رامىزاندا ئادەت ئون بەش كۈندىن ئاشسا بۇ يەنىلا ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ ياكى خۇن كېسىلى ھېسابلىنامدۇ؟

سوئال 65570

مەن ئايلىق ئادەتلىرىم تەرتىپلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتىمەن، ئايلىق ئادىتىم ئون كۈن ياكى ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتسە، مېنىڭ روزا تۇتۇپ، نامازنى ئادا قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەرىئەتتە ھەيزنىڭ ئەڭ ئاز ياكى ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى كەسكىن بېكىتىدىغان ئېنىق دەلىل يوق، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ھەيزنىڭ ئەڭ ئاز ياكى ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى ئېنىق كۈن بىلەن بەلگىلەيدىغان دەلىل بارمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " توغرا قاراشتا ھەيزنىڭ ئەڭ ئاز ياكى ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى ئېنىق كۈن بىلەن بەلگىلەيدىغان دەلىل يوق، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ‎وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيضِ وَلا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّى يَطْهُرْنَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق (يەنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرۇلۇق) سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەيز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيز مەزگىلىدە جىنسىي ئالاقە قىلىش ئەر ـ خوتۇن ھەر ئىككىسىگە زىيانلىقتۇر). شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە ئاياللىرىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھەيزدىن) پاك بولغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار»، بەقەرە سۈرىسى 222-ئايەت. ئاللاھ تائالا چەكلىمىنى مەلۇم كۈنلەر قىلىپ بېكىتمىدى، بەلكى چەكلىمىنىڭ ئاخىرىنى پاكلىق قىلدى، بۇنىڭغا كۆرە، ھۆكۈمنىڭ ئىللىتى-سەۋەبى (بىر نەرسە كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن)ھەيز قىلىندى، قاچان ھەيز تېپىلسا ياكى ھەيزدار بولسا ھۆكۈم ئىسپاتلىنىدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندا ھۆكۈممۇ يوق بولىدۇ، ئاندىن بۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەلۇم كۈنلەر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت زۆرۈر ئېھتىياج بولماقلىقى بىلەن، ئۇنىڭغا مۇئەييەن بىر ۋاقىتنى بېكىتىشنىڭ دەلىلى يوق، مۇبادا ئۇنىڭ ۋاقتى ياش ئۆلچىمى ياكى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مەلۇم ۋاقىت بىلەن بېكىتىلگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان بولاتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن: ھەر قانداق بىر ئايال ئاياللار ئارىسىدا ھەيز دەپ بىلىنىدىغان بىرەر قاننى كۆرسە، بۇ ھەيزنىڭ قېنى بولىدۇ، بۇ مەلۇم ۋاقىت بىلەن بېكىتىلمەيدۇ، لېكىن ئايالدىن كېلىدىغان بۇ قان ئۈزۈلمەي داۋام قىلسا ياكى ھەر ئايدا بىر-ئىككى كۈن ئەتراپىدا ئۈزۈلۈپ يەنە داۋام قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ قان ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) دېيىلىدۇ. "شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 271-بەت.

بۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ ئايلىق ئادىتىڭىز ئۈزۈلمەستىن ھەيزدىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭىز توغرا بولمايدۇ، پەقەت ئادەت تولۇق ئۈزۈلگەندە بولىدۇ، ھەيزنىڭ تولۇق ئۈزۈلگەنلىكى مۇنۇ ئىككى ئالامەتنىڭ بىرى بىلەن بولىدۇ: بىرى ھەيز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاق خۇننىڭ كېلىشى، يەنە بىرى: ھەيز كېلىدىغان ئورۇننىڭ تولۇق قۇرۇشى بىلەن بولىدۇ.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 5595 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئايالنىڭ رامىزاندىكى ئەھۋالى
ھەيز ۋە نىپاس

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android