كىمكى كۆچەت تىكىپ قويسا، ئۇنىڭ ساۋابى ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا

6

سوئال 146549

كىمكى خورما تىكىپ قويسا ياكى زىرائەت تېرىپ قويسا ياكى باشقا مەنپەئەتلىك ئىش قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئۇ كىشىگە يېتەمدۇ؟ بۇنىڭدىن مىراسخۇرلىرى پايدىلىنالامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شۇنداق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭدىن ئۇچار قۇشلار، ئىنسانلار ۋە جانلىقلار يېسە، بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن سەدىقە بولىدۇ».

"مۇسۇلمان تېرىغان زىرائەتلەر، تىككەن خورما كۆچەتلىرى ۋە باشقا دەرەخلەر ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، بۇ يەردىن ھايۋانلار ئوتلىسا، ئۇچار-قۇش ۋە ئىنسانلار يېسە، ئۇ كىشىگە سەدىقە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېلىنغان ۋە كىشىلەرگە سەدىقە قىلىنغان، ھەتتا ئائىلىسىگە ئىشلىتىلگەن ھەممە نەرسىگە ساۋاپ بولىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ تىككەن كۆچەتتىن ھاسىل بولىدۇ".

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

پەزىلەتلىك ئىش-ھەركەتلەر

مەنبە: 

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 2-توم 1215-بەت

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

App StoreGoogle Play