پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كىرپىكگە سۇ تېگىشنى چەكلەيدىغان لاك ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئىشلىتىش توغرىسىدا

سۇئال

بىز ئاياللار بىر مەسىلىنى تەپسىلى بىلىشكە قىزىقىۋاتىمىز، ئاياللار كىرپىكىگە لاك ئىشلەتسە تىخىمۇ گۈزەللىشىدۇ، قۇيۇق كىرپىكتەك كۆرىنىدۇ، بۇ لاكنىڭ بەزىلىرى سۇنى ئۆتكۈزىدۇ، بەزىلىرى سۇ ئۆتكەزمەيدۇ، بىزنىڭ بىلىشىمىزچە تاھارەت ئالغاندا كىرپىككە چوقۇم سۇ تىگىشى كېرەك، كىرپىككە لاك سۈركىگەندە ئالغان تاھارەت قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئىنسان تاھارەت ئالغاندا  ۋە يۇيۇنغاندا كۆزىنىڭ كىرپىكى ۋە قاپىقىغا چوقۇم سۇ تىگىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بۇ جايلارمۇ يۇيۇشقا بۇيرۇلغان يۈزنىڭ دائىرسىغا كىرىدۇ، شۇنىڭدەك قاشنىڭ تۈكلىرى، مەڭزىنىڭ تۈكلىرى، بۇرىتى، ساقىلى ھەممىسى يۇيۇش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

    "رەۋزەتۇل مۇربىئ"7-بەتتە مۇنداق كەلگەن: يۈزدىكى شالاڭ تۈكلەر، كۆزنىڭ قاپىقى، بۇرۇت، ئىڭەكنىڭ ئاستىدىكى تۈكلەرمۇ يۇيۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ يۈزنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ". ["ئەل مەجمۇئ" 1-توم 376-بەت. "مەۋاھىبۇل جەلىيل" 1-توم 185-بەت].

شۇنىڭغا ئاساسەن: ئەگەر ئىشلىتىلگەن لاك كىرپىككە سۇ يىتىشنى توسمايدىغان بولسا، ئالغان تاھارىتى توغرا بولىدۇ، ئەگەر سۇنىڭ يېتىشىنى توسىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تاھارەت ئىلىشتىن ياكى يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن  ئۇنى چىقىرىۋېتىش كېرەك، چۈنكى تاھارەت بىلەن يۇيۇنۇشىنىڭ توغرا بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن يۇيۇلىدىغان ئەزاغا سۇ يىتىشنى توسىدىغان نەرسىلەرنى ئىلىۋېتىشدۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەجمۇئ" 1-توم 492-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ بەزى ئەزالىرىدا شام ياكى خېمىر ياكى خىنىگە ئوخشاش يۇيىدىغان ئەزاغا سۇ يىتىشنى چەكلەپ قويىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇ نەرسە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنى ئىلىۋەتمىگۈچە ئالغان تەرەت توغرا بولمايدۇ".

 ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى