بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئوغرىلانغان نەرسىنى ھەتتا كاپىردىن ئوغرىلانغان بولسىمۇ سېتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئەينەن ھارام بولغان مالدۇر، بۇ مالغا ھېچ كىشىنىڭ سېتىۋېلىش ياكى ھەدىيە يا مىراس يولى بىلەن بولسىمۇ ئىگە بولىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ.
سېتىۋالىدىغان نەرسىنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىنى بىلگەن كىشى ئوغرىغا تەنبىھ بېرىپ ئۇنى تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇپ، مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك بولىدۇ ياكى شۇ مالنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ياكى ئۇلارنىڭ مېلى ئوغرىلانغان ئورۇنغا بېرىپ خەۋەر قىلىپ قويۇشى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەۋەر قىلىپ قويۇشى كېرەك.
مالنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ، ئۇ تەۋبە قىلىشى كېرەك، تەۋبىسىنىڭ تامامىدىن ئۇ مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، مالنى ساتقان كىشىدىن پۇلىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك.
ئوغرىدىن بىر نەرسە سېتىۋېلىش گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ياردەم بەرگەنلىك، ئوغرىنى يەنە ئوغرىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەبدۈرگەنلىك، مۇنكەر ئىشنى ئىنكار قىلىشنى تەرك قىلغانلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك سودىنىڭ توغرا بولۇشنىڭ شەرتلىرىدىن ساتقۇچىنىڭ ساتقان مالنىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولىشى، ئەگەر مال ئوغرىلانغان بولسا، ئۇ كىشى مالنىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولمايدۇ بۇنىڭ بىلەن سودا بىكار بولىدۇ.
ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پەتىۋالىرىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز:
1-شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمان كىشى باشقىلاردىن ھەقسىز ئېلىۋېلىنغان ۋە تاپشۇرۇپ ئىلىش توغرا بولمىغان يوللار بىلەن تاپشۇرۇپ ئىلىنغان مالنى بىلسە، بۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ئۇ مالنىڭ ئوغرىلانغان ماللىقىنى، ئامانەتكە خىيانەت قىلىنغان مال ياكى باشقىلاردىن بۇلاپ ئېلىنغان مال ئىكەنلىكىنى بىلسەم، ئۇنى بۇلاڭچىنىڭ قولىدىن بىر نەرسە بەرمەي كۈچ بىلەن ئېلىۋالىمەن، ماڭا ئۇ مالنى بۇلاڭچىدىن ھەدىيە ياكى ئالماشتۇرۇش ياكى ئىش ھەققى ياكى كىراغا ھېسابلاپ ئېلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئۇ زۇلۇم قىلىنغان كىشىنىڭ مېلىنىڭ دەل ئۆزىدۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29 -توم323 -بەت.]
2-شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر تاتارلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ماللىرىنىڭ خەلقتىن بۇلاپ-تالاپ ئالغان مال ئىكەنلىكى بىلىنسە، ئۇ مالنى ئۇلاردىن سېتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن مالنى قۇتقۇزۇپ يوللۇق ئىشلارغا سەرپ قىلىش مەقسىتىدە سېتىۋالغان بولسا، مۇمكىن بولسا مالنى ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ ئەگەر مۇمكىن بولمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ". [ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29 -توم 276 -بەت.]
3-سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان سېتىشقا قويۇلغان مالنىڭ ئوغرىلانغان ياكى بۇلانغان مال ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلسا ياكى ئۇ مالنى ساتىدىغان كىشىنىڭ شەرئى جەھەتتە ئۇ مالغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ شەرئى ۋەكىلىمۇ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلسە، بىلگەن كىشىگە ئۇ مالنى سېتىۋېلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا گۇناھ-مەسىيەت ۋە دۈشمەنلىككە ياردەم بېرىش بولىدۇ. مال ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىگىسىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ، بۇنىڭدا يەنە ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىش، مۇنكەر ئىشنى ئېتىراپ قىلىش، گۇناھتا ئۇ كىشىگە ھەمكارلىشىش بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار». [سۈرە مائىدە 2 -ئايەت.]
شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋارنىڭ ئوغۇرلانغانلىقى ياكى بۇلانغانلىقىنى بىلگەن كىشى ئوغرىنى ئوغۇرلۇقتىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ھېكمەت بىلەن، مۇلايىملىق بىلەن چىرايلىق نەسىھەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر نەسىھەت ئاڭلىماي جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرسا، جىنايەتچىگە مۇناسىپ جازا بېرىشى، ھەقنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىلدۈرۈش كېرەك. بۇمۇ ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىشتۇر، بۇنداق قىلغاندا زالىمنى زۇلۇمدىن قايتۇرغىلى ۋە زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قىرىندىشىڭ زالىم بولسۇن ياكى زۇلۇم قىلىنغۇچى بولسۇن ياردەم بەرگىن دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! زۇلۇم قىلىنغۇچىغىغۇ ياردەم بىرەمىز، زالىمغا قانداق ياردەم بېرىمىز؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: زالىمنىڭ قولىنى تۇتىۋالغىن، دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].
يەنە بىر رىۋايەتتە: «بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! زۇلۇم قىلىنغۇچىغىغۇ ياردەم بىرەمىز، زالىمغا قانداق ياردەم بېرىمىز؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن توسقىن، بۇ ئۇ كىشىگە ياردەم بەرگىنىڭ بولىدۇ دېدى».
شۇنىڭغا ئاساسەن: زالىمغا ياردەم بېرىش ئۇنى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ۋە دۈشمەنلىك قىلىشتىن چەكلەش بىلەن بولىدۇ، زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ياردەم بېرىش بولسا، مۇمكىن بولسا ئۇنىڭغا ھەققىنى قايتۇرۇپ ئېلىشىغا تىرىشچانلىق قىلىش، زالىمنى ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشتىن چەكلەشتۇر، بۇ پەرز كۇپايە بولىدۇ. (يەنى بەزىلەر ئادا قىلسا قالغانلاردىن ساقىت بولىدۇ.) ئەگەر بۇ ئىشنى قىلىدىغان رەسمى بېكىتىلگەن كىشى بولمىسا ياكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان كىشىنى چەكلەيدىغان ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بىر كىشى بولمىسا، زالىمنى زۇلمىدىن قايتۇرۇش ۋە جىنايىتىدىن ياندۇرۇش ئۇ كىشىگە يۈكلىنىدۇ، ئۇ كىشى كۈچىنىڭ يېتىشچە مۇلايىملىق، چىرايلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ياكى مۇناسىپ ۋاسىتىلەر بىلەن تىرىشچانلىق قىلسۇن، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ خالىسا كاتتا ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ".
پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئالى شەيخ، شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان، شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 13 -توم 82-83 -بەتلەر].
شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: "ماڭا بىرسى بىر مالنى كۆرسەتتى، ماڭا ئۇ مالنىڭ ئوغرىلانغان مال ئىكەنلىكى ئايان بولدى، لېكىن ماڭا مالنى كۆرسەتكەن كىشى ئوغۇر بولماستىن بەلكى ئۇ كىشى مالنى ئوغرىدىن سېتىۋالغان بىرىدىن سېتىۋاپتۇ، مەن بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇ مالنى سېتىۋالسام، گەرچە ئۇ مالنىڭ ئوغرىلانغان ئىگىسىنى بىلمىسەممۇ گۇناھكار بولىمەنمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "شەرئى دەلىلەردىن ئايان بولغىنى: سىزگە ئۇ مالنىڭ ئوغرىلانغان مال ئىكەنلىكى ئايال بولغان بولسا ياكى شۇنداق ئىشەنچ قىلغان بولسىڭىز، سىزنىڭ ئۇ مالنى سېتىۋېلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ تەرجىمىسى: «گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» [سۈرە مائىدە 2 -ئايەت].
سىز ئۇ مالنى ساتقۇچىنىڭ شەرئى تەرەپتىن مالنىڭ ھەقىقى ئىگىسى ئەمەسلىكى ياكى ئۇ مالنى سېتىشقا رۇخسەت قىلىنغان كىشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ باشقىلارغا زۇلۇم قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ مېلىنى ھەقسىز ئېلىۋالىسىز؟، شۇنداق، ئەگەر زالىمنى جازالاپ، مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ بىلەن ئېلىۋېلىش مۇمكىن بولمىسا، مالنى قۇتقۇزۇپ ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇش ئىمكانى بولسا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق قىلىش «قىرىندىشىڭ زالىم بولسۇن ياكى مەزلۇم بولسۇن ياردەم بەرگىن» دېگەن ھەدىسنىڭ ھۆكمى بىلەن ۋاجىپ بولىدۇ. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 19 -توم 92 -بەت.]
ئىككىنچى: ئەمما مالنى ئاتىڭىزدىن ئالسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئارىلىشىپ كەتكەن مال بولىدۇ، بۇنىڭدا ھالالمۇ بار، ھاراممۇ بار، بۇنداق نەرسىنى ئىلىم-سېتىم قىلىش، ھەدىيە بېرىش ۋە قەرز بېرىش قاتارلىق ئىشلار دۇرۇس بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ جازانە يەيدىغان، ھارام مال توپلايدىغان يەھۇدى بىلەنمۇ مۇئامىلە قىلغان.
ئەگەر سىزنىڭ ئاتىڭىزدىن ئالغان مال، ئوغرىلانغان مالنىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالسا، بۇ ئاتىڭىز ئۈچۈنمۇ ۋە سىز ئۈچۈنمۇ ھالال بولمايدۇ، سىز ئاتىڭىزغا ھالالنى تاللاپ، ھارامدىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىڭ، ھارامدىن غىزالانغان جىسىمغا دوزاخ لايىقتۇر. ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئۆزىنىڭ ھالال نەرسىلىرى بىلەن ھارامدىن بىھاجەت قىلىشنى ۋە ئۆز پەزلى بىلەن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلىشنى سورايمىز.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.