ۋەيران بولغان كىشى(مۇپلىس) دېگەن: قولىدا بار بولغان ئىقتىسادىدىن بېرىدىغان قەرزى كۆپ بولغان كىشىدۇر.
ئەگەر قەرز ئىگىلىرى سوت مەھكىمىسىدىن ۋەيران بولغان كىشىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلەشنى تەلەپ قىلسا، قولىدا بار بولغان ماللىرىنى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، سوت مەھكىمىسى بۇ مەسىلىدە ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇندايدۇ.
پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ پەۋزان: بۇ مەسىلى توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:
1چەكلىمە قويۇش دېگەنلىك شەرىئەتتە: ئىنسانغا ئۆز ئىقتىسادىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلىمە قويۇش دېمەكتۇر. بۇنىڭ قۇرئاندىن بولغان دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تُؤْتُوا السُّفَهَاءَ أَمْوَالَكُمْ الَّتِي جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ قِيَاماً وَارْزُقُوهُمْ فِيهَا وَاكْسُوهُمْ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلاً مَعْرُوفاً * وَابْتَلُوا الْيَتَامَى حَتَّى إِذَا بَلَغُوا النِّكَاحَ فَإِنْ آنَسْتُمْ مِنْهُمْ رُشْداً فَادْفَعُوا إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ تەرجىمىسى: «ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەڭلار. ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار، يېتىملەرنى نىكاھلىنىش يېشىغا يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار. ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار» [سۈرە نىسا 5--6 ئايەتلەر].
بۇ ئىككى ئايەت ئەقىلسىز كىشىلە ، يېتىملەر مال-مۈلۈكلىرىنى بۇزۇپ- چېچىپ زايە قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى مال تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقىغا چەكلىمە قويۇشنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەقلى يېتىلىپ توغرا ئىش قىلىدىغانلىقى تولۇق بىلىنگەندە ئاندىن مال-نۈلۈكلىرى قوللىرىغا بېرىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بەزى ساھابىلارنى ئۇلار ئۈستىلىرىدىكى قەرزلىرىنى ئادا قىلىپ بولغىچە ماللىرىدا تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلىگەن.
2-چەكلىمە قويۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى تۈرى: ئىنسانغا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چەكلىمە قويۇش. بۇ ۋەيران بولغان كىشىگە قەرز ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چەك قويغانغا ئوخشاشتۇر.
ئىككىنچى تۈرى: ئىنسانغا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن چەكلىمە قويۇش. بۇ ئىنساننىڭ كىچىكلىك، ئەقىلسىزلىق ۋە ساراڭلىقى سەۋەبىدىن ئۆز مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چېچىپ زايە قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر.
3-بىرىنچى تۈردىكى چەكلىمە: ئىنسانغا باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چەكلىمە قويۇش. بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ئىقتىسادى ۋەيران بولغان كىشىگە چەكلىمە قويۇشتۇر. ئۇ دېگەن: قەرزدار بولۇپ قىلىپ، ئۆز ئىقتىسادى قەرزىگە يەتمەيدىغان كىشىدۇر، قەرز ئىگىلىرىگە زىيان بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشى ئۆز ئىقتىسادىدا تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلىنىدۇ.
ئەمما قەرزىگە بېرىدىغانغا بىر نەرسىسى بولمىغان ۋە قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىغان قەرزدارغا چەكلىمە قويۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ كَانَ ذُو عُسْرَةٍ فَنَظِرَةٌ إِلَى مَيْسَرَةٍ تەرجىمىسى: « ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار». [سۈرە بەقەرە 280 -ئايەت.]
ئەمما قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر بولغان كىشىگە چەكلىمە قويۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىگە چەكلىمە قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن ئۇ كىشى قەرز ئىگىلىرى تەلەپ قىلغاندا قەرزنى دەرھال ئادا قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «باينىڭ ياكى قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر بولغان كىشىنىڭ قەرزنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي كەينىگە سۆرىشى زۇلۇمدۇر». چۈنكى ئۇ كىشى ئۆز ئۈستىدە ئادا قىلىش ۋاجىپ بولغان كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتتى، قەرزنى ئادا قىلغىلى ئۇنىمىدى، بۇ زۇلۇم بولۇپ تۈرمىگە سولىنىدۇ.
تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەرزىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولاپ تۇرۇپ ئادا قىلمىغان كىشى، ئۇرۇش، دەشنام قىلىش ھەتتا تۈرمىگە سولاش ئارقىلىق بولسىمۇ قەرزنى ئادا قىلىشقا مەجبۇر قېلىنىدۇ .بۇ توغرىدا ئىمام مالىك، ئىمام شافىئى ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئىماملارمۇ دەلىل بايان قىلغان، بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمەن".
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «باينىڭ ياكى قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر بولغان كىشىنىڭ قەرزنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي كەينىگە سۆرىشى زۇلۇمدۇر، ئۇنداق كىشى ئۈستىدىن داۋا قىلىپ يۈز-ئابرۇيىنى تۆكۈش ۋە تۈرمىگە سولۇتۇپ جازالاش توغرا بولىدۇ». [ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
قەرزنى ئادا قىلىشقا قادىر بولغان كىشى ئۈستىدىكى ھەقنى ئادا قىلمىسا، ئەدەپلەش ۋە تۈرمىگە سولاش قاتارلىق ئازاپلارغا ھەقلىق بولىدۇ، ھەتتا ئۈستىدىكى قەرزنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغىچە شۇنداق قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنە كەينىگە سۈرىۋەتسە، ھاكىم ياكى سوتچى ئارىغا كېرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى سېتىپ قەرزىنى ئادا قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا، ھاكىم ياكى سوتچى قەرز ئىگىلىرىنىڭ زېيىنىنى تۈگىتىش ئۈچۈن قەرزنى ئادا قىلمىغان كىشىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ».
4-يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەردىن قەرزدار ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ھالەت ئېنىق بولدى:
بىرىنچى ھالەت: قەرز مۇددەتلىك بولسا، بۇ قەرز ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن تەلەپ قىلىنمايدۇ ۋە ۋاقتى كېلىشتىن ئىلگىرى ئادامۇ قىلىنمايدۇ، بۇنىڭدا ئەگەر قەرزدارنىڭ يېنىدىكى مال مۇددەتلىك قەرزنى ئادا قىلىشقا يەتمىسە، بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىگە چەكلىمە قويۇلمايدۇ ۋە مېلىدا تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ.
ئىككىنچى ھالەت: دەرھال ئادا قىلىنىدىغان قەرز.
بۇنىڭدا قەرزدار ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ئەھۋال بولىدۇ:
بىرىنچى: ئۈستىدىكى قەرزدىن قولىدىكى مېلى كۆپ بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ مال سەرپ قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ لېكىن قەرز ئىگىسى قەرزنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنى دەرھال ئادا قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا ئۇنىمىسا، قەرزنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغانغا قەدەر ئەدەپلىنىدۇ ۋە تۈرمىگە تاشلىنىدۇ، ئەدەپلەش ۋە تۈرمىگە تاشلىنىشقىمۇ سەبرى قىلىپ يەنىلا قەرزنى ئادا قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ئىشقا ھاكىم ياكى سوتچى ئارىلىشىپ، قەرزدارنىڭ مېلىدىن قەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قەرزگە يەتكۈدەك مىقدارنى ساتىدۇ.
ئىككىنچى: ئۈستىدىكى قەرزدىن قولىدىكى مېلى ئاز بولسا، بۇنداق ھالەتتە، قەرز ئىگىلىرى قەرزنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلارغا زىيان بولماسلىقى ئۈچۈن، ئۇ كىشىگە ئۆز مېلىدا تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلىمە قويىلىدۇ، بۇ توغرىدا كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: « مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قەرز ئىگىلىرى قەرزنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئازنى مېلىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلەپ، قەرز ئۈچۈن ئۇنىڭ ماللىرىنى ساتقان». [دارۇ قۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى. ھاكىم سەھىھ دېگەن. ئىبنى سىلاھ بۇ ھەدىس سابىت دېگەن].
بۇنداق ھالەتتە چەكلىمە قويۇلغاندا، كىشىلەرنىڭ قەرزدار بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ماللىرىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقى ئۈچۈن، بۇ كىشىنىڭ مال تەسەررۇپ قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلدى دەپ كىشىلەرگە ئېلان قىلىۋېتىش كېرەك.
قەرزدارغا چەكلىمە قويۇشقا مۇنداق تۆت تۈرلۈك ئەھكام ئالاقىدار بولىدۇ:
بىرىنچى ھۆكۈم: چەكلىمە قويۇشتىن ئىلگىرى بار بولغان ماللىرى قەرز ئىگىلىرىنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولىدۇ، چەكلىمە قويۇلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ماللىرىمۇ خۇددى چەكلىمە قويۇشتىن ئىلگىرى بار بولغانغا ئوخشاش چەكلىمە قويۇلغان مالغا قېتىلىدۇ، چەكلىمە قويۇلغان كىشىنىڭ ھېچ بىر تەسەررۇپاتلىرى يۈرگۈزۈلمەيدۇ، ھەتتا چەكلىمە قويۇشتىن ئىلگىرىمۇ قەرز ئىگىلىرىگە زەرەر بولىدىغان تەسەررۇپلارنى قىلىشى ھارام بولىدۇ.
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەرز ئۇ كىشىنىڭ ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولسا، قەرزدارنىڭ سوت ئۇنىڭ تەسەررۇپىغا چەكلىمە قويۇشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولسۇن، قەرز ئىگىلىرىگە زەرەر يەتكۈزىدىغان شەكىلدە ماللىرىدىن ئىئانە قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ئىمام مالىكنىڭ ۋە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدۇر، بۇ توغرا قاراشتۇر. بۇ باشقا مەزھەپلەرنىڭ ئۇسۇل-قائىدىسىگە لايىق بولمىسىمۇ بەلكى شەرىئەتنىڭ ئاساسى ۋە قائىدىسىنىڭ تەقەززاسىدۇر، چۈنكى قەرز ئىگىلىرىنىڭ ھەققى ئۇ كىشىنىڭ مېلىغا ئالاقىدار بولغانلىقى ئۈچۈن سوت-ھاكىم ئۇ كىشىنىڭ تەسەررۇپاتلىرىغا چەكلىمە قويدى، ئەگەر مېلى قەرز ئىگىلىرىنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولمىغان بولسا ئېدى، سۇت-ھاكىمنىڭ ئۇ كىشىنىڭ تەسەررۇپاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشى توغرا بولمايتتى، بۇ كىشى خۇددى سەكراتقا چۈشكەن كېسەلدەك بولۇپ قالدى، بۇنداق ۋاقىتتا قەرزدار قەرز ئىگىلىرىنىڭ ھەقلىرىنى يوق قىلىۋېتىدىغان ئىئانە قىلىشقا شارائىت بولىدۇ، شەرىئەت بۇنداق ئىشقا رۇخسەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ھەر قانداق يول بىلەن بولسۇن ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنى زايە قىلىۋېتىشكە ئېلىپ بارىدىغان يوللارنى توسۇش ئۈچۈن كەلدى".
ئىككىنچى ھۆكۈم: كىمكى قەرزدارغا چەكلىمە قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ساتقان ياكى قەرز بەرگەن ياكى ئىجارىگە بەرگەن مېلىنىڭ ئۆزىنى قەرزدارنىڭ ئىلكىدە تاپقان بولسا، ئۇ كىشى مېلىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ۋەيران بولغان كىشىنىڭ ئىلكىدە ئۆزىنىڭ مېلىنى تاپقان بولسا، ئۇ مالغا مالنىڭ ئەسلى ئىگىسى بەك ھەقلىقتۇر». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.]
پىقھى ئالىملار-ئاللاھ تائالا غا ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن- ئۇلار ۋەيران بولغان كىشىنىڭ ئىلكىدە ئۆزىنىڭ مېلىنى تاپقان كىشىنىڭ ئۇ مالنى قايتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن مۇنداق ئالتە تۈرلۈك شەرتنى بايان قىلدى:
بىرىنچى شەرت: مېلىنى قايتۇرىۋالىدىغان ۋاقىتتا ۋەيران بولغان كىشى ھايات بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەرزدار ئۆلۈپ كەتسە، مالنىڭ ئەسلى ئىگىسى قەرز ئىگىلىرىنىڭ ئۇ مالغا ئەڭ ھەقلىقىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
ئىككىنچى شەرت: مالنىڭ پۇلىنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولغان كىشىنىڭ زىممىسىدە بولىشى كېرەك، ئەگەر مالنىڭ ئىگىسى مالنىڭ پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ئالغان بولسا، ئۇ مالنى قايتۇرۇۋېلىش ھەققى بولمايدۇ.
ئۈچىنچى شەرت : مالنىڭ ئۆزىنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولغان كىشىنىڭ ئىلكىدە بار بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇ مالنىڭ بەزىسىنى تاپقان بولسا، ئۇنى قايتۇرىۋالالمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى مېلىنىڭ ھەممىسىنى تاپالمىدى پەقەت بەزىسىنى تاپتى.
تۆتىنچى شەرت: تاۋار ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىدە بولىشى، ئۇنىڭ ھېچ بىر سۈپەتلىرى ئۆزگەرمىگەن بولىشى كېرەك.
بەشىنچى شەرت: تاۋار باشقىلارنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولمىغان بولىشى كېرەك، يەنى ۋەيران بولغۇچى باشقىلاردىن بىر نەرسە ئېلىپ ئۇنى گۆرۈگە قويمىغان بولىشى كېرەك.
ئالتىنچى شەرت: تاۋار تېرە مايغا ئوخشاش بىر نەرسىگە ئۇلىنىپ زىيادە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر تولۇق بولغاندا، قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقى ئېنىق بولسا، شۇ ۋاقىتتا مال ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا بولسا، مالنىڭ ئەسلى ئىگىسى مېلىنى قايتۇرۇۋالسا توغرا بولىدۇ.
ئۈچىنچى ھۆكۈم: ۋەيران بولغۇچىغا تەسەررۇپ قىلىش چەكلىمىسى قويۇلغاندىن باشلاپ، بۇ چەكلىمە بىكار قىلىنغان قەدەر بولغان بۇ مۇددەتتە ئۇنىڭغا بىر نەرسە ساتقان ياكى قەرز بەرگەن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ھەققىنى تەلەپ قىلالمايدۇ، ئىلگىرىكى قەرز ئىگىلىرىنىڭ ھەققى تۈگەپ چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن تەلەپ قىلىدۇ.
تۆتىنچى ھۆكۈم: سوتچى ياكى ھاكىم ئۇ كىشىنىڭ بار بولغان ماللىرىنى سېتىپ قەرز ئىگىلىرىگە قەرزىنىڭ مىقدارىغا كۆرە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، قەرزدارغا چەكلىمە قويۇشتىن بولغان مەقسەت بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. قەرزنى بۇنىڭدىنمۇ بەك كېچىكتۈرۈۋېتىشى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتۇر. ھاكىم ۋەيران بولغان كىشىنىڭ مېلىدىن تۇرالغۇ ئۆي ۋە تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىنى قالدۇرىدۇ.
ئەمما قەرەللىك قەرزدە ۋەيران بولۇش بىلەن چەكلىمە قويۇلمايدۇ، قەرز دەرھال تەلەپ قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا ۋەيران بولغان كىشىنىڭ ھەققى باشقا ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئوخشاش چۈشۈپ كەتمەيدۇ، قەرز ۋەيران بولغۇچىنىڭ زىممىسىدە قالىدۇ، ئاندىن ماللىرىنى قەرز ئىگىلىرىگە تەقسىم قىلغاندىن كېيىن، قەرزلىرى ئادا بولسا، چەكلىمە قويۇشنىڭ شەرتى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاكىمنىڭ ياكى سوتچىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىسىز ئۇ كىشىدىن چەكلىمە بىكار بولىدۇ، ئەمما قەرەل توشقاندا قەرزنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلالماي مەلۇم قىسمى قىلىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭغا قويۇلغان چەكلىمە پەقەت ھاكىم-سوتچىنىڭ ھۆكمى بىلەنلا بىكار بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا چەكمىلە قويغان ھاكىم-سوتچىدۇر، چەكلىمىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ھاكىم-سوتچى ھۆكۈم قىلىدۇ" . [مۇلەخخەس پىقھى 2 -توم 89-95 -بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.