىدا: "يۇيۇنغاندا تاھارەتنىڭ شۇنىڭ ئىچىدە بولىدىغانلىقى" دەپ بىر باپ كەلتۈرگەن. 1/63.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئىنسانغا جۇنابەت يەتكەن ۋاقىتتا يۇيۇنسا بۇ تاھارەت ئۈچۈنمۇ كۇپايە قىلىدۇ، لېكىن چوقۇم ئېغىزى ۋە بۇرنىغا سۇ ئىلىشى كېرەك". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"120/20].

    ئۈچىنچى: ئالىملارنى غۇسلى قىلغاندا ئارقىمۇ-ئارقا قىلىش  پەرىزمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى. "پىقھى توپلاملىرى"11/100-102-بەتتە مۇنداق كەلگەن: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا يۇيۇنغاندا تەرتىپ بىلەن ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش پەرىز ئەمەس دەپ قارالغان.

    لەيس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "چوقۇم ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش كېرەك.

    مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ئىلگىركىلىرى پەرىز دەيدۇ، شاپىئى مەزھىبىدىكى ئالىملارمۇ بىر قاراشتا شۇنداق دەيدۇ.

   كۆپچىلىك ئالىملار: يۇيۇنۇش بىلەن بىرگە تاھارەت ئالغان بولسا، تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنىڭ ئارىسىدا تەرتىپ كېرەك بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇيۇنغاندا بەدىنىدىن تاھارەت ئالغاندا يۇيىدىغان ئورۇن بولسۇن ياكى باشقا ئورۇن بولسۇن چالا قىلغان بولسا، ئۇ جاينى ئاز ياكى كۆپ ۋاقىتتىن كىيىن بىلگەن بولسا، يۇيۇنغاندا پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇپ تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالار چالا قالغان بولسىمۇ بۇنىڭ ئارىسىدا تەرتىپ پەرىز بولمايدۇ.

   شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "يۇيۇنغاندا تاھارەت ئالمىسا، ياكى ئېغىزى ۋە بۇرنىغا سۇ ئالمىسا بۇ مەكرۇھ بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چالا قالغان بولسا كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ قايتا يۇيۇنماستىن ئېغىزى ۋە بۇرنىغا سۇ ئېلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ.

    ھەنەفى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى: ئېغىز ۋە بۇرنىغا سۇ ئىلىش پەرىز بۇنى چوقۇم قىلىشى كېرەك دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا يۇيۇنغاندا ئېغىزى ۋە بۇرنىغا سۇ ئىلىش پەرىزدۇر. ئەمما تاھارەتتە پەرىز ئەمەس، بەلكى ھەنەفى مەزھەپتە سۈننەتتۇر". ["پىقھى توپلاملىرى"11/100-101-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئايال جۇنابەتتىن ۋە ھەيىزدىن يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن تىرناقلىرىغا قويغان بوياقلارنى تاپقان بولسا، قايتىدىن يۇيۇنىشى كېرەكمۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "غۇسلى قىلغاندا ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش شەرت ئەمەس دېگەن قاراشتا قايتا يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، ئەمما بىز ئۇنى تاھارەتتە شەرت دېگەندىكىن ئەلۋەتتە غۇسلىدىمۇ شەرت بولمامدۇ؟! ئۇ ئايالغا قايتىدىن يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ". ["سەمەراتۇت تەدۋىين" 21-بەت].

    دەلىللەرگە كۆرە، ھەتتا غۇسلى قىلغاندا ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇش پەرىز دېگەن قاراش بولسىمۇ سىزنىڭ يۇيۇنىشىڭىز توغرا بولغان، چۈنكى يۇيۇنۇش بىلەن بۇرۇنغا سۇ ئېلىشنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت ئىككى-ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدىغان قىسقا ۋاقىتتۇر، بۇ ئارقىمۇ-ئارقا يۇيۇنۇش دېگەن سۆزگە زىت كەلمەيدۇ.

     تۆتىنچى:  چىشنىڭ ئۈستىدىكى ئاقارتىش ماددىسى، ئۇ چىشىنى مىسۋاك بىلەن ۋە چىش مەجۇنى بىلەن تازىلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك سەۋەبىدىن  چىشلىرىنىڭ ئۈستىگە جۇغلىشىدىغان ھاك ماددىسدىن ئىبارەتتۇر.

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: يىمەك يېگەن ۋاقىتتا چىشنىڭ ئارىسىدا تاماقنىڭ قالدۇقلىرى قالىدۇ، يۇيۇنغاندا ياكى تاھارەت ئالغاندا بۇنى چىقىرالمىساق تاھارەت ۋە غۇسلى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " چىشىنىڭ ئارىسىدا يىمەك قالدۇقلىرى قالسىمۇ تاھارەت ۋە غۇسلى توغرا بولىدۇ لېكىن ئۇنى چىقىرىۋېتىش ياخشىدۇر. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"5/234  ].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن: ئالغان تاھارىتىڭىز توغرا، لېكىن چېشىڭىزنى دائىم پاكىزلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىڭ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى