بىرىنچى: نامراتلىق بولسا ئاللاھ تائالا يۈز بېرىشىنى بىكىتكەن بىر مۇسىبەت بولۇپ، ئۇ ياكى بىر كىشىدە ياكى بىر ئائىلىدە ياكى بىر جەمئىيەتتە بولىدۇ، نامراتلىقنىڭ ئېتىقاد ۋە ئەخلاققا يامان تەسىرى بولىدۇ، خىرىستىئانلىققا دەۋەت قىلغۇچىلار خەلقنىڭ نامراتلىقى ۋە قولىنىڭ قىسقىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سېپىگە خىرىستىئانلىقنى تارقىتىدۇ. شۇنىڭدەك، نامراتلىق سەۋەبىدىن ناچار ئەخلاقلار كەڭ تارقىلىدۇ، كىشىلەرنى بۇنداق قىلىشقا نامراتلىقى ۋە ھاجىتىنى قاندۇرىشى مەجبۇر قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوغۇرلۇق، ئادەم ئۆلتۈرۈش، زىنا-پاھىشە، ھارام نەرسىلەرنى سېتىش قاتارلىق ئىشلار ئەۋىج ئالىدۇ، ئاشۇ ئىشلارنىڭ يامان تەسىرى شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەزى مۇشرىكلارنىڭ تۇرمىشىنىڭ نامرات بولغانلىقى ياكى نامراتلىق يېتىپ قىلىش سەۋەبىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان جان-جىگەر پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا نامراتلىق ئەنسىرەپ پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تَقْتُلُوا أَوْلادَكُمْ مِنْ إِمْلاقٍ نَحْنُ نَرْزُقُكُمْ وَإِيَّاهُمْ تەرجىمىسى: «نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز» [سۈرە ئەنئام 151-ئايەت].
ئاللاھ تائالا نامراتلىق يېتىپ قىلىش سەۋەبىدىن ئەنسىرەپ پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تَقْتُلُوا أَوْلادَكُمْ خَشْيَةَ إِمْلاقٍ نَحْنُ نَرْزُقُهُمْ وَإِيَّاكُمْ إِنَّ قَتْلَهُمْ كَانَ خِطْئاً كَبِيراً تەرجىمىسى: «كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئۇلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى بىز بېرىمىز، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر» [سۈرە ئىسرا 31-ئايەت].
بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە: بەنى ئىسرائىلدىن بولغان بىر قىز نامراتلىق سەۋەبىدىن مالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، زېمىن تارچىلىق كېلىپ ھېچ ئامال تاپالماي تاغىسىنىڭ ئوغلىنىڭ يېنىدا بارغاندا، تاغىسىنىڭ ئوغلى ئۇ قىزغا مال بېرىدىغانلىقى ئەمما ئۆزى بىلەن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، قىز ئامالسىز بۇ شەرتكە ماقۇل بولىدۇ، يېگىت قىزنىڭ ئۈستىگە چېقىپ مۇناسىۋەت قىلاي دېگەندە، قىز يېگىتنى ئاللاھنىڭ ئامانىتىنى ھەققنى ئادا قىلىپ نىكاھ بىلەن قىلىشنى ئەسلەتكەندە، يېگىت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن مالنى ئالماي بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىدۇ.
ھەرقانداق ھالەتتە بولسۇن: نامراتلىقنىڭ جىنايەت ۋە بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەممىگە تونۇشلۇق ئىش بولۇپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈممەت بۇنىڭدىن قايغۇرىدۇ، بۇ يۈكتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامال-چارىلىرىنى ئىزدەيدۇ، بۇنىڭدىن قۇرتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولى بولسا قىيامەتكىچە بارلىق ئىنسانلارغا مۇۋاپىق ھۆكۈمنى ئىلىپ كەلگەن ئىسلام بىلەن بولىدۇ.
ئىككىنچى: نامراتلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۆرەش قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ پاك ئىسلام دىنىمىز ئىلىپ كەلگەن ۋاستىلارنىڭ بەزىلىرنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز:
1-ئىنسانلارغا رىزىقنى ئاللاھ تائالا بېرىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان نامراتلىق ۋە باشقا مۇسىبەتلەرنىڭ چەكسىز ھېكمەت بىلەن بولغانلىقى، نامرات مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە يەتكەن قىيىنچىلىققا سەۋېر قىلىشى، ئۆزىدىن ۋە ئائىلىسىدىن بۇ نامراتچىلىقنى كۆتۈرۋېتىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشتىن ئىبارەت توغرا ئېتىقادنى تەلىم بېرىش كېرەك.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر» [سۈرە زارىيات 58-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا وَيَعْلَمُ مُسْتَقَرَّهَا وَمُسْتَوْدَعَهَا كُلٌّ فِي كِتَابٍ مُبِينٍ تەرجىمىسى: «يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە (ئۆلگەندىن كېيىن) كۆمۈلىدىغان جايىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا(يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا) يېزىلغاندۇر» [سۈرە ھۇد 6-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَمَّنْ هَذَا الَّذِي يَرْزُقُكُمْ إِنْ أَمْسَكَ رِزْقَهُ بَلْ لَجُّوا فِي عُتُوٍّ وَنُفُورٍ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئاللاھ رىزقىنى تۇتۇپ قالسا، سىلەرگە كىم رىزىق بېرىدۇ؟ ئۇلار تەكەببۇرلۇقتا، ھەقتىن يىراقلىشىشتا ئەزۋەيلەپ كەتكەندۇر» [سۈرە مۈلۈك 21-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلاً تەرجىمىسى: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۇردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق» [سۈرە ئىسرا 70-ئايەت].
بۇ ئېتىقادنىڭ تەسىرىدىن ئىنسان ئۆزىگە يەتكەن نامراتلىققا سەۋېر قىلىدۇ، رىزىق تەلەپ قىلىشتا يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدۇ، رىزىق تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇ توغرىدا سۇھەيب رۇمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىننىڭ ئىشىغا ھەيرانمەن، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشىدۇر، بۇ پەقەت مۆمىن ئۈچۈن بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك يەتسە. بۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتسا ئۇ كىشىگە ياخشىلىق بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر زەرەر يەتسە بۇنىڭغا سەۋېر قىلسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 2999-ھەدىس].
بىز غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سىلىش ئارقىلىق بۇ ئەقىدىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان تەسىرىنى بىلىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن: ياپۇنىيدە 2003-يىلىدا ئوتتۇز ئۈچ مىڭ ( 33000) ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئىشسىزلىق، بى بى سى قانىلىنىڭ 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى بىكىتكىنىگە كۆرە، ياپۇنىيدە ئۆتكەن بىر يىلدا ئوتتۇز ئۈچ مىڭ (33000) كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى ھېساپلىنىپ رەسمى قانالدا ئېلان قىلىندى. ياپۇنىيلىك مەسئۇللار بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى: ياپۇنىيدە بولىۋاتقان ئىقتىسادى كاساتچىلىق ھالىتى، بۇ ئەللىك يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ھالەت ھېساپلىنىدۇ، ئىشسىزلىق نىسبىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى، چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بولۇپمۇ بۇ ئىش ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر ئارىسىدا كۆپ كۆرىلىۋاتىدۇ".
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِِنَّ رَبَّكَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيراً بَصِيراً تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى، مەنپەئىتىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە ئىسرا 30-ئايەت].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: «شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ» دېگەن ئايەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكى خالىغانغا كەڭرى رىزىق ئاتا قىلىدىغانلىقى، خالىغانغا رىزىقنى تار قىلىدىغانلىقى، ئۆز خەلقىدە خالىغانچە ئىش قىلىدىغانلىقى، خالىغان كىشىنى باي قىلىدىغانلىقى، خالىغان كىشىنى نامرات قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭدا چەكسىز ھېكمەت بار ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيرًا بَصِيرًا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى، مەنپەئىتىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە ئىسرا سۈرىسى 30-ئايەت].
يەنى كىم بايلىققا ھەقلىق بولغۇچى ۋە كىم نامراتلىققا ھەقلىق بولغۇچى بۇنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
بايلىق بەزى كىشىلەر ھەققىدە ئاللاھنىڭ تەدرىجى ئازاپلىشى ئۈچۈن بولىدۇ، نامراتلىق بەزى كىشىلەرگە ئازاپ جەھەتتىن بولىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 5-توم 71-بەت].
2-ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ نامراتلىقتىن پاناھلىق تېلەش.
سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىرى ۋە ئۈممەتكە تەلىم بەرگەن تەلىماتلىرى بايان قىلىندى، نامراتلىقنىڭ ئىنساننىڭ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە تەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ نامراتلىقتىن پاناھلىق تېلەيتتى.
مۇسلىم ئىبنى ئەبۇ بەكرەتە مۇنداق دەيدۇ: ئاتام ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ئى ئاللاھ! سىلىگە سېغىنىپ كۇپىردىن، نامراتچىلىقتىن، قەبىر ئازابىدىن پاناھلىق تېلەيمەن، مەنمۇ بۇ دۇئانى قىلاتتىم، ئاتام ماڭا مۇنداق دېدى: ئى ئوغلۇم! بۇ دۇئالارنى كىمدىن ئۈگەندىڭ؟، مەن: سىزدىن دېدىم، ئاتام: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر نامازنىڭ ئاخىرىدا بۇ دۇئانى ئوقۇيتتى» دېدى. [نەسائى رىۋايىتى1347-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھ دەپ"نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! مەن سىللىگە سېغىنىپ ھورۇنلۇقتىن، قېرىلىقتىن، يالغان سۆز قىلىپ سېلىشتىن، قەرزدارچىلىقتىن، قەبىر ئازابىدىن، دوزاخنىڭ پىتنىسىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، بايلىق پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، نامراتلىقنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن سىلىگە سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» [بۇخارى رىۋايىتى6007-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى589-ھەدىس].
3-ئىشلەش، كەسىپ قىلىش، رىزىق تېپىش ئۈچۈن زېمىندا ھەرىكەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: هُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ ذَلُولاً فَامْشُوا فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُوا مِنْ رِزْقِهِ وَإِلَيْهِ النُّشُورُ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. ئاللاھنىڭ (بەرگەن) رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» [سۈرە مۈلۈك 15-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلاةُ فَانْتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيراً لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا (يەنى نامازدىن فارىغ بولغىنىڭلاردىن كېيىن) زېمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار» [سۈرە جۈمە 10-ئايەت].
مىقدام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھېچ بىر كىشى ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ يېگەندىنمۇ ياخشىراق بىر يىمەكنى يىمىدى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ يەيتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 1966-ھەدىس].
زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بېرىڭلار ئارغامچىسىنى ئىلىپ جاڭگالغا بېرىپ بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ ئۇچىسىغا ئارتىپ بازارغا ئاپىرىپ ساتسا، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى ساقلايدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراپ بەرسە ئېلىپ، بەرمىسە قايتىپ كەلگىنىدىن ياخشىدۇر» [بۇخارى رىۋايىتى 1402-ھەدىس].
4-بايلارنىڭ ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ئېلىش.
ئاللاھ تائالا نامراتلار ئۈچۈن بايلارنىڭ ماللىرىدىكى زاكاتتىن نېسىۋېسىنى قىلدى، كەمبەغەلگە بىھاجەت بولغىدەك ۋە نامراتلىقى يوغالغۇدەك دەرىجىدە مال بېرىلىدۇ.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ تەرجىمىسى: «زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» [سۈرە تەۋبە 60-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ فِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ مَعْلُومٌ . لِلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ تەرجىمىسى: «ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ» [سۈرە مەئارىج 25-ئايەت].
5-كىشىلەرنى سەدىقە قىلىش، ۋەقپە قىلىش، يېتىملەرگە ۋە تۇل كىشىلەرگە ئىگە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ وَاسْمَعُوا وَأَطِيعُوا وَأَنْفِقُوا خَيْرًا لِأَنْفُسِكُمْ وَمَنْ يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: « تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أَنْفَقْتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «(ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر» [سۈرە سەبا 39-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر » [سۈرە مۇزەممىل 20-ئايەت].
ئەدى ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار يېرىم تال خورما بىلەن بولسىمۇ دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىشقا قادىر بولالىسا شۇنداق قىلسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 1347-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1016-ھەدىس. ھەدىسنىڭ لەۋزى مۇسلىمغا ئائىتتۇر].
سەھەل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ۋە يېتىمگە ئىگە بولغان كىشى جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن بولىمىز دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى بىر ئاز ئاچتى» [بۇخارى رىۋايىتى 4998-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2983-ھەدىس].
بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ لەۋزىگە يېقىن.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تۇل ئاياللار ۋە پىقىر-مىسكىنلەرنىڭ ئىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلار ئاللاھ يولىدا چىققان مۇجاھىدقا ياكى كېچىسى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزدە روزا تۇتقان ئابىدقا ئوخشاشتۇر» [بۇخارى رىۋايىتى5038-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2982-ھەدىس].
6-جازانە، قىمار ۋە سودا-سېتىقتا ساختىپەزلىك قىلىش ھارام بولىدۇ.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ. فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُؤُوسُ أَمْوَالِكُمْ لا تَظْلِمُونَ وَلا تُظْلَمُونَ تەرجىمىسى: «ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار، ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر. ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر» [سۈرە بەقەرە 278-279-ئايەتلەر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار» [سۈرە مائىدە 90-ئايەت].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بازاردا بىر دۆۋە ئاشلىق يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئاشلىقنىڭ ئارىسىغا قولىنى تىقىپ باققان ئېدى، قولى نەم بولۇپ چىقتى، ئاشلىق ئىگىسىدىن: بۇ نېمە ئىش؟ دەپ سورىغان ئېدى، ئاشلىقنىڭ ئىگىسى: يامغۇردا قاپتىكەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن ئۇنى ئاشلىق ئۈستىدە قىلساڭ بولمامدۇ؟، كىم ساختىپەزلىك قىلىدىكەن مېنىڭ يولامدا ئەمەس» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 102-ھەدىس].
مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ تېپىلىشى ۋە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقىلىشى، ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ھەقسىزلىك ئېلىشى سەۋەبىدىن كىشىلەر مال-مۈلۈكلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى بۇنداق ئىشلارنى ھارام قىلىپ دەلىل بايان قىلدى.
7-ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، ئاجىزلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
نۇمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىنلەرنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىشى، مېھرى-شەپقەت قىلىشى ۋە كۆيۈنىشىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، بەدەندىن بىر ئەزا دەرت تارتىپ قالسا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئەزا دەرت تارتىدۇ، خۇددى قىزىتما ۋە ئۇيقۇسىزلىققا ئوخشاش». [بۇخارى رىۋايىتى5665-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2586-ھەدىس].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزى تويۇنۇپ خوشنىسى ئاچ قالغان كىشى ھەقىقى مۇسۇلمان ئەمەس». بەيھەقى "شۇئەبۇل ئىماندا" 9251-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنى باشقا ئالىملارمۇ رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن].
يەھيا ئىبنى سەئىدتىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى گۆش كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ھالەتتە ئۈچرىتىپ: كۆتۈرىۋالغىنىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! كۆڭلىمىز گۆش تارتىپ بۇ گۆشنى بىر دىرھەمگە سىتىۋالدىم دېدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ قورسىقىنى تويدۇرۇپ خوشنىسى ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلى بىلەن كارى يوق يۇرۇشنى خالامدۇ؟ سىلەر بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىدىن قەيەردە قالدىڭلار دېدى: أَذْهَبْتُمْ طَيِّبَاتِكُمْ فِي حَيَاتِكُمْ الدُّنْيَا وَاسْتَمْتَعْتُمْ بِهَا تەرجىمىسى: «كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن ئېيتىلىدۇ): «سىلەر لەززەتلىرىڭلارنى ھاياتىي دۇنيادا بەھرىمەن بولۇپ تۈگەتتىڭلار، سىلەر زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە چوڭچىلىق قىلىپ، ئىماندىن باش تارتقانلىقىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن، بۈگۈن خار قىلغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» [سۈرە ئەھقاپ سۈرىسى 20-ئايەت].
مۇئەتتا ئىمام مالىك رىۋايىتى 1742-ھەدىس.
بۇ نامراتلىق ھەقىقىتىدىن بولغان بىر كۆرۈنۈشتۇر، بۇنىڭغا ئۇنىڭ بەزى ناچار تەسىرىگە ئىشارەت بار، مۇسۇلمان بايلىق، كەمبەغەللىك، بىر نەرسىگە ئېرىشىش ۋە مەھرۇم قىلىشنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، قىيىنچىلىق يەتكەندە سەۋېر قىلىدۇ، كەڭىرچىلىككە ئېرىشكەندە ئاللاھ تائالاغا رەھمەت، تەشەككۇر ئېيتىدۇ، لېكىن مۇسۇلماننىڭ ئۆزىدىن ۋە ئائىلىسىدىن نامراتچىلىقنى يوق قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە كەسىپ قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر بەدىنى ياكى شەھرىدىكى ۋەزىيەت سەۋەبىدىن ئاجىز كەلسە ئىسلام بايلارنىڭ زاكىتى ۋە سەدىقىسى ئارقىلىق ئۇ كىشىدىن نامراتلىقنى كۆتۈرۋېتىدۇ، بۇ بايلارنىڭ مېلىدىكى كەمبەغەلنىڭ ھەققىدۇر.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.