پايچېكى دېگەن: ئۇ، پايچېكى شىركىتىنىڭ پايچېكىدىكى شېرىكىنىڭ ئۈلۈشىدۇر. شۇنىڭدەك، پايچېكى شېرىكنىڭ تىجارەتتىكى ھەققىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتتۇر. "پايچېكى ۋە چەك" 47-بەت، ۋە "ئىقتىسادى ۋە سىتاتىستىكا ئاتالغۇلىرى مەجمۇئەسى" 775-بەتكە قارالسۇن.
پايچېكى دېگەن شىركەتنىڭ پايدىسىدىن چىققان مەلۇم بىر قىسىمدۇر، بۇ شىركەتنىڭ ئالىدىغان پايدىسىنىڭ زىيادە بولىشى بىلەن زىيادە بولىدۇ، كېمىيىشى بىلەن كېمىيدۇ، شىركەتنىڭ زىياندىن بولغان نېسىۋېسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، چۈنكى پايچېكىنىڭ ئىگىسى بولسا شىركەتنىڭ پايچېكى مىقدارىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ئىگىسىدۇر.
پايچېكىنىڭ قىممىتى: پايچېكىنىڭ قىممىتى تۈرلۈك شەكىلدە بولىدۇ:
1-قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى: شىركەتنى قۇرغاندا پايچېكى ئۈچۈن بىكىتىلگەن قىممەت بولۇپ، بۇ پايچېكى گۇۋانامىسىگە يېزىلىدۇ.
2-يازما قىممىتى: ئۇ شىركەت قەرزنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ۋە ئەسلى مۇلكىنى تارقىتىلغان پاي سانىغا تەقسىم قىلغاندىن كېيىنكى پايچېكىنىڭ قىممىتىدۇر.
3-پاينىڭ ئەمەلىي قىممىتى: ئۇ ئەگەر شىركەتنىڭ ھېسابى ئېنىقلانسا ۋە ئۇنىڭ مۇلكى پاي سانىغا كۆرە تەقسىم قىلىنسا، بۇ پاينىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغان مالىيە قىممىتىدىن ئىبارەتتۇر.
4-پاينىڭ بازاردىكى قىممىتى: بۇ پايچېكىنىڭ بازاردا سېتىلىدىغان قىممىتى بولۇپ، بۇ سېتىشقا چىقىرىش ۋە خىرىدارلارنىڭ تەلەپ قىلىشى ھالىتىگە كۆرە ئۆزگىرىدۇ.
پايچېكىمۇ ئىنسانلارنىڭ تىجارەتكە ۋاستە قىلىدىغان ئىلىم-سېتىم ئارقىلىق پايدىنى تەلەپ قىلىدىغان بەزى تاۋارلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ مۇئامىلە قىلىنىشنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئىلگىرى 8590- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا شىركەتلەر ھارام قىلىنغان تىجارەتلەرنى قىلمىغان مۇددەتچە ئۇ شىركەتنىڭ پايچېكىنى ئىلىپ-سېتىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
شىركەت پايلىرىنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيدۇ؟.
شىركەتكە پاي قوشقانلارنىڭ بەزىسى پايچېكىنى پايدا ئېلىش مەقسىتى بىلەن تىجارەتكە ئېشلىتىدۇ، بەزىلەر ئۇنى تىجارەتكە ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ پايدىسىدىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان نەرسىگە قانائەت قىلىدۇ.
ئەمما بىرىنچى قىسمى: پايچېكى تىجارەت ماللىرى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنسا، پايچېكى بازىرىدا ئىلىم-سېتىم قىلىنسا، ئۇنىڭ ھۆكمى تىجارەت ماللىرىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدىكى قىممىتى ھېسابى بويۇنچە زاكات ئايرىلىدۇ.
ئىككىنچى قىسمى: ئالىملار ۋە يېڭى دەۋرىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدا پەرقلىق قاراشتا بولدى، بۇ مەسىلىدە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىككى يۆلىنىشى بار:
بىرىنچى يۆلىنىش: شىركەتنىڭ پائالىيتىگە قارىماستىن ئۇنى تىجارەت ماللىرى دەپ ئېتىبارغا ئېلىش.
ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: "پايچېكىنىڭ ئىگىسىمۇ ھەرقانداق تىجارەتچى ئۆزىنىڭ مېلىدىن پايدا ئالغاندەك پايدا ئالىدۇ، مۇشۇنى ئېتىبارغا ئېلىش بىلەن بۇ تىجارەت ماللىرىدىن ھېساپلىنىدۇ.
بۇ سۆزنىڭ ئاساسى: ھازىر زاكات كېلىدىغان سانائەت ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماشىنىلىرىغا قۇرۇلغان، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆسىدىغان مەبلەغ دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.
بۇ مۇھەممەد ئەبۇ زۆھرە، ئابدۇراھمان ئىبنى ھەسەن ۋە ئابدۇۋاھاپ خەللاپ قاتارلىق ئالىملارنىڭ سۆزىنىڭ قۇرۇلمىسىدۇر.
ئىككىنچى يۆلىنىش: بۇ پايچېكىگە ھۆكۈم بېرىشتە: شىركەتنىڭ تارقاتقان پايچېكىنىڭ تۈرى بويىنچە ئايرىم ھۆكۈم بېرىش كېرەك.
بۇ يېڭى دەۋرىدىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇلار بەزى تەپسىلاتلار توغرىسىدا ئۆز ئارا ئىختىلاپ قىلسىمۇ ئەمما يۇقىرىدىكى ئۇلارنىڭ ئورتاق قارىشىدۇر.
شىركەتنىڭ پايچېكىنى تۆت تۈرگە ئايرىش مۇمكىن بولىدۇ:
بىرىنچى: بوياق شىركەتلىرى، مېھمانخانا ۋە تىرانسىپورت شېركەتلىرى قاتارلىق تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ساپ سانائەت شىركەتلىرى، بۇ شىركەتلەرنىڭ پېيىغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ، چۈنكى بۇ پايچېكىنىڭ قىممىتى ماشىنىلار، ئۈسكىنىلەر، بىنالار، ئۇنىڭ سەرەمجانلىرى قاتارلىق سودىنى جانلاندۇرۇشنى شەكىللەندۈرىدىغان نەرسىلەرگە قويۇلغان بولۇپ، زاكات مۇشۇ پايچېكىدىن چىققان پايدىدا بولىدۇ، يەنى ئالغان پايدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ ئۇنىڭغا بىر يىل توشقاندا بولىدۇ.
ئىككىنچى: ساپ تىجارەت شىركەتلىرى.
ئۈچىنچى: تىجارەت قىلىدىغان سانائەت شىركەتلىرى.
ئەمما ساپ تىجارەت شىركەتلىرى بۇ ئىمپورت ۋە ئىكىسپورت شىركەتلىرىگە ۋە چەتئەلگە مال چېقىرىدىغان شىركەتلەرگە ئوخشاش يۆتكەش ئىشلىرىنى قىلماستىن تاۋارلارنى ساتىدۇ ۋە سېتىۋالىدۇ.
تىجارەت قىلىدىغان سانائەت شىركەتلىرى. ئۇ تىجارەت بىلەن سانائەت بىرگە جۇغلىغان شىركەتلەر بولۇپ، ئۇلار خام ماتىرياللارنى چېقىرىدۇ ياكى خام ماتىرياللارنى سېتىۋېلىپ ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئاندىن ساتىدۇ، بۇ نېپىت شىركىتى، توقۇمىچىلىق شىركەتلىرى تۆمۈر، ئاليۇمىن شىركەتلىرى ۋە خىمېيۋىيلىك ماتىرياللار شىركىتى قاتارلىقلار.
ساپ تىجارەت شىركەتلىرى ۋە تىجارەت قىلىدىغان سانائەت شىركەتلىرىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈرلۈك شىركەتنىڭ شىركەت ئىگە بولغان ماشىنا، ئۈسكۈنىلەر، تۈرلۈك ئىشلەپ چېقىرىش سايمانلىرى، قۇرۇلۇش قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى چېقىرۋەتكەندىن كېيىنكى پايلىرىغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ.
ماشىنا، ئۈسكۈنىلەر، تۈرلۈك ئىشلەپ چېقىرىش سايمانلىرى، قۇرۇلۇشلارنىڭ ساپ قىممىتىنى شىركەتنىڭ ھەر يىلى ھېساپلايدىغان خامچوتىغا قاراش بىلەن بىلگىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى: زېمىنغا زىرائەت تېرىش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىخانچىلىق-زىرائەت شېركەتلىرى.
بۇ شىركەت زىرائەت بىلەن مېۋىلەردىن ئېلىنغان مەھسۇلات زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە زاكات بېرىدۇ، زىرائەت ۋە مېۋىلەرنىڭ ھەر بىر ئۈلۈشىگە نېمە باراۋەر كېلىدىغانلىقىغا قارايدۇ، پايچېكىنىڭ ساھىبىغا ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ، زىرائەتلەر قېيىنچىلىقسىز-چېقىمسىز سۇغۇرۇلغان بولسا، چىققان مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بېرىنى بېرىدۇ، ئەمما زىرائەتنى چېقىم بىلەن، قېيىنچىلىق بىلەن سۇغارغان بولسا، يىگىرمىدىن بىرىنى بېرىدۇ، بۇنىڭ شەرتى پاي قوشقان كىشىنىڭ ئالىدىغان نېسىۋىسى 900 يۈز كىلۇ ئەتراپىدا بولىشى كېرەك.
بۇ يۆلىنىشنىڭ قۇرۇلمىسى: كىرىم قىلىدىغان زاۋۇت، بىنالار مېھمانخانا ۋە ماشىنىلارغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئۆزىگە زاكات كەلمەيدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن چىققان پايدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ ئاندىن بىر يىل توشسا ئۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ دېگەن قاراشقا ئاساسەن بولغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى 74987 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.
ئىككىنچى قاراش توغرا قاراشتۇر، چۈنكى پايچېكى دېگەن شىركەتنىڭ بىر قىسمىدۇر، شىركەت تىجارەت ياكى زىرائەت ياكى سانائەت شىركىتى بولسۇن ئۇنىڭ ئۈچۈن زاكاتتا شىركەتنىڭ ھۆكمى بولىدۇ.
شەيخ ئابدۇراھمان ئىسا ئۆزىنىڭ "يېڭىدىن پەيدا بولغان مۇئامىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى" ناملىق كىتابىدا، شەيخ ئابدۇللاھ بەسسام ۋە د. ۋەھبەتۇز زۇھەيلى" پىقھى مۇجەممەسى ژورنىلىدا" (742/4 ) مۇشۇ قاراشقا بارغان.
شەيخ ئابدۇللاھ بەسسام تىجارەت شىركەتلىرى بىلەن سانائەت شىركەتلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغان، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. "پىقھى مۇجەممەسى ژورنىلى" (742/1/4 ).
دىققەت: شۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرۈركى: سانائەت شىركەتلىرى ياكى زىرائەت شىركەتلىرىنىڭ خەزىنىلىرى نەخ مالدىن يەنى پۇلدىن خالى بولمايدۇ، بۇ ماللارغا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشىدا ھېچ مەسىلە يوق، مۇشۇ نەخ پۇلدىن ھەر بىر پايچېكىنىڭ باراۋېرىدىكى مىقدارى بېكىتىلنىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ ئۆزى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ياكى بۇ ساھىبىنىڭ يېنىدىكى باشقا ماللار بىلەن قېتىلىپ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ساھىبى بۇنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ. د. ئەلى ساۋىسمۇ شۇنداق دېگەن "پىقھى مۇجەممەسى ژورنىلى" (849/1/4 ).
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىنسان تىجارەت ئۈچۈن پايچېكى سېتىۋالسا، يەنى بۈگۈن ئېلىپ ئەتىسى پايدا چىقسا ساتسا، ئۇ كىشىگە ھەر يىلى بۇ چەكنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان پايدىنىڭ زاكىتىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.
ئەمما بۇ پايچېكىنىڭ ئۆستۈرۈش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئالغان بولسا، سېتىشنى مەقسەت قىلمىسا بۇنىڭغا قارىلىدۇ، ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، قەغەز پۇل قاتارلىق نەرسىلەر بولسا، ئۇنىڭ زاكىتىنى بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئالتۇن، كۈمۈش، قەغەز پۇل قاتارلىق نەخ ماللارنىڭ ئۆزىگە زاكات بېرىلىدۇ، ھەرقانداق ھالەتتە ئۇنىڭ زاكىتى بېرىلىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا شىركەتنىڭ مالىيە مەسئۇللىرىدىن ئۆزىنىڭ خەزىنىدىكى ماللىرىدىن بارمۇ بۇنى سورايدۇ، ئەگەر خەزىنىدە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە نەخ پۇل قاتارلىق نەرسىلەر بولمىسا باشقا نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ، ھەقىقەتەن زاكات ئۇنىڭدىن چىققان پايدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىپ ئۇنىڭغا بىر يىل توشقاندا ئاندىن زاكات كېلىدۇ". "ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 18-توم 199-بەت.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: بىز شىركەت ئۈچۈن پايچېكى سېتىۋېلىشقا پاي قوشقان ئىدۇق، بىلىشىمىزچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ بەزىسى: بىزگە پايدىنى تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن مالدىن شەرئى زاكاتنى ئايرىۋېتىدۇ، بەزى شىركەتلەر شەرئى زاكاتنى ھېساپلىمايدۇ، زاكات ئاساسلىق مەبلەغكە كېلەمدۇ ياكى بۇ شىركەتلەرنىڭ پايدىسىغا كېلەمدۇ؟ بىلىشىمىزچە: مەبلەغ سېلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
ئا-پەقەت پايدىنى تاپشۇرۇپ ئىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، پايچېكىنى سېتىشنى مەقسەت قىلمايدۇ.
ب- يەنە بىرى: پايچېكىنى تىجارەت ماللىرىغا ئوخشاش سېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "سېتىش ئۈچۈن تەييارقىلغان پايچېكىگە ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان پايدىغا ھەر يىلى زاكات كېلىدۇ، ئەگەر شىركەت پايچەك ئىگىلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن زاكاتنى چېقارغان بولسا ئۇ كۇپايە قىلىدۇ، ئەمما پەقەت كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغان پايچېكىدە، ئۇنىڭدىن چىققان پايدىغا يىل توشقاندىن كېيىن زاكات كېلىدۇ، ئەگەر سەرمايە نەخ پۇل بولىدىكەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغان ئالغان پايدىغا زاكات كېلىدۇ. ["دائىمى كومىتېت پەتىۋاسى" 9-توم 341-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: " بەزى تىجارەت ئورۇنلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇلىنى ئۆي-زېمىن ۋە باشقا تۈرلەرگە سەرپ قىلىدۇ، مەبلەغ سېلىنغان ئىقتىساد بىر قانچە يىل بۇ شىركەتنىڭ قولىدا قالىدۇ، بۇ مەبلەغنىڭ زاكىتى قانداق ئادا قىلىنىدۇ؟، ۋاقتى كەلگەندە، شىركەت ئىگىلىرى مۇشۇ ماللارنىڭ ھەممىسىنىڭ زاكىتىنى ئايرىسا توغرا بولامدۇ؟، ئاندىن زاكاتقا ئايرىغان بۇ پۇللارنى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ سەرمايىسىنىڭ ئۆزىدىن ياكى ئۇنىڭدىن چىققان پايدىنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى تۇتۇپ قالسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: " تىجارەتكە سالغان مەبلەغكە ھەر يىلى زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ تىجارەت ماللىرىنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ، ھەر يىلى زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ قىممىتى باھالىنىپ، ئۇنىڭ قىممىتى ئەسلى سېتىۋالغان قىممەتكە ئوخشاش بولسۇن ياكى زىيادە بولسۇن ياكى كەم بولسۇن ئۇنىڭدىن قىرىقتىن بىرنى يەنى 2.5 پىرسەن زاكات ئايرىلىدۇ.
ئەمما شىركەت ئىگىلىرىنىڭ بۇ مەبلەغنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ قويىشىغا كەلسەك: ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلار شىركەتنى بۇنىڭغا ۋەكىل قىلغان بولسا بولىدۇ، زاكاتنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويىنچە بېكىتىدۇ، ئەگەر زاكاتنى ئايرىشقا ۋەكىل قىلمىغان بولسا، زاكاتنى چىقارمايدۇ، لېكىن ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ پايچېكىنىڭ زاكىتىنى ئۆزى چېقىرىشى ئۈچۈن شىركەت مەسئۇللىرى مەبلەغ سالغۇچىلارغا پايچېكىنىڭ زاكات ۋاجىپ بولغان ۋاقىتتىكى قىممىتى بىلدۈرىدۇ، ياكى ئۇلار شىركەتنى زاكاتنى چېقىرىشقا ۋەكىل قىلىدۇ، ئۇلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بەزىسى ۋەكىل قىلىپ، بەزىسى ۋەكىل قىلمىسا، شىركەت ۋەكىل قىلغانلارنىڭ ماللىرىنىڭ زاكىتىنى چېقىرىدۇ، ۋەكىل قىلمىغانلارنىڭكىنى چىقارمايدۇ.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى: زاكاتنى چېقارسا، ئۇنى ئەسلى سەرمايىدىن ياكى ئۇنىڭدىن چىققان پايدىدىن تۇتۇپ قالىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 18-توم 217-بەت].
مۇشۇ سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: تىجارەت شىركەتلىرىنىڭ پايچېكى ۋە شۇنداقلا ساھىبى تىجارەت قىلىش ۋە پايدا ئىلىشنى مەقسەت قىلغان پايچېكىگە ئۇنىڭ ئەسلى قىممىتىگە ۋە ئالغان پايدىسىغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ.
سانائەت شىركەتلىرىنىڭ ئالغان پايدىسى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بۇنىڭغا بىر يىل توشسا ئۇنىڭغا زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، شىركەتنىڭ پايچېكىگە، شىركەت خەزىنىسىدىكى نەخ پۇلنىڭ باراۋېرىدىكى پايچېكىگە زاكات بېرىلىدۇ.
زىرائەت-دىخانچىلىق شىركەتلىرىدە زىرائەتتىن ۋە مېۋىدىن پايچېكىنىڭ باراۋېرىدىكى نەرسىگە زاكات كېلىدۇ. بۇنىڭ شەرتى: زاكات ۋاجىپ بولىدىغان تۈرلەر مەبلەغنىڭ ھېسسىسىدىن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىغان بولىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ 900 كىلۇ ئەتراپىدا بولىدۇ، شىركەتنىڭ خەزىنىسىدىكى نەخ پۇلدىن پايچېكىنىڭ باراۋېرىدىكى مىقدارغا زاكات ۋاجىپ بولىدۇ.
زاكات مەبلەغ سېلىنغان شىركەتكە ۋاجىپ بولامدۇ ياكى مەبلەغ سالغۇچىغىمۇ؟.
بەزى تەتقىقاتچىلار پايچېكىنىڭ زاكىتى شىركەتكە ۋاجىپ بولىدۇ دەيدۇ، ئۇلارنىڭ دەلىلى: مەبلەغ سېلىنغان شىركەت بولسا مۇستەقىل شەخسى شىركەت، بۇ مالنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، زاكات دېگەن مالغا ئالاقىدار تەكلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭدا بالاغەتكە يەتكەن بولۇش ۋە ئەقلى-ھۇشۇ جايىدا بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ دېگەندىن ئىبارەتتۇر.
بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: شىركەت گەرچە شەخسى بولسىمۇ، بۇ شەخسى زاكاتنىڭ ئۇنىڭغا ۋاجىپ بولىشىغا يارىمايدۇ، چۈنكى زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولۇش شەرتلىرىدىن: مۇسۇلمان بولۇش، ئەركىن بولۇش ،،، قاتارلىق شەرتلەر بولۇپ، شىركەت بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ.
ئاندىن شىركەتنىڭ مالغا بولغان ئىگىدارچىلىقى بولسا مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋاكالەتەن بولىدۇ، مالنىڭ ئەسلى ئىگىسى شىركەت ئەمەس بەلكى مەبلەغ سالغۇچىدۇر.
ئۇلارنى شىركەتنى چارۋا ماللارغا ئورتاق بولغۇچىلارغا قىياس قىلىپ، زاكات چارۋا ماللاردا مالنىڭ ھەممىسىگە ۋاجىپ بولىدۇ، ھەر بىر شىرىكنىڭ مېلىغا ئايرىم-ئايرىم ۋاجىپ بولمايدۇ دەيدۇ.
ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: جۇغلانغان ماللارغا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشىدا ئۇنىڭ مەنىسى مال ئەمەس، شىركەتكە ۋاجىپ بولىشىدا شىركەتنى شەخسى دەپ ئېتىبارغا ئىلىشتۇر، بۇنىڭ مەنىسى شىركەتنىڭ مېلىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە قېتىشتۇر، زاكاتنىڭ ھېسابى ھەر بىر كىشىنىڭ مېلىغا بولغانغا ئوخشاش.
كۆپچىلىك ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار زاكات مەبلەغ سالغۇچىغا ۋاجىپ بولىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى، بۇ توغرا قاراشتۇر. چۈنكى مەبلەغ سالغۇچى دېگەن مالنىڭ ھەقىقى ئىگىسىدۇر، شىركەت شىركەت نىزامنامىسىدە بايان قىلىغان شەرتلەرگە كۆرە، مەبلەغ ساھىبىغا ۋاكالەتەن پايچېكىدە تەسەررۇپ قىلغۇچىدۇر.
چۈنكى زاكات دېگەن ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا نىيەتكە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىبادەتتۇر، ئادا قىلغۇچىغا ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئادا قىلمىغۇچى جازالىنىدۇ، مەبلەغ سېلىنغان شىركەتتە بۇ ئىشلار تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ.
پايچېكىنىڭ زاكىتىنى شىركەت بېرەمدۇ ياكى پايچېكىنىڭ ئىگىسىمۇ؟ دېيىلسە:
ئەسلىدە پايچېكىنىڭ زاكىتىنى پايچېكىنىڭ ئىگىسى ئۆزى بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇنىڭ ئىگىسى، زاكاتنى ئايرىش ئۇنىڭغا بۇيرۇلغان، لېكىن شىركەت پايچېكى ئىگىلىرىگە ۋاكالەتەن زاكاتنى ئايرىۋەتسە بولىدۇ، "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى" مەبلەغ سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ تۆت تۈرلۈك ھالەتتە پايچېكىنىڭ زاكىتىنى ئايرىۋەتسە بولىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى:
شىركەتنىڭ ئاساسلىق نىزامنامىسىدە بۇ يېزىلغان ياكى ئومۇمى جەمئىيەت تەرەپتىن مۇشۇنداق قارار چېقىرىلغان ياكى دۆلەت قانۇنىدا شىركەتنىڭ زاكاتنى چېقىرىشىنى بېكىتكەن ياكى پايچېكى ئىگىسى ئۆزىنىڭ پايچېكىنىڭ زاكىتىنى چېقىرىشنى شىركەتكە تاپشۇرغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا شىركەتنىڭ زاكاتنى چېقىرىشى چەكلەنمەيدۇ". "پىقھى مۇجەممەسى ژورنىلى" (881/1/4 ).
پايچېكىنىڭ زاكىتىنىڭ مىقدارى:
شىركەتنىڭ پايچېكىنىڭ زاكىتىنىڭ مىقدارى 2،5 پىرسەن بولىدۇ، بۇنىڭ ئىگىسى بۇنىڭ بىلەن تىجارەتنى مەقسەت قىلغان بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن چېقىدىغان يىللىق پايدا بىلەن قانائەت قىلغان بولسۇن ئوخشاش، چۈنكى ئۇ تىجارەت مەقسىتى بىلەن بولسا، تىجارەت ماللىرىنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ، تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى قىرىقتىن بىر يەنى 2،5 پىرسەن بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن چېقىدىغان يىللىق پايدا بىلەن قانائەت قىلىدىغان بولسا، بۇ ئىجارىگە قويۇلغان زېمىنغا ئوخشاش بولىدۇ، زېمىننىڭ ئىجارىسىدىن ئېلىنىدىغان زاكاتمۇ قىرىقتىن بىر، 2،5 پىرسەن بولىدۇ.
پايچېكى ئۈچۈن يىلنىڭ ھېسابى قاچان باشلىنىدۇ؟.
تىجارەت شىركەتلىرىدىكى پايچېكى ياكى ئىگىسى ئۇنىڭدا تىجارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان پايچېكى، ئۇنىڭدىن چىققان پايدا يىل ئارىسىدا ئەسلىدىكى مەبلەغكە ئەگىشىدۇ، چۈنكى تىجارەتنىڭ پايدىسىغا يېڭىدىن يىل ھېساپلانمايدۇ، بەلكى ئەسلى مەبلەغ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، ئۇنىڭ يىلى ئەسلى مەبلەغنىڭ يىلىدۇر. ["ئەلمۇغنى" 4-توم 75-بەت].
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، تىجارەت ماللىرى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە نەخ پۇلغا سېتىۋېلىنغان بولسا، ئۇنى سېتىۋالغاندىن باشلاپ يېڭى يىل باشلانمايدۇ، مالنى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك پۇلغا سېتىۋالغان بولسا شۇ پۇلنىڭ يىلىغا قۇرۇلىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: شۇنى بىلىش كېرەككى، تىجارەت ماللىرىنىڭ يىلى ئۇنى سېتىۋالغاندىن كېيىن باشلانمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ يىلى ئەسلى مالنىڭ يىلىدۇر، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئەسلى مېلىڭىزدىن تىجارەت ماللىرىغا ئايلاندۇرغان پارچە پۇللاردۇر، ئۇنىڭ يىلى ئەسلى مالنىڭ يىلىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 18-توم 234-بەت].
تىجارەتنى مەقسەت قىلماي بەلكى يىللىق پايدا بىلەن قانائەت قىلىدىغان سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پايچەكلىرىدە، زاكات ئۇنىڭدىن ئالغان پايدىغا كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن: ئالغان پايدا زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشى ۋە بۇنىڭغا بىر يىل ئۆتىشى كېرەك بولىدۇ، ياكى ئۇنى ئۆزىنىڭ يېنىدا بار بولغان باشقا نەخ پۇللارغا قېتىش ئارقىلىق زاكىتىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ، يىلنى پايدىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋاقىتتىن باشلايدۇ. ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ قارارىمۇ شۇنداق. شەيخ ئابدۇللاھ بەسسام. "پىقھى مۇجەممەسى ژورنىلى" (772/1/4 ).
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى: زىرائەت شىركىتىنىڭ پايچەكلىرىدە، زاكات ۋاجىپ بولىدىغان زىرائەت ۋە مېۋىلەردە بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشى ئۈچۈن يىلنىڭ ئۆتىشى شەرت قىلىنمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَآتُوا حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ تەرجىمىسى: «مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، » [سۈرە ئەنئام 141-ئايەت]. "پىقھى مۇجەممەسى"23-توم 281-بەت.
ھەر بىر مەھسۇلاتنىڭ زاكىتى ئايرىم بېكىتىلىدۇ.
زاكات ئايرىش ئۈچۈن پايچېكىنىڭ قىممىتى قانداق ھېساپلىنىدۇ؟.
زاكات ۋاجىپ بولىدىغان پايچېكىلىرى بولسا (ئىگىسى ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ياكى تىجارەت شىركەتلىرىنىڭ پايچېكىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ) يىل ئاخىرىدا ئۇنىڭ بازاردىكى قىممىتى بويىنچە ھېساپلاپ زاكىتىنى ئايرىدۇ.
چۈنكى بۇ پايچەكلىرى بولسا تىجارەت ماللىرىنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، تىجارەت ماللىرىنىڭ قىممىتى يىل ئاخىرىدا باھالىنىدۇ، ئاندىن مۇشۇ قىممەت بويۇنچە ھېساپلاپ زاكىتىنى بېرىدۇ، پايچېكىنىڭ ئەسلى پۈتۈلگەن قىممىتىگە قارىمايدۇ.
ئەمما زاكات كەلمەيدىغان پايچەكلىرى بولسا، (ئۇ سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پايچەكلىرى بولۇپ) يىل ئاخىرىدا ئۇنىڭ باھاسىنى تۇرغۇزۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا زاكات پايچېكىگە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىن ئالغان پايدىغا كېلىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: پايچېكىنىڭ زاكىتى پايچېكىنىڭ ئەسلى قىممىتىگە بولامدۇ ياكى ھازىرقى بازاردىكى قىممىتىگە بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "پايچېكىگە ۋە تىجارەت ماللىرىغا زاكات ئايرىشتا، زاكاتنىڭ ھازىرقى بازاردىكى قىممىتىگە كۆرە بولىدۇ، ئەسلىدە پايچېكىنى مىڭ رىيالغا سېتىۋالغان بولۇپ، ھازىر بازاردا ئىككى مىڭ رىيال بولسا، ئىككى مىڭ رىيال قىممىتىگە زاكات بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى بىر نەرسىنىڭ سېتىۋالغان ۋاقتىدىكى قىممىتى ئەمەس بەلكى زاكات بېرىدىغان ۋاقىتتىكى قىممىتى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 18-توم 197-بەت].
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.