ساقلاش
  • New List
كۆپ
    ساقلاش
    • New List
4,24123/رجب/1434 , 02/ئىيۇن/2013

گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: 67745

ئاياللار سىرتقا چىققاندا باشقا يات ئادەملەرنىڭ كۆرۈشى ۋە پۇرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەتىر، زىبۇ-زىننەت، گۈزەللەشتۇرۇش بۇيۇملىرى ۋە كىيىم- كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

يۇقىرىدا سوئالدا زىكىر قىلىنغان بۇ تۈردىكى بۇيۇملارنى سېتىشنىڭ ھۆكمىدە تۆۋەندىكىدەكبىر نەچچە خىل تەپسىلى كۆزقاراشلارنى بايان قىلىمىز:

1- سىز بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالغۇچى خېرىدارلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى يات ئادەملەرگە گۈزەل كۆرۈنۇش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتسىڭىز دۇرۇس بولمايدۇ.

2- ئەگەر سىز بۇ بۇيۇملارنى ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن توغرا يولدا ئىستىمال قىلىدىغان خېرىدارلارغا ساتسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.

3- ئەگەر سىز ئۇ خېرىدارلارنىڭ مەزكۇر بويۇملارنى قايسى ھالەتتە ئىستىمال قىلىشىدىن خەۋەرسىز بولسىڭىز ئۇ ۋاقىتتىمۇ سېتىش دۇرۇس بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: ‫ئاياللارنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ بەزى دۆلەتلەردە ئومۇملىشىپ كەتكىنىدەكبۇ نەرسىلەرنى كوچىلاردا يات ئادەملەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قوللىنىشىنى بىلىپ تۇرۇپ (بەزى بويۇم ۋە كېيىم -كېچەكلەر خۇددى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا نامايەندە بولغىنىدەك ئىپادىلەپ بېرىدۇ) زىننەت ۋە گىرىم بويۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:ئەگەر تىجارەت قىلغان ئادەم خېرىدارلارنىڭ بۇ نەرسىلەرنى ئاللاھ چەكلىگەن يوللاردا ئىستىمال قىلىشىنى بىلسە سېتىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەملىشىش جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئەمما ئەگەر سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېرى ئۈچۈن ئىستىمال قىلىشىنى بىلسە ۋە ياكى ئۇنىڭ قايسى ھالەتتە ئىستىمال قىلىشىنى بىلمىسە، مانا بۇ ۋاقىتتا مەزكۇر نەرسىلەرنى سېتىش دۇرۇس بولىدۇ. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (13/ 67).

ھەممىنىڭ توغرىسىنىبىلگۈچىئاللاھدۇر.

مەنبە

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

يېزىق ھۆججەتلەرى

مەتن ھەرپى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىشنىڭ ھۆكمى - ئىسلامى سۇئال -جاۋاپ