گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئاسىيلىق قىلغۇچىغا تەسىرى بولامدۇ؟

3

سوئال 9047

ئاپام بىزگە مەن خاتالىق سادىر قىلدىم، بۇنىڭ ئائىلىمىزگە تەسىرى بولىدۇ دەيتتى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئائىلە قىيىن شارائىتتا ياشىدى، پۇل-ماللىرى ئوغۇرلاندى، نۇرغۇن جازا ئۆتىدى، بۇ ئاپامنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىنمۇ؟، بۇنداق دىيىش توغرا بولامدۇ؟، ئاللاھ تائالا ئانىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى جازالامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىنسان باشقىلارنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن جازالانمايدۇ، ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقى سەۋەبىدىن جازالىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ولا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخرى تەرجىمىسى: «ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ»[سۈرە پاتىر 18-ئايەت].

لېكىن ئاتا-ئانا خاتالىق سادىر قىلغان بولسا، بۇ ئائىلىدىكىلەرنى بۇنىڭغا ئەگەشتۈرىدىغان ۋاسىتە بولىدۇ. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"2-توم 610-بەت].

لېكىن بەزى ۋاقىتتا خاتالىقنىڭ زىيىنى خاتالىق سادىر قىلغۇچىدىن ئائىلىسىدىكى بەزى كىشىلەرگە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ كىشىگە جازا، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئىمتىھان-سىناق بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئىنساننى خاتالىقىغا كاپارەت بولىشى ئۈچۈن تۈرلۈك مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدۇ، بەزى كىشىلەرنى نېمەت بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ونَبْلوكُم بالشَّرِ والخيْرِ فتْنَة تەرجىمىسى: «سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز» [سۈرە ئەنبىيا 35-ئايەت].

ھەرقانداق ھالەتتە مۇسۇلمان ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئازابى چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشى ۋاجىپ بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئەقىيدە

مەنبە: 

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

App StoreGoogle Play