توغرا بولىدۇ، چۈنكى، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇپ ئېلىش ياكى تىغ-ئۇستىرىدا ئېلىش ياكى بۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، يۇلۇپ ئېلىش ياخشى بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك ئىش تۇغما تەبىئەتتىن: خەتنە قىلىش، بۇرۇتىنى قىسقارتىش، تىرناقنى ئېلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش ۋە ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش قاتارلىقلاردۇر».
[بۇخارى ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].