10

ياش ئۆسمۇرلەرگە ئىسلامنى چۈشەنچدۇرۇش توغرىسىدا

سوئال: 101752

ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، مەن مۇسۇلمان بولدۇم، ئۈچ بالام بار، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كىلىپ چىقىشىم خرىستىيان بىر ئائىلىدىن، مېنىڭ سوئالىم: ئۈچ بالامنىڭ بىرى 11 ياش، يەنە بىرى 8 ياش ئەڭ كىچىكى 5 ياش بولۇپ، بالىلىرىمغا بېسىم قىلماستىن ئىسلامنى قانداق چۈشەندۇرۇمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سىزنى ئىسلام دىنىغا كېرىشكە مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدە-سانالار بولسۇن، ئاللاھ تائالادىن سىزنى دىندا مۇستەھكەم قىلىشىنى ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىمۇ ھەق دىنغا كېرىشكە مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

سىزگە قىلىدىغان تەۋسىيەرىمىز، سىز ناھايىتى گۈزەل شەكىلدە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئىشلىرىغا سەل قارىماڭ ۋە بەك تىرىشچانلىق قىلىڭ، ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى ئارقىلىق سىزنى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن سىزگىمۇ ھەسسىلەپ ئەجىر بېرىدۇ.

ئىككىنچى: ئەۋلادلىرىڭىزنى ئىسلامى چۈشەنچە بىلەن تەربىيىلەشنىڭ يولى توغرىسىدا ياخشى بىر سوئال سورىدىڭىز، ئاللاھ تائالا ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتە ئاتا-ئانىلارنىڭ زىممىسىگە كاتتا مەسئۇلىيەت يۈكلىدى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ھەر كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، باش مەسئۇل ئۆزىنىڭ دائىرىسىدىكى ھەممە كىشىلەردىن مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلار توغرىسىدىكى مەسئۇلىيىتى سورىلىدۇ، ئەر ئائىلىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى سورىلىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆي ئىچىدىكى مەسئۇلىيەت سورىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى853-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1829-ھەدىس].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەرزەنتىگە توغرا يول كۆرسەتمىگەن، پايدىلىق بولغان ئىشلارنى تەلىم بەرمىگەن كىشى پەرزەنتىگە بەك ناچارلىق قىلغان بولىدۇ، كۆپچىلىك ئەۋلادلارنىڭ ناچارلىشىشى ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنى بوش قويىۋەتكەنلىكى، دىننىڭ پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرىنى ئۈگەتمىگەنلىكى ۋە تەربىيىگە سەل قارىغانلىقىدىن  بولغان، ئۇلارنى كىچىك ۋاقتىدىلا زايە قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىگىدىن پايدىلىق ئىشلارنى بىلمىگەن، ئۇلار چوڭ بولغاندا ئاتا-ئانىلىرىغا ئۇلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولمىغان". ["توھپەتۇل مەۋدۇد" 229-بەت].

ئۈچىنچى: ئەۋلادلىرىڭىزنى ئىسلامنى بىلىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيلىشىڭىز ئۈچۈن بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان تەۋسىيەرىمىز:

1-ئۇلارنى ئەرەب تىلى بىلەن ئالاقىدار قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىلىغا ئەرەب تىلىگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كىرگۈزۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئەرەب تىلى ئىسلامنى چۈشىنىش ۋە ياخشى كۆرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.

2-سىز پەرزەنتىڭىزگە ئۇنىڭ يېشىدىكى مۇسۇلمان پەرزەنتلەرنى تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ، ئەۋلادلىرىڭىزنىڭ ئۇلاردىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنى ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى لازىم تۇتۇش، توغرا يولدا بولۇشتا ئۈلگە تۇتۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىق بولىشى بەك مۇھىمدۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى كىشىلەر بىلەن ۋە ناچار كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشنىڭ مىسالى، ئىپار ساھىبى بىلەن كۆرەك باسىدىغان كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئىپار ساھىبى بىلەن ھەمسۆھبەت بولسىڭىز ھەرگىز زىيان تارتمايسىز، يا ئۇ كىشىدىن ئىپار سېتىۋالىسىز ياكى ئۇنىڭدىن خۇشپۇراق تاپىسىز، كۆرەك باسىدىغان كىشى بىلەن ھەمسۆھبەت بولسىڭىز، يا بەدىنىڭىز، كىيىمىڭىزنى كۆيدۈرىۋالىسىز ياكى ئۇنىڭدىن سېسىق پۇراقنى تاپىسىز». [بۇخارى رىۋايىتى1995-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2628-ھەدىس].

3-ئەرلەرنىڭ دىلىنى مەسچىتكە ئالاقىدار قىلىش، بۇ نامازنى جامائەت بىلەن ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىغا ھازىر بولۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىلىم سورۇنىدا ھەر قېتىم ئىلگىرلىگەندە ۋە نەتىجە قازانغاندا، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇكاپاتلاپ تۇرسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى!. مۇمكىن بولسا پەرزەنتلەرنى ئاللاھنىڭ ئۆيىنى ۋە نامازنى سۆيىدىغان-ياخشى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرگە مەسچىتكە بىرگە بارسىڭىز بولىدۇ، ئەمما مەسچىت يىراق بولغانلىقى ياكى بېرىپ-كېلىش ئارىسىدا يولنىڭ  ئەمىن بولماسلىق دېگەندەك ئىشلار بولسا، ئۆيدە بولسىمۇ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشنى تەلىم بېرىشكە سەل قارىماڭ، ئەۋلادلارنى يەتتە ياشقا يەتكەندە نامازغا بۇيرۇش ئىشى بولسا ئادا قىلىنىدىغان بۇيرۇقتۇر، ئەمما يەتتە ياشتىن بۇرۇن تەلىم بەرسىمۇ بولىدۇ لېكىن ئۇ كەسكىن ئەمەس.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا يەتكەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا يېتىپمۇ ناماز ئوقۇمىسا، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى مۇۋاپىق شەكىلدە ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ياتاقلىرىنى ئايرىم قىلىڭلار». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى495-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

4- ئەۋلادلارغا گۈزەل ئاۋازدا ئوقۇلغان قارىلارنىڭ تىلاۋەتلىرىنى تىڭشىتىش ئارقىلىق دىلىدا قۇرئان كەرىمگە بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت پەيدا قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ دىلىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆرمىتى ئۇلۇغ بولىدۇ، ئاللاھنىڭ كىتابى بولسا، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە نۇردۇر، قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىدۇ.

5-ئەۋلادلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى بىلەن كۆرگەنلىرىنى سېلىشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىسلامى تۈس ئالغان كارتۇن پىلىملەرنى ۋە باشقا مۇمكىن بولغان ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىتىش كېرەك، بۇنىڭ ئۇلارغا ئارىدىكى پەرقلەرنى ئايرىشتا تۈرتكىلىك رولى بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئىسلام ئىنسانلارنى ياخشىلىققا، سىلە-رەھىم قىلىشقا، مېھرى-شەپقەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، يامانلىقتىن، سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشتىن، بۇزۇقچىلىقتىن ۋە رەھىمسىزلىكتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.

6-ئۇلارنىڭ يېشىغا كۆرە ئىسلامى تور بەتلەرنى كۆرسىتىش كېرەك، ئەمما يالغۇز ھالەتتە تور بەتلىرىگە كېرىشكە يول ئېچىپ بەرمەسلىك لازىم، بەلكى سىز ئۆز ئادرېسىڭىز ئارقىلىق قىلىپ بېرىشىڭىز مۇمكىن.

7-سىز ئويلىنىپ باقسىڭىز، سىزنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىدىڭىزگە ياردىمى بولىدىغان ئىشلاردىن: ئەۋلادلىرىڭىزنى ئۆمرە قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەككىگە ئېلىپ بېرىپ كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، بەيتۇللانى زىيارەت قىلدۇرۇش، ئاللاھنىڭ بەيتىنى زىيارەت قىلىش چوڭلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ياشلارنىڭ دىلىغىمۇ قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

8-ئۇلارنىڭ ياشلىرىغا مۇناسىپ شەكىلدە ئاسان يول بىلەن ئەقىدە پرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىش كېرەك، مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى، ھەممىنى ئاڭلايدىغان ۋە كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى، ئىسلام ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، گۈزەل شەكىلىدە ياخشى ئىش قىلغانلارغا ساۋاپ بېرىش بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كىچىكلىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا تەۋھىد-ئەقىدە توغرىسىدا تەلىم بېرىشىنى چەكلەپ قويمىدى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ زات مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلىقىغا مىنگىشىپ بىرگە كىتىۋاتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن: «ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر قانچە سۆزلەرنى تەلىم بېرەي: دائىم ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ تۇرغىن، ئاللاھ تائالامۇ سىنى ياد ئېتىدۇ، ئاللاھنى دائىم ياد ئېتىپ تۇرساڭ، ئاللاھنى قارشىڭدا تاپىسەن، بىر نەرسە سورىساڭ، ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولساڭ، ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن. بىلگىنكى! بارلىق ئۈممەت بىرلىشىپ ساڭا پايدا يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تائالا پۈتىۋەتكەندىن باشقا ھېچ نەرسىنى پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ساڭا بىر زىيان يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تائالا پۈتىۋەتكەندىن باشقا ھېچ نەرسىنى زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، قەلەملەر كۆتۈرۈلدى(ھەممە ئىشلار يېزىلىپ بولدى) سەھىپىلەر قۇرىدى(لەۋھىل مەھپۇزدا بېكىتىلدى)». [تىرمىزى رىۋايىتى2516-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

بۇ تېما بەك مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن 22175- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

9-پەرزەنتلەرگە ئۇلارنىڭ ئەڭ ساغلام دىنغا، ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەرگە ۋە ئەڭ ياخشى ئۈممەتكە مەنسۇپ بولغانلىقىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياشلىرىغا مۇناسىپ كېلىدىغان شەكىلدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ سىيرەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىش كېرەك. بۇ تېما بەك مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن 21215- ۋە 22496- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قاراپ چىقىڭ.

10-ئۇلارنى ئىسلامى مەكتەپ-مەدرىسىلەرگە بېرىش لازىم، دىننى بۇزىدىغان بۇزۇق مەكتەپلەردىن يىراق تۇتۇش كېرەك. ئىسلامى مەكتەپ-مەدىرىسلەر ئېتىقاد ۋە ئەدەپ-ئەخلاققا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇنداقتىمۇ سىز قايسىسىنى مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز ئىش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىز بىلەن بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك مۇھىم ئىشتىن غاپىل قالسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ:

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىشى، توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشى، ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭ. سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قىلغان دۇئايىڭىز ئۇلارنىڭ ياراملىق بولىشى ۋە ھىدايەت تېپىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر، بۇنىڭدىن غاپىل قالماڭ ۋە دۇئانىڭ كارامىتىنى كىچىك سانىماڭ.

ئىككىنچى: سىز ئۇلارغا گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش، مېھرىبانلىق قىلىش ۋە كۆيۈنۈش ئارقىلىق ئۇلارغا ياخشى بىر ئۈلگە بولۇڭ، بۇ پەقەت سىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئانىسى بولغانلىقىڭىز تەرىپىدىنلا ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى لازىم تۇتىدىغان بىر مۇسۇلمان ئايال بولغانلىق تەرىپىندىندۇر.

ئاللاھ تائالادىن سىزنى ئەۋلادلىرىڭىز ئۈچۈن ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، ئەۋلادلىرىڭىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان يولغا ھىدايەت قىلىشىنى سورايمىز.

تەپىسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 10016- 4237- 22950- ۋە 10211- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android