ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
515/ذو الحجة/1446 , 11/ئىيۇن/2025

ھىجرەت توغرىسىدا

سوئال: 10063

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بەزى مەلۇماتلارنى بىلىشنى خالايمەن؟ ئاللاھ رازى بولسۇن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمانلارغا مەككە ئەھلىنىڭ ئەزىيەتلىرى كۈچىيىپ كەتكەندە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاللاھنىڭ دىنىنى تۇرغۇزالايدىغان، رەببىگە بولغان ئىبادەتلىرىنى قىلىشقا قادىر بولالايدىغان بىر زېمىنغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىدى.

ئاللاھ تائالا مەدىنە شەھرىنى ھىجرەت ئۈچۈن تاللىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ چۈشىدە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ چۈش كۆردى.

ئەبى مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن مەككىدىن خورمىلىق بىر زېمىنغا ھىجرەت قىلىپ چۈش كۆردۈم، كۆڭلۈمدە ئۇنى يەمامە ياكى ھىجر دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە-يەسرىپ-ئىكەن». [بۇخارى رىۋايىتى 3352-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 4217-ھەدىس]

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا:  ماڭا چۈشۈمدە سىلەرنىڭ ھىجرەت قىلىدىغان دىيارىڭلار ئىككى تاشلىق ساي ئارىسىدىكى بىر خورمىلىق زېمىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى دېدى، شۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلىدىغانلار مەدىنە تەرەپكە ھىجرەت قىلدى، ھەبەشىستان زېمىنىغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ئومۇمىسى قايتىپ كېلىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى.  [بۇخارى رىۋايىتى  3906 -ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت دىيارىنىڭ قارا تاشلىق ساينىڭ ئارىسىدىكى خورمۇلۇق زېمىن دەپ كۆرگەن بۇ چۈشى ئىلگىرى ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايسى زېمىنكى دەپ ئىككىلىنىپ قالغان چۈشنىڭ غەيرىدۇر. ئىبنى تىين مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە چۈشىدە ھىجرەت دىيارى مەدىنە شەھرى ۋە باشقا باشقا شەھەرلەرمۇ ئورتاق بولىدىغان بىر سۈپەتتە كۆرسىتىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەدىنىگە خاس بولغان بىر سۈپەت بىلەن كۆرسىتىلدى".

ئەمما مەنىدىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن تۇنجى بولۇپ ھىجرەت قىلغانلار توغرىسىدا بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن تۈنجى قېتىم بىزگە يەنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن كىشى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئېدى، بۇ ئىككەيلەن بىزلەرگە قۇرئان ئوقۇپ بىرەتتى، ئاندىن ئەممار، بىلال، سەئەد قاتارلىقلار كەلدى، ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يىگىرمىگە يېقىن كىشىلەر بىلەن بىرگە كەلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلدى، مەن مەدىنە ئەھلىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ كەلگەن كۈندە خۇرسەن بولغاندەك  باشقا بىر ۋاقىتتا بۇنچىلىك خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، ھەتتا كېچىك بالىلار، قىز-دېدەكلەرمۇ مانا ئاللاھنىڭ رەسۇلى كەلدى دەپ كېتىشكەن ئېدى». [بۇخارى رىۋايتىى 4560 -ھەدىس].

ھىجرەت توغرىسىدىكى ھەدىسلەر بەك كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇنى قىسقىچە قىلىپ تۆۋەندىكى ھەدىستە بايان قىلىمىز:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا:  ماڭا چۈشۈمدە سىلەرنىڭ ھىجرەت قىلىدىغان دىيارىڭلار ئىككى تاشلىق ساي ئارىسىدىكى بىر خورمىلىق زېمىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى دېدى، شۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلىدىغانلار مەدىنە تەرەپكە ھىجرەت قىلدى، ھەبەشىستان زېمىنىغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ئومۇمىسى قايتىپ كېلىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا تەييار بولغان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:  توختاپ تۇرغىن، مەنمۇ ماڭا ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت بېرىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن دېدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:  ئاتام سىلىگە پىدا بولسۇن، سىلىمۇ شۇنى ئۈمىد قىلىۋاتاملا؟دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەئە دېدى.  ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى سەپەردىن توختاتتى، ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئىككى ئۇلاغنى دەرەخ غازاڭلىرى ۋە باشقا بوغۇزلار بىلەن تۆت ئاي ئەتراپىدا باقتى، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:  بىر كۈنى چېڭ چۈش ۋاقتىدا بىز ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇراتتۇق، بىرسى كېلىپ ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: رەسۇللاھ كەلدى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۆيگە كەلمەيدىغان بىر ۋاقىتتا يۈز-كۆزلىرىنى ئوراپ كەلگەن ئېدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:  ئاتا-ئانام پىدا بولسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئەگەر بەك مۇھىم بىر ئىش بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنداق ۋاقىتتا كەلمەيتتى دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ كېرىشكە ئىزنە سورىدى، ئىزنە بېرىلگەندىن كېيىن ئۆيگە كىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:  يېنىڭدىكىلەرنى چىقىرىۋەتكەن دېدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!  ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، ئۇلار سىلىنىڭ ئەھلىلىرى دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ماڭا ھىجرەت قىلىشقا ئىزنە بېرىلدى دېدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، مەن ھەمراھ بولىمەنمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  ھەئە دېدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:  ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، بۇ ئىككى تۆگىنىڭ بىرىنى سىلى مىنسىلە دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  پۇلىنى بېرىمەن دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:  بىز بۇ ئىككەيلەنگە سەپەر تەييارلىقىنى قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا بىر تۇلۇمغا سۇ ۋە بىر دەستۇرخانغا يېمەك تەييارلاندى، دەستۇرخاننى چەككىلى بىر نەرسە يوق، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەشتامىنىنى ئىككى پارچە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇلۇمنى ۋە دەستۇرخاننى چەگدى، شۇنىڭ بىلەن ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا قوش پەرتۇق ساھىبى دەپ ئاتالدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ:  ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۇر تېغىدىكى غارغا كېلىپ ئۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇردى، كېچىسى ئۇ ئىككەيلەننىڭ يېنىغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇبەكىر ھەمراھ بولۇپ تۇردى، ئۇ چېچەن يىگىت ئېدى، تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ خۇددى مەككىدە تاڭ ئاتقۇزغاندەك قۇرەش بىلەن بىرگە بولاتتى، مەككىلىكلەر ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكىر توغرىسىدا بولغان ھەرقانداق خەۋەرلەرنى ئېسىدە تۇتۇپ قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۇلارغا يەتكۈزەتتى. ئەبۇ بەكرىنىڭ ئازادگەردىسى ئامىر ئىبنى پۇھەير كۈندۈزى قوي بېقىپ قوينىڭ سۈتىنى سېغىپ قاراڭغۇ چۈشكەندە سۇتنى تازىلاپ ئىسسىتىپ ئېلىپ كېلەتتى، بۇ ئۈچ كۈننىڭ ھەر كېچىسى شۇنداق قىلاتتى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەنى دەيل قەبىلىسىدىن بولغان بەنى ئابدۇ ئىبنى ئەدى ئىسىملىك بىر كىشىنى مەدىنىگە يول باشلايدىغانغا ياللىغان ئېدى، بۇ كىشى يولغا پىششىق، ئەتراپنى ۋە چېغىر يوللارنى ياخشى بىلىدىغان گەرچە قۇرەشنىڭ دىنىدا بولسىمۇ ئىشەنچىلىك ئادەم ئېدى. ئىككەيلەن ئۇ كىشىگە ئىككى تۆگىنى بېرىپ ئۈچ كېچە-كۈندۈزدىن كېيىن سۇر غارىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىدىغانلىققا ۋەدىلەشتى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ كىشى ئىككى تۆگىنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن جايغا كەلدى، ئىككەيلەن بىلەن بىرگە ئامىر ئىبنى پۇھەير بىرگە ماڭدى، يول باشلىغۇچى ئۇلارنى ئىلىپ دېڭىز ساھىلى بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئىبنى شىھاب مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئابدۇرەھمان ئىبنى مالىك ئەل مۇدلەجى خەۋەر بەردى، ئۇ كىشى بولسا سۇراقە ئىبنى مالىك ئىبنى جۇئشەمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاتىسى خەۋەر بەرگەن، ئاتىسى سۇراقە ئىبنى مالىك ئىبنى جۇئشەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن: بىزنىڭ قەبىلىگە قۇرەيشنىڭ ئەلچىلىرى كەلدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن ياكى ئەسىر قىلىپ ئەكىلىپ بەرگەنلەرگە يۈز تۆگە دىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇ ۋاقىتتا مەن بەنى مۇدلەج قەۋمىمدىن بولغان بىر توپ كىشىلەر بىلەن بىرگە ئولتۇراتتىم، شۇ ئارىدا بىزنىڭ قەبىلىدىن بولغان بىر كىشى بىز ئولتۇرغان ئورۇنغا كېلىپ:  ئى سۇراقە!  مەن ھازىر ساھىل تەرەپتە بىر كۆلەڭگىلەرنى كۆردۈم، بۇلارنى مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىمىكىن دەپ ئويلايمەن دېدى، سۇراقە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىچىمدە ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئۇ كىشىگە: ساھىلدا كۆرگەنلىرىڭ ئۇلار ئەمەس، سېنىڭ كۆرگىنىڭ پالانى ۋە پالانىلارمىكىن، ئۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزدىن كەتكەن دېدىم، مەن سورۇندا بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆيگە كېرىپ خىزمەتچى دېدەكنى ئېتىمنى ئېلىپ دۆڭنىڭ كەينىدە ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرىدىم، مەن نەيزەمنى ئېلىپ ئۆينىڭ كەينىدىن چېقىپ نەيزىنىڭ ئۈچى بىلەن يەرنى جېجىلاپ بىر ئاز دوڭغىيىپ مېڭىپ ئېتىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئاتقا مىندىم، (بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ) ئات تېزلىكتە مېنى ئۇلارغا يېقىنلاشتۇردى، مەن ئۇلارغا يېقىنلاشقان ۋاقتىمدا، ئېتىم پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشتۈم، ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئوق دېنىمدىن پال ئوقىنى چېقىرىپ ماڭا زىيان يېتەمدۇ ياكى يەتمەمدۇ دەپ پال سالسام، مەن ياقتۇرمايدىغان پال چىقتى، مەن پال ئوقىغا قارشى يەنە ئېتىمغا مېنىپ ماڭدىم، ھەتتا يېقىنلىشىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلاۋەت قىلىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتراپقا قارىمايتتى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا ئەتراپقا قاراپ ماڭاتتى، ئېتىمنىڭ ئىككى ئالدى پۇتى زېمىنغا پېتىپ تىزىغىچە كەلدى، مەن ئاتتىن يىقىلىپ چۈشتۈم، ئاندىن ئاتنى قوزغىسام، ئات تۇردى ئەمما ئىككى ئالدى پۇتىنى  بەك تەستە چىقاردى، ئات راۋۇرۇس تۇرغاندا، ئىككى پۇتى پاتقان جايدىن تۈتۈنگە ئوخشاش تۇمان كۆتۈرۈلدى، پال ئوقلىرىنى ئېلىپ پال سالسام مەن ياقتۇرمايدىغان پال چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى توۋلاپ ئامانلىق تىلىدىم، ئۇلار ئورنىدا تۇردى، مەن ئېتىمغا مېنىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدىم، شۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا يېتىشىشكە ئاز قالغاندا ئاتتىن يېقىلىپ توسۇلۇپ قالغانلىقىم كۆڭلۈمگە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىندا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم ۋە مۇنداق دېدىم:  سىنىڭ قەۋمىڭ سەن ئۈچۈن نۇرغۇن مالنى دىيەت قىلدى دەپ، كىشىلەرنىڭ ئۇلاردىن مەقسەت قىلىدىغان ئىشلىرىدىن خەۋەر بەردىم، ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك تەڭلىدىم، مەندىن ھېچ نەرسىنى ئالمىدى ۋە مەندىن: بىزلەرنىڭ ئىشىمىزنى كىشىلەردىن مەخپى تۇتقىن دېگەندىن باشقا گەپ سورىمىدى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەمىنلىك خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئامىر ئىبنى پەھەيرىگە بۇيرىدى ئۇ تېرىنىڭ پارچىسىغا خەت يېزىپ بەردى.  ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولغا يۈرۈپ كەتتى.  ئىبنى شىھاپ مۇنداق دەيدۇ:  ماڭا ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ خەۋەر بېرىشىچە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولدا شامغا تىجارەتكە بېرىپ قايتىپ كېلىۋاتقان بەزى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام بىلەن ئۇچراشقان، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بىردىن ئاق تون كىيدۈرگەن، مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ يولغا چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەر كۈنى ئەتتىگەندە سايلىققا چىقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتى، ھاۋانىڭ ئىسسىقى ئۇلارنى ئۆيگە قايتۇرۇۋېتەتتى، بىر كۈنى ئۇلار ئەتتىگەندە ساقلاپ ھاۋا بەك ئىسسىغاندا قايتىپ ئۆيلىرىگە كېلىپ تۇرىشىغا، يەھۇدىلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئىشى بىلەن قەلئەسىنىڭ ئۈستىگە قاراپ يىراقتىن كېلىۋاتقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئاق كىيىملەرنىڭ قۇياش نۇرىدا ۋال-ۋۇل چاقنىغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، بۇنى كۆرگەن يەھۇدى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يۇقىرى ئاۋازدا:  ئى ئەرەبلەر! مانا سىلەر نەچچە كۈندىن بىرى كۈتۈۋاتقان چوڭ ئاتاڭلار كەلدى دەپ ۋارقىرىدى، مۇسۇلمانلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ چاچراپ تۇرۇپ قوراللىرىنى ئېلىپ، سايلىققا چېقىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن يولنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چىقىپ مېڭىپ ھەتتا بەنى ئەمىر ئىبنى ئەۋپنىڭ مەھەللىسىگە چۈشتى، بۇ رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېدى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەر ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم ئولتۇردى، ئەنسارىلاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىلمىگەن كىشىلەر ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تەبرىكلىگىلى تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۈن نۇرى چۈشكەندە، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېلىپ تونى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى كۈن نۇرىدىن توستى، شۇ ۋاقىتتا كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىلدى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى ئەمىر ئىبنى ئەۋپنىڭ مەھەللىسىدە ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدى، تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان قۇبا مەسچىتىنى بىنا قىلدى، ئۇ مەسچىتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇدى.  ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاغقا مېنىپ ماڭدى، كىشىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ماڭدى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسىنى مەدىنىدىكى مەسچىتنىڭ يېنىدا چۆكتى، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەر ناماز ئوقۇۋاتقان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدۇر. بۇ يەر خورما قۇرۇتىدىغان ئورۇن بولۇپ، ئەسئەد ئىبنى زۇرارەنىڭ تەربىيىسىدە بولغان سۇھەيل ۋە سەھەل ئىسىملىك ئىككى يېتىم بالىنىڭ زېمىنى ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىسى ئۇ يەرگە چۆكلانغان ۋاقىتتا:  ئاللاھ خالىسا بۇ چۈشىدىغان ئورۇن دېدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككى بالىنى چاقىرتىپ، بۇ يەرنى مەسچىت قىلىش ئۈچۈن سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇ ئىككى بالا:  ياق، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!  بىز ئۇ يەرنى سىلىگە ھەدىيە قىلىمىز دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سوغىتىنى قوبۇل قىلماي ئۇ يەرنى سېتىۋالدى، ئاندىن ئۇ يەرگە مەسچىت بىنا قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ساھابىلار بىلەن بىرگە مەسچىت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تاش-توپا، خىش قاتارلىق نەرسىلەرنى توشىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىش توشىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ:  بۇ يەردە خەيبەرنىڭ يۇكلىرى توشۇلمايدۇ، بۇ ياخشىلىقتۇر، رەببىمىز ھەممىدىن پاكتۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئاللاھ! ئەجىر-ساۋاپ، ئاخىرەتنىڭ ئەجىر ساۋابىدۇر، ئەنسار ۋە مۇھاجىرلارغا رەھمەت قىلغىن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن بولغان بىر كىشىنىڭ شېرىنى مىسال قىلىپ ئېيتتى، ماڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېيتمىدى، ئىبنى شىھاب مۇنداق دەيدۇ:  بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنىڭدىن باشقا تولۇق بىر كۇپلېت شىر ئوقۇغانلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەر يەتمىدى، [بۇخارى رىۋايىتى3906-ھەدىس].

لېكىن بۇ يەردە دىندا شەك قىلىدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ شۈبھىسى بار، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: سىلەر سىيرەتنى بايان قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىككى تۆگە بىلەن ئېدى، ئۇلار غارغا كىردى، قۇرەيشلەر ئۇلارنى قوغلاپ غارنىڭ ئالدىغىچە يېتىپ كەلدى، ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىككى تۆگە بولغان بولسا قۇرەيش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ غاردا ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇ ئىككى تۆگە نەدە؟.

بۇ شەكلىك ئىنسانلار كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەتلىرىگە ئىشەنچ قىلماسلىقى، بۇ ئىشلارنى يالغان، خىيالى ئويدۇرما دەپ ھېسابلىشى ئۈچۈن دىنغا تەنە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بۇ شۈبھىلەرگە جاۋاپ بېرىش بەك ئاسان: ئۇلار بىلمەي قالغان، چۈشەنمىگەن ئىلگىرىكى بايانلار ئۇلارغا ئوچۇق رەددىيە بېرىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەنى دەيل قەبىلىسىدىن بولغان بەنى ئابدۇ ئىبنى ئەدى ئىسىملىك بىر كىشىنى مەدىنىگە يول باشلايدىغانغا ياللىغان ئېدى، بۇ كىشى يولغا پىششىق، ئەتراپنى ۋە چېغىر يوللارنى ياخشى بىلىدىغان گەرچە قۇرەشنىڭ دىنىدا بولسىمۇ ئىشەنچىلىك ئادەم ئېدى.  ئىككەيلەن ئۇ كىشىگە ئىككى تۆگىنى بېرىپ ئۈچ كېچە-كۈندۈزدىن كېيىن سۇر غارىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىدىغانلىققا ۋەدىلەشتى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ كىشى ئىككى تۆگىنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن جايغا كەلدى.

بۇ ھەدىس ئۇلارغا تاش ئاتقاندىنمۇ قاتتىق رەددىيەدۇر، ئازغۇنلۇقتىن كېيىن ھىدايەت قىلغان ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن مەدىنىگە بېرىش جەريانىدا يولدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن:

ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن غاردا تۇرغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى تاپىنىنىڭ ئاستىغا قارىسا ئەلۋەتتە بىزنى كۆرىدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبۇبەكىر! ئىككى كىشىنىڭ ئۈچىنچىسى ئاللاھ تۇرسا، بۇنىڭدىن غەم قىلما»دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى3380 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 4389-ھەدىس].

بۇ ھىجرەت ۋەقەلىكىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، بۇنىڭدىن زىيادە مەلۇمات ئېلىشنى خالىغانلار ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھنىڭ"باشلىنىش ۋە ئاخىرلىنىش" ناملىق ئەسىرى4 -توم 168- -205 بەتلەركە مۇراجىئەت قىلسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android