3,946

شەۋۋالنىڭ ئېيىدىكى ئالتە كۈنلۈك روزىنى ھەر يىلى تۇتۇش كېرەكمۇ؟

سوئال: 7865

شەۋۋال ئېيىدىكى ئالتە كۈنلۈك روزىنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر كىشى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالدى ياكى مەلۇم بىر چەكلىمىگە ئۇچرىدى ياكى ھورۇنلۇق سەۋەبىدىن بىر يىلى بۇ روزىنى تۇتمىغان بولسا، ئۇ كىشى گۇناھكار بولامدۇ؟ چۈنكى بىز بىر قېتىم شەۋۋال ئېيىدىكى روزىنى تۇتسا بۇ روزا شۇ كىشىگە ۋاجىپ بولىدۇ، تەرك قىلمايدۇ؟ دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھېيت كۈنىدىن كېيىن شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇش سۈننەت بولۇپ، بىر قېتىم ياكى بىر قانچە قېتىم شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتقان كىشى ئۈچۈن بۇ روزىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋاجىپ ئەمەس، شۇنىڭدەك تۇتالماي قالغان كىشىمۇ گۇناھكار بولمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ياخشى ئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مەرجەلەر

مەنبە

"دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 10-توم 391-بەت

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android