ھاجەتخانىغا كىرگەندە ئۆزى بىلەن بىرگە مۇسھەپنى ئېلىپ كېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال: 6223

مەن دائىم قۇرئان ئوقۇپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن قەيەرگە بارسام قۇرئاننى ئېلىپ سومكامغا سېلىۋالىمەن، مەن سىرتتا بولۇپ ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولسام قانداق قىلىمەن؟، سومكامنى سىرتتا قويالمايمەن، بەلكىم بىرسى ئىلىپ كېتىشى مۇمكىن، قۇرئاننى كىتاپ سومكىسىغا سېلىپ ئۆزۈم بىلەن بىرگە ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرسەم توغرا بولامدۇ؟. ئامېرىكىدا ھاجەتخانا ۋە سۇخانىنىڭ دائىرىسى كەڭرىي، ھاجەت ئادا قىلىدىغان خاس ئورۇن بار، ئۇ ۋاقىتتا سومكامنى قەيەردە قويىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سومكىڭىزنى ھاجەتخانىنىڭ سىرتىدا قويۇش ئىمكانىيىتى بولسا، سىرتتا قويسىڭىز ياخشى بولىدۇ، ئەمما سىرتتا قويۇپ باشقىلارنىڭ ئوغرىلاپ كېتىشى ياكى يوقاپ كېتىشتىن ئەنسىرىسىڭىز، مۇسھەپنى سومكىغا سېلىپ ئۆزىڭىز بىلەن ھاجەتخانىغا ئېلىپ كىرىپ ھاجەت قىلىدىغان ئورۇندىن يىراقتا قويسىڭىز بولىدۇ، بۇ ئەڭ گۈزەل ۋە ياخشى بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android