بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئىسلامنىڭ ئىنسانلارغا بولغان قارىشى رەھمەت، شەپقەت، مېھرىبانلىققا تولغان قاراش بولۇپ، ئىسلام ئىنسانلارغا بۇنىڭ غەيرى بىلەن قارىمايدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنى ئاللاھ تائالا يولغا قويغان دىنلارنىڭ تۈگەنچىسىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ دىننى قەلبى چەكسىز مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى ئارقىلىق نازىل قىلدى، بارلىق ئىنسانلارنىمۇ بۇ دىنغا تولۇق كېرىشكە بۇيرىدى. بۇ سۆزنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى بۇ ئايەت ئىسپاتلايدۇ: وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» [سۈرە ئەنبىيا 107 -ئايەت.]
مۇشۇ مەنانى كۇچلاندۇرۇش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن ۋە سىيرەتلىرىدىن نۇرغۇن دەلىللەرنى كەلتۈرەلەيمىز، بۇ نۇرغۇن شەكىل-سۈرەتلەردە جىلۋېلىنىدۇ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: 1-ئىسلامغا دەۋەت قىلىش، بارلىق ئىنسانلارنى شېرىكتىن ۋە كۇپىردىن قۇتقۇزۇش.
قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن: بارلىق ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا، تەۋھىدگە دەۋەت قىلىش، بۇ يولدا مېلىنى، ۋاقتىنى ھەتتا جېنىنى پىدا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇقلار كەلدى، بۇنىڭ ئۆزى پۈتۈن ئالەمگە رەھمەتتۇر، ئۇلارنى بەندىلەرنىڭ بەندىلەرگە چوقۇنىشىدىن بەندىلەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە يۈزلىنىشكە، دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئارىسىدىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ كەڭىرچىلىكىگە چېقىرىش ئۈچۈن دەۋەت قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇشتۇر.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلْتَكُنْ مِنْكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر» [سۈرە ئال ئىمران 104-ئايەت].
2-ئاتا-ئانا ئۈچۈن (گەرچە ئۇلار كاپىر بولسىمۇ) خەيرى-ئېھسان ۋە ياخشىلىق قىلىش كېرەك.
بەلكى ئۇلار پەرزەنتلىرىنى ئىسلامدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىن چەكلىسىمۇ، شېرىككە ۋە كۇپۇرغا بۇيرىسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَوَصَّيْنَا الْأِنْسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْناً عَلَى وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِي عَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِي وَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ . وَإِنْ جَاهَدَاكَ عَلَى أَنْ تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلا تُطِعْهُمَا وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفاً وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ تەرجىمىسى: «ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر، ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن» [سۈرە لوقمان 14-15-ئايەتلەر].
3-خوشنىلار گەرچە مۇسۇلمان بولمىسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش كېرەك.
سىز مۇمكىن ئىسلام دىنىغا ئوخشاش كىشىلەرنى خوشنىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە، سىر-ئەسرارلىرىنى ساقلاشقا، ھەققىگە رىئايە قىلىشقا ۋە ھۆرمىتىنى قوغداشقا بۇيرىغان بىرەر دىن ياكى قانۇن-پرىنسىپنى كۆرۈپ باقمىدىڭىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئاً وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَاناً وَبِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنْبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ إِنَّ اللَّهَ لا يُحِبُّ مَنْ كَانَ مُخْتَالاً فَخُوراً تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل ـ چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر ، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ» [سۈرە نىسا 36-ئايەت].
ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: نۇپ شامىي مۇنداق دېگەن: "يېقىن خوشنا بولسا مۇسۇلمان خوشنىسى، يان خوشنا بولسا يەھۇدى ۋە خرىستىئان خوشنىلىرىدۇر.
مەن دەيمەن: مۇشۇنىڭغا كۆرە: خوشنا مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان، بۇ مۇستەھەپ ئىشتۇر. توغرا قاراشتا ياخشىلىق قىلىش دېگەن بەزى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش مەنىسىدە بولسا، يەنە بەزى ۋاقىتتا: ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ئازار يەتكۈزمەسلىك، قوغداش قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ماڭا دائىم خوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى، ھەتتا مەن خوشنا مىراسخۇر بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم» [بۇخارى رىۋايىتى 184-ھەدىس].
ئەبۇ شۇرەيھتىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم مۆمىن بولالمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەم مۆمىن بولالمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەم مۆمىن بولالمايدۇ» دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم ئۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خوشنىلىرى ئۇنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن خاتىرجەم بولالمىغان كىشى» دېدى. بۇ سۆز بارلىق خوشنىلارنىڭ ھەققىدە ئومۇمدۇر. ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خوشنىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىكنى ئۈچ قېتىم قەسەم قىلىپ تۇرۇپ تەكىتلىدى، خوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزگەن كىشىنىڭ ئىمانى كامىل بولمايدۇ، مۆمىننىڭ خوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزىشىسى توغرا بولمايدۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ئىشتا توختىشى ۋە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى رازى بولىدىغان ئىشلارغا رىغبەتلىنىشى ۋە كىشىلەرنىمۇ بۇ ئىشقا قىزىقتۇرىشى كېرەك بولىدۇ. ["تەپسىر قۇرتۇبى" 5-توم 183-بەت].
4-ئۇرۇش قىلىۋاتمىغان كاپىرلار بىلەن مۇئامىلە قىلغان ۋاقىتلاردىمۇ ئۇلارغا ئادىل بولۇش ۋە ياخشىلىق قىلىش.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ تەرجىمىسى: «(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ» [سۈرە مۇمتەھىنە 8-ئايەت].
شەيخ ئابدۇرەھمان سەدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپىر-مۇشرىكلاردىن سىلەرنىڭ يېقىنلىرڭلار بولسۇن ياكى باشقىلىرى بولسۇن، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان ھالەتتە ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، سىلە-رەھىم قىلىشىڭلاردىن، ئادىللىق قىلىشىڭلاردىن ۋە ياخشىلىقلىرىنى مۇكاپاتلىشىڭلاردىن چەكلىمەيدۇ، ئۇلارغا سىلە-رەھىم قىلساڭلار گۇناھ بولمايدۇ، بۇنداق ھالەتتە سىلە-رەھىم قىلىش چەكلەنمەيدۇ ۋە بۇزۇقچىلىق بولمايدۇ". ["تەپسىر سەدى" 856-بەت].
5-كاپىرلاردىن ئەھدە-كېلىشىم قىلغانلارنى ئۆلتۈرۈش ھارام بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كاپىرلاردىن ئەھدە-كېلىشىم قىلغانلارنى ھەقسىز ئۆلتۈرگەن كىشى جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ تاپالمايدۇ، گەرچە جەننەتنىڭ پۇرىقى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن تىپىلسىمۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 856-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن بولغان مەقسەت: مۇسۇلمانلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن بولسا، بۇ يىللىق جىزيە تاپشۇرۇش بولسۇن ياكى ھۆكۈمەت بىلەن قىلىشقان توختام بولسۇن ياكى ئاددى بىر مۇسۇلماندىن بېرىلگەن خاتىرجەملىك بولسۇن ئوخشاش". ["پەتھۇلبارى" 12-توم 259-بەت].
6- توختام قىلىشقان ۋە ئەھدى قىلىشقان غەيرى دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.
بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىققەت قىلىڭلار! كىمكى توختام قىلىشقان ۋە ئەھدى قىلىشقان غەيرى دىندىكىلەرگە زۇلۇم قىلسا، ھەققىنى بەرمىسە، كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىسا، ئۇنىڭ رازىلىقىسىز بىر نەرسىسىنى ئىلىۋالسا، قىيامەت كۈنى مەن ئۇ كىشىنىڭ داۋاگىرى بولىمەن» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3052-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپىرلاردىن خىزمەت ئۈچۈن ياكى تىجارەت ئۈچۈن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا كەلگەن كىشىلەر ۋىزا-توختام بىلەن ياكى خاتىرجەملىك بېرىلىش بىلەن كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ھەددىدىن ئىشىش، دۈشمەنلىك قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كاپىرلاردىن ئەھدە-كېلىشىم قىلغانلارنى ھەقسىز ئۆلتۈرگەن كىشى جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ تاپالمايدۇ».
بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنىمىز، ئىسلامنىڭ غەيرى دىندىكىلەر بىلەن قىلىشقان كېلىشىم-توختاملىرى ۋە بەرگەن ئەمىنلىكلىرىنى ھۆرمەت قىلىمىز، كىمكى بۇنى بۇزىدىكەن، ئۇ كىشى ئىسلامغا ھاقارەت قىلغان بولدى، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ناچار قىياپىتىنى نامايەندە قىلدى، ۋەدىسىدە تۇرمىدى، خىيانەت قىلدى، كىمكى ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى، كېلىشىملىرىنى ئېھتىرام قىلىدىكەن، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىكەن، ئۇ كىشىدىن ياخشىلىق ۋە مۇۋەپپىقىيەت ئۈمىت قىلىنىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 25-توم 493-بەت].
7-ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىش چەكلىنىدۇ، ئادىللىق قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلاَ يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ أَن صَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ أَن تَعْتَدُواْ تەرجىمىسى: «بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا يَجۡرِمَنَّكُمۡ شَنَـَٔانُ قَوۡمٍ عَلَىٰٓ أَلَّا تَعۡدِلُواْۚ ٱعۡدِلُواْ هُوَ أَقۡرَبُ لِلتَّقۡوَىٰۖ تەرجىمىسى: «بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، (دۈشمىنىڭلارغىمۇ) ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر» [سۈرە مائىدە 8-ئايەت].
شەيخ شەنقىتى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەتتىكى ئېسىل ئەخلاق، سىنىڭ ھەققىڭدە ئاللاھ تائالاغا ئاسى بولغان كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش قاتارلىقلار". ["ئەزۋائۇل بايان" 3-توم 50-ئايەت].
ئىككىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر بىلەن بىرگە يەنە تۆۋەندىكى مۇھىم ھەقىقەتلەرنى تەكىتلەش تەلەپ قېلىنىدۇ:
1-يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قائىدە-پىرىسىپلارغا زىت ھالەتتە ھازىر دۇنيادا كۆرۈلۈۋاتقان ئىشلارنى ئىسلامغا نىسبەت بېرىش توغرا بولمايدۇ، ئۇ پەقەت شۇ ئىشنى قىلغان كىشىلەرگە ئائىت بولىدۇ، ھەر بىر دىندا ئۇ دىننىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ۋە كۆرسەتمىلىرىنى لازىم تۇتمايدىغان ئىشلار تېپىلىدۇ.
2-سىز زېمىندا ۋە زېمىن ئەھلىدىن بولغان كاپىرلاردىن كۆرۈلۈۋاتقان ئىشلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى بىلەن ئەلۋەتتە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا يەتمىش مىليوندىن كۆپ كىشىلەر ئۆلدى، بۇلار ئاساسەن خرىستىئانلار، خرىستىئانلارنىڭ، كوممۇنىستلارنىڭ، يەھۇدىلارنىڭ، ھىندىلارنىڭ ۋە سىخلارنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئون مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇنى تەپسىلى بايان قىلىشقا كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ يەردە پەقەت ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەرگە ئەسلەتمە بولسۇن دەپ يوللىدىم.
ئاندىن بارلىق مىللەتلەردىن كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىشى، بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشى ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ، ئىسلامنىڭ ئومۇمى ئىنسانلارغا نەزەر سىلىشى توغرىسىدا سۆزلەش جەريانىدا بۇ ئىشلار كۆڭۈلدىن كېچىدىكەن، ئىسلام ئىنسانلارغا مېھرى-مۇھەببەت، كۆيۈمچانلىق بىلەن قارايدۇ، ئىنساپ قىلغان بەزى تارىخچىلار ئىسلامنىڭ باشقا يۇرتلارنى پەتىھ قىلىشى بىلەن خرىستىئانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىنى سېلىشتۇرۇپ ئوتتۇرىدىكى روشەن پەرقنى كۆرۈش ئۈچۈن، رەھىم-شەپقەت بىلەن قوپاللىق، ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۆچ كۆرۈش، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئارىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
3-بىزنىڭ يۇقىرىدا زىكىر قىلغان، ئىسلامنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلارغا بولغان قارىشى ۋە ئۇ توغرىدا كەلگەن ھۆكۈملەردە يۈكسەك سۆيگۈ، كۆيۈنۈش ۋە مېھرى-شەپقەت بار، بۇنىڭدىن يەنە بىزنىڭ دىنىمىزغا مەنسۇپ بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ زېھنىدىن ئىسلامنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن ئادا-جۇدا دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ مىسالى:
ئا-ئىسلامدا قەبىلىۋازلىق، كاپىرنى سىرداش دوست قىلىۋېلىش ھارام بولىدۇ، ئەقلنى ئىشلەتكەن ئادەم: ياخشىلىقنى، ئادالەتنىڭ، كۆيۈنۈشنىڭ ۋە ئۇرۇش قىلمىغان كاپىرلارغا قارىتا قىلىنىدىغان رەھىم-شەپىقەت بىلەن، قەبىلەۋازلىقتىن چەكلەنگەنلىك ئارىسىدا ۋە كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمان بولمىغانلىقى ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھغا كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئاشۇ كاپىرلارغا قارىتا ئادىل بولماسلىقتىن چەكلىدى.
ب-كاپىرلار قايسى دىندا بولىشىدىن قەتئى نەزەر بىز ئۇلار بىلەن قىزلىرىمىزنى، ھەمشىرىلىرىمىزنى، مۇسۇلمان ئاياللىرىمىزنى ئۆيلەندۈرۈپ قويۇشىمىز تۇپتىن ھالال بولمايدۇ، ئەمما بىزنىڭ يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتابنىڭ ئىپپەتلىك بولغان قىز-ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشىمىز دۇرۇس بولىدۇ. شەكسىز بۇ ھۆكۈمدە ئەقىدە-ئېتىقاد، تەۋھىد ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، مۇسۇلمانلاردىن بىرى بىلەن توي قىلغان ئەھلى كىتاپتىن بولغان ئايالنىڭ مۇسۇلمان بولىشى يېقىندا مۇمكىن بولىدىغان ئىشتۇر. مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ يات دىنىدىكىلەر بىلەن توي قىلسا يېقىندا دىنى تەرەپتىن پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن بولىدىغان ئىشتۇر. بۇ ھۆكۈم مۇشۇ كاتتا دىن ئېلىپ كەلگەن مېھرى-شەپقەت ئىشلىرىغا بەك ئۇيغۇندۇر. ئەھلى كىتاپتىن بولغان ئايالنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ۋە مۇسۇلمان ئايالنىمۇ ئۆز دىنىنى تەرك قىلماسلىقى رەھمەتتۇر.
ج-ئىسلامدا كاپىرلارنى مەجبۇرى دىنغا ئەكىرىش يوق، چۈنكى ئىخلاس، سەمىيمىلىك، راستچىللىق بولسا ئىسلامنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ تەرجىمىسى: «دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر» [سۈرە بەقەرە 256-ئايەت].
د-ئىسلام توي قىلىپ بولغان ئايال زىنا قىلسا ئۇنى چالما-كېسەك قىلىش، ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش، ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىپپەتلىك ئايالغا بۆھتان قىلغان كىشىگە دەررە ئۇرۇش قاتارلىق پرىنسىپلار بار، بىز ئىسلامنىڭ بۇ قانۇن-پىرىنسىپلىرىدىن ھەرگىز خىجىل بولمايمىز. بەلكى كەسكىنلىك بىلەن: زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار بۇ ھۆكۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بەك ئېھتىياجلىق دېيەلەيمىز. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى، دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى دەخلە-تەئەررۇزسىز يامانلىققا چۈشۈپ قىلىشتىن خاتىرجەم بولىدۇ.
ئەقىللىق كىشىلەردىن مۇشۇ ھۆكۈمنى ئويلاشقانلار ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاشقانلار: ئىسلام پرىنسىپىنىڭ دەسلەپتىلا باشقىلارغا ھەقسىزلىق قىلىشنى چەكلىگەنلىكى ئارىسىدىكى پەرقنى، باسقۇنچىلىقنىڭ يامراپ كەتكەنلىكى، ئوغۇرلۇقنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى، ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ كەڭ تارقالغانلىقى، مۇشۇنداق جىنايەتنى توختىتىشقا بەك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، بۇ ئىشلارغا قارىتا ئىسلام ھېكمەت، رەھمەت، ئادالەت ۋە ئىسلاھ قىلىش بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.