ئايالنىڭ ئانا تەرەپ ۋە ئاتا تەرەپ تاغىلىرى ئۇ ئايالغا ۋە ئۇنىڭ قىزلىرىغا مەھرەم بولۇشقا لايىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سوئال: 103878

ئانامنىڭ ئانا تەرەپ ۋە ئاتا تەرەپ تاغىلىرى ئالدىدا ھىجاپلىنىشىم ۋاجىپ بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىنساننىڭ ئانىسىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن تاغا ھېسابلىنىدۇ،  شۇنىڭدەك ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن تاغا ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭغا كۆرە، ئايال ئانىسىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىلىرى بولسۇن ياكى ئاتا تەرەپ تاغىلىرى بولسۇن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھىجاپلانمىسىمۇ بولىدۇ، ھەتتا ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ خالى جايدا بىرگە تۇرسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ مەھرەملىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاياللاردىن بولغان مەھرەملەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَبَنَاتُ الْأَخِ وَبَنَاتُ الْأُخْتِ تەرجىمىسى: «قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى». [سۈرە نىسا 23-ئايەت].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەمشىرىلىرىنىڭ قىزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ  نەۋېرلىرى تاغىلىرىغا ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆز ھەمشىرىسىنىڭ  قىزلىرىدۇر، شۇنىڭدەك، بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنىڭ قىزلىرىمۇ تاغىلىرىغا ھارام بولىدۇ". [ "ئەلمۇغنى"  7 -توم 90 -بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: مېنىڭ ھەمشىرەم بار، ئۇنىڭ ئوغۇل ۋە قىز پەرزەنتلىرى بار، ئوغۇللار توي قىلىپ، ھەممىسىنىڭ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى بولدى، مەن ئۇلارنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ  تاغىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ قىزلىرىنى سۆيۈپ قويسام توغرا بولامدۇ؟، شۇنىڭدەك، ھەمشىرەمنىڭ قىزلىرىمۇ ياتلىق بولۇپ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىك بولدى، مەن ئۇلارنىڭ ئانىسىنىڭ تاغىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ قىزلىرىنىمۇ سۆيۈپ قويسام توغرا بولامدۇ؟، ئۇلار مەندىن ھىجاپلانمىسىمۇ بولامدۇ؟، دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئىنسان ھەمشىرىسىنىڭ قىزىنىڭ قىزلىرىغا ۋە ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلىنىڭ قىزلىرىغىمۇ مەھرەم بولىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ نەۋرىلىرىنىڭ قىزلىرى ۋە نەۋرىلىرى بولسىمۇ ئۇنىڭغىمۇ مەھرەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَبَنَاتُ الْأَخِ وَبَنَاتُ الْأُخْتِ تەرجىمىسى: «سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ئېلىش ھارام قىلىندى». [سۈرە  نىسا 23 -ئايەت].

بۇ ئۆزىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرى ۋە نەۋرىلىرى ۋە چەۋرىلىرىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ". " ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 17 -توم 384 -بەت].

ئۇلاردىن يەنە: "ئايال ئانىسىنىڭ ئانا تەرەپ ۋە ئاتا تەرەپ تاغىلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئانا تەرەپ ۋە ئاتا تەرەپ تاغىلىرى ئالدىدا ھىجاپلانماستىن ئۇلارغا سالام قىلسا، بىرگە ئولتۇرسا توغرا بولامدۇ؟، بۇنى ھالال ياكى ھارام دەيدىغانغا پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ دىلىلىنىڭ مەنبەسى نېمە؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " ئايال ئانىسىنىڭ ئانا تەرەپ ۋە ئاتا تەرەپ تاغىلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئانا تەرەپ ۋە ئاتا تەرەپ تاغىلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ مەھرەملىرى بىلەن تۇرغاندەك ھىجاپلانماستىن ۋە زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلغان ھالەتتە تۇرسا، ئىككى ئىش ئۈچۈن توغرا بولىدۇ:

بىرىنچى:  ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ مەھرەملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. «سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ئېلىش ھارام قىلىندى». [سۈرە نىسا 23 -ئايەت].

بۇنىڭ تەپسىلاتى:  ئايەتتە بايان قىلىنغان قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى دېگەن، پەقەتلا بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ قىزىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇ قىزنىڭ قىزى يەنى نەۋرىلىرىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئايالنىڭ ئاتىسىنىڭ تاغىسى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ چوڭ ئاتىسىنىڭ قېرىندىشى ھېسابلىنىدۇ، ئاتىسىنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئاتىلىرىنىڭ ھەممىسى چوڭ ئاتىسى بولىدۇ.  بۇ ئايال قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزىلىرى ھارام بولىدۇ، دېگەن ئومۇمى كاتۇگىرىيىگە كېرىدۇ. ئانىسىنىڭ تاغىسى بولسا، ئانىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىندىشى ھېسابلىنىدۇ، بۇمۇ قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى ھارام قىلىندى دېگەن ھۆكۈمدىكى ئومۇمى كاتۇگىرىيەنىڭ ئېچىگە كېرىدۇ.

ئايەتتە بايان قىلىنغان قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى دېگەن، پەقەتلا بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ قىزىنىلا ئەمەس بەلكى ئۇ قىزنىڭ قىزى ۋە نەۋرىلىرىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئايالنىڭ ئانىسىنىڭ تاغىسى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ قېرىندىشى بولىدۇ، ئاتىسىنىڭ تاغىسى بولسا، ئاتىسىنىڭ ئانىسىنىڭ يەنى چوڭ ئانىسىنىڭ قېرىندىشى بولىدۇ، بۇ ئايالمۇ ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى، دېگەن ئومۇمى كاتۇگىرىيەنىڭ ئېچىگە كېرىدۇ.

ئۇ ئايالنىڭ سوئالدا زىكىر قىلىنغان كىشىلەر بىلەن بولغان مەھرەمىيەتلىكى ئىسپاتلانسا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھىجاپلانماسلىقى ۋە زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلىشى توغرا بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھ تائالا مۇنداق بايان قىلغان: وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِ تەرجىمىسى: «ئۇلار(تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيىن ئاتىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، دىنداش ئاياللاردىن، قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان(يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن». [سۈرە نۇر 31 -ئايەت].

ئىككىنچى:  ئاللاھ تائالا ئايال ئۈچۈن زىنەتلىرىدىن ئاتىلىرى، ئوغۇللىرى ۋە ئۆز قېرىنداشلىرى قاتارلىق مەھرەملىرىگە ئېچىشقا دۇرۇس قىلغان نەرسىنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەۋرىلىرىگىمۇ ئېچىشنى دۇرۇس قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار(تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيىن ئاتىلىرىدىن، ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن  باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن». [سۈرە نۇر 31 -ئايەت].

ئايالنىڭ ئانىسىنىڭ ۋە ئاتىسىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىلىرى  ياكى ئاتا تەرەپ تاغىلىرى، ئۇ ئايالغا نىسبەتەن قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرى، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ھەتتا نەسەپ جەھەتتە ئۇلارنىڭ نەۋرىلىرىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەھرەملىك جەھەتتە بىر كىشىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئۇلارغا زىنەتلىرىنى ئېچىش ۋە سالام قىلىش ۋە پەقەت قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش  دۇرۇس بولىدۇ".

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android