ئايالغا جۈمە نامىزى ۋاجىپ بولمايدۇ، لېكىن ئايال مەسچىتكە چېقىپ ئىمام بىلەن جۈمە نامىزىنى ئادا قىلغان بولسا، بۇ پېشىن نامىزىغا كۇپايە قىلىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئايال جۈمە كۈنى ئىمام بىلەن جۈمە نامىزى ئوقۇغان بولسا، پېشىن نامىزىغا كۇپايە قىلىدۇ، شۇ كۈنىدە ئۇ ئايالنىڭ پېشىن ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ. ئەگەر ئايال ئۆزى يالغۇز ئوقۇپ قالسا، تۆت رەكئەت پېشىن ئوقۇيدۇ، جۈمە ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ". "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 7-توم 337-بەت.
ئايال جۈمە كۈنىدە ئۆيىدە پېشىن نامىزى ئوقۇغان بولسا، ھەر كۈنىدىكىگە ئوخشاش پېشىننىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى سۈننەتلەرنى تولۇق ئوقۇيدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.