خانىم-قىزلارنىڭ تىلۋىزۇردا چىققان ئەرلەرگە قارىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال 5395

تىلۋىزۇر كۆرۈش ھارام بولامدۇ؟، مەن تىلۋۇزۇردا خەۋەر كۆرۈپ ياكى باشقا بىر پىراگراممىلارنى كۆرۈپ تۇرسام، رىياسەتچى باشقا بىر پىرۇگراممىلارنى تەقدىم قىلىدۇ، خانىم-قىزلارنىڭ شەھۋەتسىز تەبىئىي ھالەتتە تىلۋىزۇردا چىققان ئەرلەرگە قارىشى ھارام بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشىگە ئۆزىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن سېرت پايدىسىز ئىشلاردىنمۇ ساقلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَٰئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا تەرجىمىسى: «كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە  (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى) نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ». [سۈرە ئىسرا 36 -ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نەزەر سىلىش-قاراش- ئىبلىسنىڭ-شەيتاننىڭ-ئوقلىرىدىن بىر ئوقتۇر».

تىلۋىزۇردا چىقىدىغانلار ئەر-ئاياللارنىڭ كۆپچىلىكى پاسىق، ئەقىلسىز، ساراڭلار بولۇپ، ئاساسەن مۇزىكا ۋە باشقا ھارام ئىشلاردىن خالى بولالمايدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراش ئومۇمى جەھەتتىن ئەيىبلىنىدۇ.   ئاللاھ ياردەمچىمىز بولسۇن.

ئەمما خانىم-قىزلارنىڭ كۆپ ۋاقىتتا تىلۋىزۇردا چىققان ئەرلەرگە شەھۋەتسىز قارىشى مۇباھ-دۇرۇست ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە كۆپچىلىك ئالىملار دەلىل بايان قىلغان، تىلۋىزۇرغا قاراش دېگەن  بۇ تۈردىن ئەمەس، بۇنىڭدا ھېچ بىر ھاجەت يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن خانىم-قىزلار پايدىسىز ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئاقىۋىتى مەدھىيەلىنىدىغان پايدىلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىشى كېرەك. ئاللاھ پايدىلىق ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەرجەلەر

مۇھەببەت ۋە بۇزۇقچىلىقنىڭ باشلىنىشى

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android