چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدار ھالەتتە چىشى ئاغرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن چىشىنى ئالدۇرىۋەتكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن روزىدار ھالەتتە ئېزىق چىشىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن چىش دوختۇرغا باردىم، دوختۇر چىشىمنى تارتىپ ئىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، چىشىم ئاغرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەنمۇ روزامنى بۇزىۋەتتىم، بۇ قانداق بولىدۇ؟ مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   روزىدار كىشىنىڭ  چىشىنى ئالدۇرۋېتىشى ياكى زاماسكىلاتتۇرىشى توغرا بولىدۇ، ھەتتا شۇ ئورۇننى مەس قىلسىمۇ، ئىشلىتىلگەن دورا ياكى قان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلانسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ،  بۇنىڭ ئۈچۈن 13767 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ھېچ ئىش بولماستىن روزىنى بۇزۇۋېتىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن بەك ئاغرىپ كەتسە، دورا ئېچىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا ياكى قان كۆپ چېقىپ كېتىپ بەدەن ئاجىزلاپ كەتسە ئۇ ۋاقىتتا روزىسىنى بۇزسا بولىدۇ.

    سىز پەقەت چىشىڭىزنى تارتىپ ئالدۇرىۋېتىمەن دەپلا روزىڭىزنى بۇزۇۋېتىپ خاتا قىلىپسىز، سىز بۇ ئىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭ، شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىڭ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار