بىرىنچى: شەرئى ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى كاتتا بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنى مەدھىيەلەپ مۇنداق دېگەن: قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لا يَعْلَمُونَ إِنَّمَا يَتَذَكَّرُ أُولُو الألْبَابِ تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ» [سۈرە زۇمەر 9-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» [سۈرە پاتىر 27-ئايەت].
ھۈمەيد ئىبنى ئابدۇرەھمان مۇنداق دەيدۇ: مەن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خۇتبە سۆزلەپ، مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن: «ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقىنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى دىننى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 71-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1037-ھەدىس].
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا ماڭىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىگە جەننەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇ كىشىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشىغا رازى بولۇپ، ئۇنىڭ يولىغا قاناتلىرىنى يايىدۇ، ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى ئۈچۈن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىنلەردىكى ھەتتا سۇدىكى جانلىقلارمۇ ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئالىم بىلەن ئابىدنىڭ ئارىسىدىكى پەزىلەت، ئاينىڭ باشقا يۇلتۇزلارغا بولغان ئارتۇقچىلىقىغا ئوخشاشتۇر، ئالىم-ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى-ئىزباسارىدۇر، پەيغەمبەرلەر ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى قالدۇرۇپ كەتمىدى، ھەقىقەتەن ئىلىم-مەرىپەتنى قالدۇرۇپ كەتتى، كىمكى ئىلىمدىن نېسىۋىسىنى ئالىدىكەن، پەيغەمبەرلىك مىراسىدىن نېسىۋىسىنى ئالغان بولىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى2682-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3641-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى223-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ: "تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1-توم 17-بەتتە كەلتۈرگەن].
شەرئى ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئىنسانغا دۇنيا-ئاخىرەتلىك ياخشىلىق ھاسىل بولىدۇ، بولۇپمۇ نىيەت خالىس بولغاندا شەرئى ئىلىم باشقا ئىلىملەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئىككىنچى: ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ دەسلىۋىدە ۋاقىت سەرپ قىلىشقا ئەڭ لايىق بولغىنى: ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ياد قىلىشتۇر. بۇ مۇسابىقە قىلىشىدىغانلارنىڭ مۇسابىقە قىلىشىشىغا، بەسلىشىدىغانلارنىڭ بەسلىشىشىكە، تىرىشچانلىق قىلىدىغانلارنىڭ تىرىشچانلىق قىلىشىشىغا ئەڭ لايىقتۇر.
ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلىش ئۈچۈن 14035 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ياد قىلىشنىڭ قائىدىلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 7966 -- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئۈچىنچى: ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا ئىلىم تەلەپ قىلىش يوللىرىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىشلاردىن: ئىلىم تەلەپ قىلىدىغان ئالىم-ئۆلىما ۋە ئۇستازلارنىڭ كۆپ بولىشى ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا يولنى قىسقارتىدۇ، ئۆزىنىڭ تەلەپ قىلغان ئىلىمگە ئېرىشىشى گۈزەل بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ ساغلام ئەقىدىلىك ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا شۇ سۈپەتتىكى ئالىم-ئۆلىمالارنى ئۇچراشتۇرغاي. 22037-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
تۆتىنچى: ۋاقىتنى تەرتىپلەش تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
ئا-كۈندۈلىك قىلىدىغان ئىش پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىش، مەسىلەن: ئۇخلاش ۋاقتىنى بېكىتىش، مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىتنى بېكىتىش، زىيارەت ۋاقتىنى بېكىتىش، سۆھبەت ۋاقىتلىرىنى بېكىتىش ۋە مۇزاكىرە ۋاقتىنى بېكىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ب-ۋاقىتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلاردىن: كۆپ ئۇخلاش، يەمەك-ئىچمەكنى كۆپ يېيىش، شەرىئەتتە پايدىسى بولمايدىغان سورۇنلارغا بېرىش، (بۇ ئارتۇق گەپ دەپ ئاتىلىدۇ)، قاتارلىقلارنى ھاياتىدىن يوق قىلىۋېتىش كېرەك. شۇنىڭدەك، تۈرلۈك پائالىيەتلەر، مۇسابىقىلەر، ئويۇنلار، پايدىسىز گېزىت-ژۇرناللار، كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە پىلىملىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىلىرىغا ئوخشاش ۋاقىتنى زايە قىلىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىش بىر قانچە يول بىلەن بولىدۇ:
بىرىنچى يول: ئوقۇغان بىلىملىرىنى مۇزاكىرە قىلماسلىق ۋە تەكرارلىماسلىق ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىدۇ.
ئىككىنچى يول: دوستلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ پايدىسىز گەپ-سۆزلەرنى كۆپ قىلىش.
ئۈچىنچى يول: بۇ ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا ئەڭ زىيان بولغان يول بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ: ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدىنى: ئۆزىگە مۇئەييەن بولمىغان ئىشلاردا باشقىلارنىڭ دېيىلدى، دېدى، دەپتىكەن، ھاسىل بولۇپتۇ، ھاسىل بولماپتۇ دېگەندەك سۆزلىرىگە ئەگىشىدىغان قىلىپ قويۇش، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ ئاجىزلىقىدىندۇر. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ ئۆزىگە مۇئەييەن بولمىغان (مۇھىم بولمىغان) ئىشنى تەرك قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ گۈزەل بولغانلىقىدىندۇر». [تىرمىزى رىۋايىتى2318 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن. ]
ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ: دەپتىكەن، دېيىلىپتىكەن، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ۋە پايدىسى بولمىغان سوئاللارنى كۆپ سوراش بىلەن مەشغۇل بولىشى، ھەقىقەتتە بىر كېسەل بولۇپ، (ئاللاھ ھەممەيلەننى بۇنداق ساقايماس كېسەلدىن ساقلىسۇن) ئىنسانغا بۇ كېسەل چاپلاشقاندا، بۇ ئىنساننىڭ ئەڭ بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادىتىگە ئايلىنىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بۇ سەۋەپتىن دۈشمەن تۇتۇشقا لايىق بولمىغان كىشىنى دۈشمەن تۇتسا، دوست بولۇشقا سالاھىيىتى بولمىغان كىشىنى دوست تۇتىدۇ، ئۇ كىشى ئۆزىنى ئىلىم تەلەپ قىلىشتىن مەشغۇل قىلىدىغان بۇ ئىشقا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن بۇ ئىشنى ھەقىقەتكە ياردەم بېرىش تۈرىدىن دەپ دەلىللەيدۇ، ئىش بۇنداق ئەمەس، بەلكى ئىنسان ئۆزىنى ئۆزىگە مۇھىم بولمىغان ياكى مۇئەييەن بولمىغان بىر ئىش بىلەن مەشغۇل قىلىشتۇر، ئەمما سىزگە سىز تەلەپ قىلمىسىڭىزمۇ بىرەر ئۇچۇر-خەۋەرلەر-كەلسە، بۇ ھەرقانداق كىشىگە كېلىدۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ۋاقتىڭىزنى مەشغۇل قىلماڭ ۋە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ، چۈنكى بۇ ئىشلار ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنى مەشغۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ۋاقىت تەرتىپلىرىنى بۇزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈممەت ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق پەيدا بولۇپ، بۆلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. "ئىلىم تەلەپ قىلىش" ناملىق كىتابنىڭ 143-144 -بەتلىرىگە قارالسۇن.
ت-ۋاقىتنى بېكىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە ئەڭ زىيانلىق بولغان ئىشلاردىن: ئىشنى كېچىكتۈرۈش مەسىلىسى، بېكىتىلگەن ئىشنى كېچىكتۈرۈش مەسىلىسى بولسا، ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتلىك كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلىدىغان زور بىر كېسەللىكتۇر.
س- دۇنيادا ئېرىشىدىغان ئەڭ زور پايدا: سىز ھەر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئاخىرەتتە سىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىشىڭىزدۇر. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ دېگەندەك: ئىبادەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئىنسان ھەر ۋاقىت، شۇ ۋاقىتنىڭ تەقەززاسى ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىگە كۆرە، ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشتۇر. ["مەدارىجۇس سالىكىين" 1 -توم 88 -بەت.]
ج: ئىنسان قادىر بولغان دائىرىدە ۋاقىتتىن پايدىلىنىش يولىنى تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، بىر مىنۇت ۋاقتىنى بولسىمۇ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىنىدىغان ۋە يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلماسلىق لازىم. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىز، ياخشى كىشىلىرىمىز، ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش توغرىسىدا بىزگە ئۈلگىلىك مىساللارنى بايان قىلىپ بەردى، ھىجىرىيەنىڭ 430 -يىلى ۋاپات بولغان ئەسبىھانلىق ئەبۇ نۇئەيىم دېگەن كىشى، شۇ دەۋرىدىكى ئىلىملەرنى ياد قىلغان ئەڭ كاتتا ئالىملارنىڭ بىرى ئېدى، ئۇنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلار توپلىشاتتى، ھەر كۈنى نۆۋەت بويۇنچە دەرس ئالاتتى، ئەتىگەندىن باشلاپ پېشىنگە يېقىن دەرس ئوقۇسا، ئالىم پېشىنگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭغاندا، ئوقۇغۇچىلار يولدا يەنە ئاز بولسىمۇ دەرس ئالاتتىم دەپ ئەگىشىپ ماڭاتتى، بۇنىڭدىن ئالىم خاپا بولمايتتى ۋە ئاچچىقلانمايتتى.
شافىئى مەزھىپىدىكى ئالىم سەلىم رازى ھەر قېتىمدا ئۆيىگە بېرىپ قايتقۇچە مەلۇم مىقداردا دەرس ئوقۇيتتى ۋە مەن يولدا مۇنچىلىك دەرس ئوقۇدۇم دەيتتى.
ھاپىز زەھەبى خەتىيب باغدادىنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغاندا مۇنداق دەيدۇ: "خەتىپ يول ماڭسىمۇ قولىدا دەرىسلىك ماتىرياللارنى ئوقۇپ ماڭاتتى".
ئىبنى ئەساكىر رەھىمەھۇللاھ توغرىسىدا ئۇنىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ" ئاتام قىرىق يىلدىن بىرى بىلىم توپلاش، كىتاپ يىزىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى ھەتتا دەم ئىلىشقا چىققاندا، ئايرىم ئارام ئالغاندىمۇ كىتاپ يازاتتى، قۇرئان ئوقۇيتتى ۋە ياد قىلاتتى".
ئۇلار بىر قانچە ئىشنى بىر ۋاقىتتا قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ھېرىسمەن ئېدى، بەزىلەرنىڭ قەلىمىنىڭ رېڭى تۈگىسە ياكى ئۈچى تۈگىسە، ئۇنىڭغا رەڭ قاچىلاپ ۋە ئۇچىنى ئوڭشاپ بولغىچە بىكار تۇرماستىن، قەلىمىنى ئۇچلىغاچ ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى ياكى ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن يادلىغان مەسىلىلەرنى تەكرارلىغاچ تۇراتتى.
ئەبۇ ۋەپا ئەلى ئىبنى ئۇقەيل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ھاياتىمدىن بىرەر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ تىلىمنى مۇزاكىرە قىلىشتىن، كۆزۈمنى كىتاپ كۆرۈشتىن بىكار قويۇپ زايە قىلىۋېتىشنى توغرا دەپ قارىمايمەن، راھەتلىنىدىغان ۋاقىتىمدا پىكىر-تەپەككۇر قىلىمەن، ئورنۇمدىن تۇرغاندا يازغانلىرىمنى كۆڭلۈمدىن كەچۈرىمەن.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن بېشى ئاغرىپ قالغان ۋە قىزىتما بولۇپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈم، ئۇلار ياتقاندا بېشىدا كىتاپ بار ئىدى، بىر ئاز ياخشى بولسا، كىتابنى ئوقۇيتتى، ئەگەر ئېغىرلىشىپ قالسا، كىتابنى قوياتتى.
ھ -ۋاقىتنى تەرتىپلەش جەدۋىلى مۇنداق بولىدۇ:
1-ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى ئىشنى سەھەردىن باشلىشى كېرەك، چۈنكى سەھەر ۋاقتى دېگەن: قۇرئان ياد قىلىش، ھەدىس ۋە ئاساسلىق كىتابلارنىڭ تېكىستلىرىنى يادلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىدۇر، بولۇپمۇ قۇرئان ياد قىلىشنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋاقتىدۇر. چۈنكى سەھەر ۋاقتى ئىنساننىڭ زېھنى ئوچۇق ۋە ساپ ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ياد قىلىش ئاسان بولىدۇ.
ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى بامدات نامىزىنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇپ كۈن چىققانغا قەدەر ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەسچىتتە قالىدۇ، چاشكا نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ مەسچىتتە قىلىپ دەرسلىرىنى ياد قىلىدۇ ۋە ياد قىلغان جايلىرىنى تەكرارلايدۇ، ئۇنىڭدىن بىكار بولغاندىن كېيىن، ھەدىستىن، پىقھىدىن، ئۇسۇلدىن ۋە لۇغەت قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئەسلى تېكىستىنى ياد قىلىدۇ.
2- ئەگەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى بىرەر ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان بولسا، خىزمىتىگە ماڭىدۇ، ئەگەر مۇقىم خىزمىتى بولمىسا سەھەردە ياد قىلغان، تەكرار قىلغان كىتاپلىرىنى پېشىنگىچە يەنە تەكرار قىلىدۇ، ئاندىن ئازراق ئارام ئېلىپ، جىسمىنى راھەتلەندۈرىدۇ.
3-ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقتىنى: دەرس كۆرىدىغان، كىتاپ ئوقۇيدىغان، دەرس ئۈگىتىدىغان ياكى ئۇستازلارنىڭ دەرىسىنى تىڭشايدىغان ياكى ياد قىلغان جايلىرىنى تەكرار قىلىدىغان ۋاقىت قىلىدۇ.
4-شامدىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئىلىم سورۇنلىرىغا قاتنىشىدىغان ۋاقىت قىلىدۇ، خۇپتەندىن كېيىنكى ۋاقتىنى بولسا، ئۆگەنگەن ئىلىملىرىنى خاتىرىلەيدىغان ياكى كۆرۈپ چىقىدىغان ۋاقىت قىلىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، بىزنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز، ئومۇمى تەرەپتىن ۋاقىتنى تەرتىپلەشتۇر، لېكىن ۋاقىتنى تەرتىپلەش ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا كۆرە بولىدۇ. ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى بىر يەردە خىزمەت قىلمىسا ياكى بويتاق بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەرتىپلەرنى تەتبىقلىسا بولىدۇ. مۇھىمى: بىر كېچە-كۈندۈزلۈك ۋاقىتنى تەرىپلەش بولسا، مەلۇم ۋاقىتلارنى ياد قىلىشقا، كىتاپ ئوقۇشقا ئايرىش كېرەك، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى راھەتنى تەلەپ قىلىدۇ، ھورۇنلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساندىن نەپسىنى كەسكىنلىك ۋە جۇشقۇنلۇققا، بېكىتىلگەن تەرتىپكە ئادەتلىنىشكە، بويسۇنۇشنى لازىم تۇتۇشقا يېتىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ كىشىنىڭ كۈنى زايە بولۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆمرى-ھاياتى- زايە بولۇپ كېتىدۇ.
ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئەدەپلىرىنى بىلىش ئۈچۈن 10324 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
" ئوقۇغۇچى قانداق قىلىپ ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ "ناملىق سۆھبەت خاتىرسىنى تىڭشاپ باقسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.